• مېنىڭ ئارزۇيۇم I Have a Dream - [مەشھۇر شەخىسلەر]

    خەتكۈچ:Martin Luther King

      (1929 - 1968)  مارتىن لوتىر كىڭ ئامېرىكا نىگىر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. ئۇ پوپمۇ بولغان. 1954 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا رەڭلىك ئېرىقلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1955 - يىلى ئالاباما شتاتى مونتگومېرېي شەھىرىدە شەھەر ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ئېرقىي بۆلۈنمىچىلىك تۈزۈمىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئاپتوموبىل شىركىتىنى بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان، ھەم نىگىر شوپۇرلارنىڭمۇ ماشىنا ھەيدىشىگە ماقۇل كەلتۈرگەن. 1957 - يىلى جەنۇبتىكى خىرىستىئان دىنى داھىيلار يىغىنىدا رەئىسلىككە سايلانغان. 1958 - يىلى جەنۇبتىكى 21 ئاساسلىق شەھەردە يىغىن ئېچىپ، نىگىرلانىڭ گىراژدانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. 1963 - يىلى 8 - ئايدا ۋاشېنگتون ئالاھىدە رايونىدا 250 مىڭ ئادەم قاتناشقان بىر قېتىملىق چوڭ يىغىن ئېچىپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ئىرقىي باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغان. 1964 - يىلى جۈنسۇن زۇڭتۇڭنى خەلق ھوقۇقى قانۇنىغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇ ئىزچىل تۈردە زوراۋانلىق قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1968 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېرقىي ئايرىمچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كۈننى ئامېرىكىدا قانۇنلۇق خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. «مېنىڭ ئارزۇيۇم» ناملىق بۇ نۇتۇق مارتىن. لوتىر. كىنگىنىڭ 1963 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ۋاشېنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيىدا ئاممىۋى يىغىندا سۆزلىگن مەشھۇر نۇتۇقىدۇر.

      مېنىڭ ئارزۇيۇم
      1963 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى .
    بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامېرىكىلىق نىگىرلارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغانىدى. بۈگۈن بىز ئۇنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا يىغىن ئېچىۋاتىمىز. ئۇ تەنتەنىلىك خىتابنامە گويا ماياك نۇرى كەبى ھاياتنى نابۇت قىلىدىغان ئادالەتسىزلىك يالقۇنى ئىچىدە كۆيىۋاتقان، ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن مىليونلىغان نىگىر قۇللارغا يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى خۇشاللىققا چۆمگەن تاڭ نۇرى بولۇپ، نىگىرلارنى ئاسارەتتە قويغان ئۇزۇن تۈننى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.
    بىراق، يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگىرلارنىڭ تېخىچە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ بىر پاجىئەلىك پاكىتقا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئېرقىي بۆلۈنمىچىلىكنىڭ ئاسارىتى ۋە ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا نىگېرلارنىڭ ھاياتى خورلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگېرلار ماددىي نېمەتلەر تولۇق بولغان ئوكياننىڭ بىر كەمبەغەل ئارىلىدا ھايات كەچۈرۈۋاتىدۇ. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگېرلار يەنىلا ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ سەرگەندانلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا. بۈگۈن بىز بۇ يەردە يىغىن ئېچىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپچىلىككە ئېلان قىلماقچىمىز.
    مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۈگۈن بىز بۇرۇنقى بەرگەن ۋەدىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ دۆلەتنىڭ پايتەختىگە جەم بولدۇق. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىگە تاغنى تالقان - چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتلىك سۆزلەرنى يازغاندا ھەربىر ئامېرىكىلىققا ۋەدە بەرگەنىدى. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانغا ھاياتلىق، ئەركىنلىك، بەخت ئىزدىنىشتىن ئىبارەت مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇق بېرىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدى.
