-
ئۇيغۇرچە Premiere - [ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار]
ئۇيغۇرچە PremierePremire Proبولسا ئادوبى شىركىتنىڭ يەنە بىر داڭلىق دېتالى. بۇ دېتال مۇكەممەل بولغان كەسپى فىلىم ئىشلەش بولۇپ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.مەن ھازىر بۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمەن، تەرجىمىسى ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى، ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، سىناش باسقۇچلىرى قالدى..
评论
بۇنى سوراشقا بۇلامدىكىن؟؟؟
ئېنىق ۋاقتىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
تەكرار-تەكرار سىناپ قەتئى خاتالىق چىقمايدىغان قىلمىسام بولمايدۇ
سىزنىڭ مۇنۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققانلىقىڭىزنى كۈرۈپ ئىشخانىدىكى ھەممىمىز سىزگە ئاپرىن ئېيىتماي تۇرالمىدۇق.
ياشاپكىتىڭ ئۇيغۇرۇم!، تېخىمۇ كۆكلەڭ ئۇيغۇرىيە ئەپەندىم!!!
بىز يوقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىككى ئاساسەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن قىسقا ھەجىملىك ئېلان تەشۋىقاتى ئىشلىمەكچى ئىدۇق.
شۇنىڭ ئۈچۈن سۈرەت تەھرىرلەش دىتاللىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىزدەپ
(چۈنكى سەۋىيمىز چەكلىك) سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇنۇ تىمىنى تاپتۇق،ھەمدە ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوشال بولدۇق.
ئەمدى سىزگە دەيدىغىنىمىز مۇنۇ دىتالنىڭ سىناق نۇسخىسىنى بىزگە تەمىنلىسىڭىز، بىز بۇنى باشلىقلارغا كۆرسۈتۈپ مەجبۇرى رەسمى نۇسخىسىنى ئالدۇرساق، بۇلامدۇ يوق؟ئەگەر بۇلىدۇ دىسىڭىز بىزنىڭ ئىشخانىدا 3دانە كومپىيوتىر بار ئىدى.
كۆرسەتمە بەرسىڭىز!!!
مۇمكىن بولسا بىزگە مۇشۇ ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان، لاۋزا خىزمەتنى ئىشلەش ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بەرسىڭىز؟!.
تىما ئاستىدىن جاۋابىڭىزنى كۈتىمىز؟؟؟
ھازىر تېخى تۇللۇق پۈتمىدى. جىددى ئىشلەۋاتىمەن.
رەسمى پۈتكەندە خەۋەر قىلاي.
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ئالىپ ئەنۋەر ئەپەندىمنىڭ ھەرگىز توختاپ قالماسلىقىنى ، ھەۋەسكارلارنى يىتەكلەپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە يۇمتاللىرىنى مەيدانغا چىقىرىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز .
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان ، تىنىڭىزنى سالامەت قىلغاي !
بولسا ماڭا بۇنى ماڭا يوللاپ بېرەمسىز؟