    ئامېرىكا رەڭلىك پۇقرالار ئالدىدا ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ئامېرىكا ئۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي نىگېرلارغا بىرتال قۇرۇق چەك بەردى. بانكا «مەبلەغ يېتىشمەيدۇ» دېگەن تامغىسىنى بېسىپ ئۇ چەكنى قايتۇرۇۋەتتى. ئەمما بىز ئادالەت بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز. بىز مۇنداق چوڭ دۆلەتنىڭ خەزىنىسىدە يېتەرلىك زاپاسنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيمىز. شۇڭا بۈگۈن بىز شۇ چەكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق. بۇ چەك بىزگە قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ئادالەت كاپالىتى بېرىدۇ.
    بىز بۇ يەرگە ئامېرىكىنى ھازىر ئەھۋال جىددىي، ھازىر تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچ دورا ئىچىدىغان پەيت ئەمەس، ھازىر دېموكراتىيەنى يولغا قويىمىز دېگەن ۋەدەڭلارنى روياپقا چىقىرىدىغان پەيت؛ ھازىر ئېرقىي ئايرىمىلىقتىن ئىبارەت چۆلدەرەپ كەتكەن چوڭقۇر جىلغىدىن مىللەتلەر باراۋەر بولۇشتەك پارلاق يولغا يامىشىپ چىقىش پەيتى؛ ھازىر تەڭرى ياراتقان بارلىق پەرزەنتلەرگە پۇرسەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش پەيتى؛ ھازىر دۆلىتىمىزنى ئېرقىي تەڭسىزلىك قاينىمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قېرىنداشلارچە مۇستەھكەم ئىتتىپاقلاشتۇرۇش پەيتى دەپ ئاگاھلاندۇرۇشقا كەلدۇق.
    ئەگەر ئامېرىكا بۇ جىددىي مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەي، نىگېرلارنىڭ ئىرادىسىنى كەم سۇندۇرسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەركىنلىك، تىنچلىقنىڭ سالقىن كۈز پەسلى يېتىپ كەلمەيدىكەن، نىگېرلارنىڭ غەزەپلىك تومۇز كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. 1963 - يىلى كۈرەشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەمدى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزىلەر نىگېرلار بىرئاز ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىپ بولدى قىلسا بولاتتى، دەپ ئۈمىد قىلىدۇ. دۆلەت ئەگەر جىم تۇرۇۋالسا، قىلچە ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقىدۇ. نىگېرلار گراژدانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىسە، ئامېرىكىدا تىنچلىق، ئەمىنلىك بولمايدۇ. ئادالەت ۋە پارلاق كۈن يېتىپ كەلمىگۈچە بوران - چاپقۇن بۇ دۆلەتنى ئاساسىنى تەۋرىتىدۇ.
    ئەمما، ئادالەت ئوردىسىنىڭ ئالدىدا تىت - تىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە شۇنى دەپ قويۇش زۆرۈركى، بىز قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتە خاتا ئۇسۇللارنى قوللانماسلىقىمىز لازىم. بىز ئەركىنلىك تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇش يولىدا دۈشمەنلىك ۋە نەپرەت شارابىنى ئىچمەسلىكىمىز لازىم. بىز كۈرەش قىلغاندا ھەركىتىمىز دۇرۇس، ئىنتىزامىمىز چىڭ بولۇشى كېرەك. بىز يېڭى شەكىلدىكى قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز مەنىۋى كۈچ ئارقىلىق ماددىي كۈچكە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك مەنزىلگە كىرىشىمىز كېرەك.
    ھازىر نىگېرلار جەمئىيىتىدە غايەت زور كۈرەش روھى ئۇرغۇۋاتىدۇ. لېكىن مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە ئىشەنمىسەك بولمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئاق تەنلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۆز تەقدىرىنىڭ بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. يىغىغان قاتناشقانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز ئايرىم ھەرىكەت قىلساق بولمايدۇ.
    ھەرىكەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ئالغا ئىلگىرىلەشكە بولىدۇكى ھەرگىز چېكىنىشكە بولمايدۇ. ھازىر بەزىلەر خەلق ھوقۇقى پائالىيىتىگە قىزىقىدىغانلاردىن: «سىلەر قاچان رازى بولىسىلەر؟» دەپ سوراۋاتىدۇ.
    نىگېرلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋېرىدىكەن، بىز ھەرگىز رازى بولمايمىز.
    بىز سىرتتا ئېقىپ يۈرۈپ، يول بويىدىكى مېھمان كۈتۈشلەردە ۋە شەھەردىكى سارايلاردا ياتالمىغۇچە ھەرگىز رازى بولمايمىز.
    نىگېرلارنىڭ ئاساسىي پائالىيەت دائىرىسىدا ئاز سانلىق مىللەت توپلاشقان كىچىك نامرات رايوندىن چوڭ نامرات رايونغا كۆچمىگۈچە ھەرگىز رازى بولمايمىز.
    مىسسىسىپىدا بىر نىگېر سايلامغا قاتنىشالمىسا، نيو - يوركتا بىرەر نىگېرنىڭ تاشلىغان بېلىتى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا بىز ھەرگىز رازى بولمايمىز.
    ياق، ھازىر بىز زادى رازى ئەمەس. كەلگۈسىدىمۇ ئەگەر ئادالەت دولقۇنى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇرۇپ كەلمىگۈچە رازى بولمايمىز.
    مەن كۆپ دىققەت قىلدىم، بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقانلار ئارىسىدا ئازاب تارتىپ خورلانغانلار بار؛ تۈرمىنىڭ تار ئۆيلىرىدىن ئەمدىلا چىققانلارمۇ بار؛ ھەتتا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى ۋەجىدىن زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇرۇلۇپ مېيىپ بولغانلار، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن جەۋرى تارتقانلارمۇ بار. سىلەر ئۇزاق مۇددەت تېگىشلىك بولمىغان جاپاغا مۇپتىلا بولدۇڭلار. قەتئىي چىڭ تۇرۇڭلار، قەتئىي ئىشىنىڭلاركى، تېگىشلىك بولمىغان جاپانى تارتىش گۇناھتىن ساقىت بولغانلىقتۇر.
    بىز مىسسىسىپىغا قايتىپ بېرىشىمىز، ئالاباماغا بېرىشىمىز، جەنۇبىي كارولىغا بېرىشىمىز، جورجىيەگە بېرىشىمىز، لوئىس ئانناغا بېرىشىمىز، شىمالدىكى شەھەرلەرگە جايلاشقان نامراتلار رايونى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا بېرىشىمىز، كۆڭلىمىزدە سان بولۇشى لازىم، بۇنداق ئەھۋال جەزمەن ئۆزگەرتىلىدۇ. بىز ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەيلى.
    دوستلار، بۈگۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، شۇ تاپتا بىز گەرچە خورلىنىۋاتقان، ئازابلىنىۋاتقان بولساقمۇ مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار. بۇ ئارزۇيۇم ئامېرىكىنىڭ ئارزۇلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
    ئۇ ئارزۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ دۆلەتنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، «بۇ ھەقىقەت بىزنىڭچە ئۆزلىكىدىن مەلۇم: ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن ئەقىدىمىزنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.
    بىر كۈنى جورجىيەدىكى قىزىل تاغدا ئىلگىرىكى قۇلنىڭ ئوغلى قۇلدارنىڭ ئوغلى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئاكا - ئۇكىدەك دوستانە سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىسسىسىپى شتاتىدىن ئىبارەت بۇ ئادالەتسىز، زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان، چۆلكەبى جايمۇ ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ بوستانلىقىغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ تۆت ئوغلۇم تېرىسىنىڭ قانداق بولىشىغا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىلىدىغان دۆلەتتە خاتىرجەم ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
    بۈگۈنمۇ مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئالاباما شتاتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى گەرچە بۇ شتات باشلىقى ھازىر مەنىسىز گەپ قىلىپ يۈرگەن، قوشما شتاتلار قانۇنىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەردىكى نىگېرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
    بۈگۈن مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە جىلغىلار ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، تاغلارنىڭ پەسىيىشىنى، ئەگرى - توقاي يوللارنىڭ داغدام يوللارغا ئايلىنىشىشىنى، ئىنسانلار دۇنياسىغا پارلاق نۇر چېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
    بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز. بىز مۇشۇ ئېتىقاد بىلەن جەنۇبقا قايتىپ كەلدۇق. مۇشۇنداق ئېتىقادىمىز بولسا، بىز ئۈمىدسىزلىككە تولغان تىك ياردىن ئۈمىد ئابىدىسىنى تاپالايمىز. مۇشۇنداق ئېتىقادىمىز بولسا بۇ دۆلەتتىكى غاژ - غۇژ تاۋۇشلارنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل سىمگفونىيىگە ئايلاندۇرالايمىز.
    مۇشۇنداق ئېتىقادىمىز بولسا، بىز بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە ئىبادەت قىلىپ، بىللە كۈرەش قىلىپ، بىللە تۈرمىدە ياتىمىز؛ ئەركىنلىكنى بىللە قوغدىيالايمىز. چۈنكى بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەركىنللىككە ئېرىشىمىز.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەركىنلىك يېتىپ كەلگەندە تەڭرىنىڭ بەندىلىرى يېڭى مەزمۇندىكى مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ: «ھۆرلۈككە تولغان گۈزەل ۋەتىنىم، مەن ناخشامدا كۈيلەيمەن سېنى، ئاتام سەندە كۆزىنى يۇمغان، سەن مۇساپىرنىڭ پەخرى - ھاياتى. شۇڭا تۇرار ئەركىنلىك ھەريان، لەرزان ئاۋازدا ياڭرىتىپ كۆكنى.»
    ئەگەر ئامېرىكا ئۇلۇغ دۆلەتكە ئايلانسا بۇ ئارزۇيۇم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەركىنلىك ساداسى يېڭى ھامپىشىر شتاتىنىڭ ھەيۋەتلىك تاغلىرىدا ياڭرايدۇ. ئەركىنلىك ساداسى نيو - يورك شتاتىدىكى تاغ - داۋانلاردا ياڭرايدۇ. ئەركىنلىك ساداسى پېنسىلىۋانىيە شتاتىدىكى ئاللېگىن تاغلىرىدا ياڭرايدۇ!
    ئەركىنلىك ساداسى كولورادو شتاتىدىكى ئۈستىنى قار - مۇز قاپلاپ تۇرىدىغان روككى تاغلىرىدا ياڭرايدۇ! كالفورنىيە شتاتىدىكى تاغلاردا ياڭرايدۇ. شۇنىڭدەك ئەركىنلىك ساداسى جورجىيە شتاتىدىكى تاغ چوققىسىد ياڭرايدۇ! ئەركىنلىك ساداسى تېننىسېسى شتاتىدىكى بوۋان تېغىدا ياڭرايدۇ.
    ئەركىنلىك ساداسى مىسسىسىپىنىڭ ھەربىر چوقۇرلىرىدا ياڭرايدۇ! ئەركىنلىك ساداسى بارلىق تاغ قاپتاللىرىدا ياڭرايدۇ.
    ئەركىنلىك ساداسى بارلىق چوڭ - كىچىك كەنتلەردە، شتاتلاردا ۋە بارلىق شەھەرلەردە ياڭرىغاندا بىز شۇندق كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تېزلىتىمىز. ئۇ چاغدا تەڭرىنىڭ بارلىق بەندىلىرى نىگېرلار ۋە ئاق تەنلىكلەر، يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە غەيرى يەھۇدىي دىنىدىكىلەر، ئەيسانىڭ مۇرىتلىرى ۋە كاتولىك دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ، ئەڭ قەدىمكى نىگېرلار ناخشىسىنى خور قىلىپ ئوقۇيدۇ: «ئەركىنلىككە ئېرىشتۇق. ئېرىشتۇق بىز ئېرىشتۇق. تەڭرىمىزگە ھەشقاللا، ئەركىنلىككە ئېرىشتۇق!»
     
    I Have a Dream by Martin Luther King, Jr. 1@dI;>r  

    NAHox3xc  

    I am happy to join with you today in what will go down in history as the greatest demonstration for freedom in the history of our nation. CYUA i;{�E  
    -YLc"yL)B  
    Five score years ago, a great American, in whose symbolic shadow we stand today, signed the Emancipation Proclamation. This momentous decree came as a great beacon light of hope to millions of Negro slaves who had been seared in the flames of withering injustice. It came as a joyous daybreak to end the long night of their captivity. nRas(0@  
    i=IF~pUM  
    But one hundred years later, the Negro still is not free. One hundred years later, the life of the Negro is still sadly crippled by the manacles of segregation and the chains of discrimination. One hundred years later, the Negro lives on a lonely island of poverty in the midst of a vast ocean of material prosperity. One hundred years later, the Negro is still languished in the corners of American society and finds himself an exile in his own land. And so we've come here today to dramatize a shameful condition. TGhCPe2  
    6 _^X@$IVD  
    In a sense we've come to our nation's capital to cash a check. When the architects of our republic wrote the magnificent words of the Constitution and the Declaration of Independence, they were signing a promissory note to which every American was to fall heir. This note was a promise that all men, yes, black men as well as white men, would be guaranteed the "unalienable Rights" of "Life, Liberty and the pursuit of Happiness." It is obvious today that America has defaulted on this promissory note, insofar as her citizens of color are concerned. Instead of honoring this sacred obligation, America has given the Negro people a bad check, a check which has come back marked "insufficient funds." WSV9r[mC  
     iPf6s8/=  
    But we refuse to believe that the bank of justice is bankrupt. We refuse to believe that there are insufficient funds in the great vaults of opportunity of this nation. And so, we've come to cash this check, a check that will give us upon demand the riches of freedom and the security of justice. "8BJca~  
    L0G]21XB  
    We have also come to this hallowed spot to remind America of the fierce urgency of Now. This is no time to engage in the luxury of cooling off or to take the tranquilizing drug of gradualism. Now is the time to make real the promises of democracy. Now is the time to rise from the dark and desolate valley of segregation to the sunlit path of racial justice. Now is the time to lift our nation from the quicksands of racial injustice to the solid rock of brotherhood. Now is the time to make justice a reality for all of God's children. h/]Gl|9(a  
    h_7mSA|3r  
    It would be fatal for the nation to overlook the urgency of the moment. This sweltering summer of the Negro's legitimate discontent will not pass until there is an invigorating autumn of freedom and equality. Nineteen sixty-three is not an end, but a beginning. And those who hope that the Negro needed to blow off steam and will now be content will have a rude awakening if the nation returns to business as usual. And there will be neither rest nor tranquility in America until the Negro is granted his citizenship rights. The whirlwinds of revolt will continue to shake the foundations of our nation until the bright day of justice emerges. 63W'DR5j  
    #cjWk F88  
    But there is something that I must say to my people, who stand on the warm threshold which leads into the palace of justice: In the process of gaining our rightful place, we must not be guilty of wrongful deeds. Let us not seek to satisfy our thirst for freedom by drinking from the cup of bitterness and hatred. We must forever conduct our struggle on the high plane of dignity and discipline. We must not allow our creative protest to degenerate into physical violence. Again and again, we must rise to the majestic heights of meeting physical force with soul force. S8b"Op@-f  
    |&bFW  
    The marvelous new militancy which has engulfed the Negro community must not lead us to a distrust of all white people, for many of our white brothers, as evidenced by their presence here today, have come to realize that their destiny is tied up with our destiny. And they have come to realize that their freedom is inextricably bound to our freedom. k3zF{Is  
    i5m`*:h6#  
    We cannot walk alone. <\J^ ou8C  
    %s<xU7nc  
    And as we walk, we must make the pledge that we shall always march ahead. 5&`qC-b&  
    yt;KIcO  
    We cannot turn back. _T;n)i*L  
    AkS`gj9  
    There are those who are asking the devotees of civil rights, "When will you be satisfied?" We can never be satisfied as long as the Negro is the victim of the unspeakable horrors of police brutality. We can never be satisfied as long as our bodies, heavy with the fatigue of travel, cannot gain lodging in the motels of the highways and the hotels of the cities. We cannot be satisfied as long as a Negro in Mississippi cannot vote and a Negro in New York believes he has nothing for which to vote. No, no, we are not satisfied, and we will not be satisfied until "justice rolls down like waters, and righteousness like a mighty stream." ioa+6-�@  
    I am not unmindful that some of you have come here out of great trials and tribulations. Some of you have come fresh from narrow jail cells. And some of you have come from areas where your quest -- quest for freedom left you battered by the storms of persecution and staggered by the winds of police brutality. You have been the veterans of creative suffering. Continue to work with the faith that unearned suffering is redemptive. Go back to Mississippi, go back to Alabama, go back to South Carolina, go back to Georgia, go back to Louisiana, go back to the slums and ghettos of our northern cities, knowing that somehow this situation can and will be changed. HC5e8T9  
    +. $1DIL  Let us not wallow in the valley of despair, I say to you today, my friends. +?Y}F�(  
    >�Zp?q!  And so even though we face the difficulties of today and tomorrow, I still have a dream. It is a dream deeply rooted in the American dream. 5QMDSOkG  
    o+xv.Vqe  
    I have a dream that one day this nation will rise up and live out the true meaning of its creed: "We hold these truths to be self-evident, that all men are created equal." YiK$W 
    @X_iV6(S9  
    I have a dream that one day on the red hills of Georgia, the sons of former slaves and the sons of former slave owners will be able to sit down together at the table of brotherhood. DFAYp%  
     KZT77E  
    I have a dream that one day even the state of Mississippi, a state sweltering with the heat of injustice, sweltering with the heat of oppression, will be transformed into an oasis of freedom and justice. j_{*4Q  
    UFPN@E_  
    I have a dream that my four little children will one day live in a nation where they will not be judged by the color of their skin but by the content of their character. tWD|4)I  
    &TNB[bhb  
    I have a dream today! 3A>%MVwff  
    MVM_1 +  
    I have a dream that one day, down in Alabama, with its vicious racists, with its governor having his lips dripping with the words of "interposition" and "nullification" -- one day right there in Alabama little black boys and black girls will be able to join hands with little white boys and white girls as sisters and brothers. A2Lkl 
    .7~(BT  
    I have a dream today! :9|.51ha I  
    9kj:Xv  
    I have a dream that one day every valley shall be exalted, and every hill and mountain shall be made low, the rough places will be made plain, and the crooked places will be made straight; "and the glory of the Lord shall be revealed and all flesh shall see it together."? BOih>I  
    This is our hope, and this is the faith that I go back to the South with. TcFh[AYD  
    ?n8+A,?i  
    With this faith, we will be able to hew out of the mountain of despair a stone of hope. With this faith, we will be able to transform the jangling discords of our nation into a beautiful symphony of brotherhood. With this faith, we will be able to work together, to pray together, to struggle together, to go to jail together, to stand up for freedom together, knowing that we will be free one day. fQ,~(+ ?kt  
    @u]%?C@],  
    And this will be the day -- this will be the day when all of God's children will be able to sing with new meaning: VNwarQa$  
    D(qa}bd5�  
    My country 'tis of thee, sweet land of liberty, of thee I sing. *{169@t  
    /XlSf?[{  
    Land where my fathers died, land of the Pilgrim's pride, [AU\i6e  
    O+A+((b  
    From every mountainside, let freedom ring! Es+M^I!  
    yw3[K]c"6  
    And if America is to be a great nation, this must become true. S0>o.Q{q  
    X]qUV'*U  
    And so let freedom ring from the prodigious hilltops of New Hampshire. b%PA^#T_,q  
    h@OoP;z-m  
      Let freedom ring from the mighty mountains of New York. d24*K|jK$  
    7PQ"OceuwF  
      Let freedom ring from the heightening Alleghenies of } |8<-  
      Pennsylvania. No)^-)  
    [F*:8dNB  
      Let freedom ring from the snow-capped Rockies of Colorado. U6p%i,RoE  
    #R7-5O7  
      Let freedom ring from the curvaceous slopes of California. U`vNE*+  
    ASCpRhsF4  
      But not only that: J>YNVCO0X  
    :l;2I::  
      Let freedom ring from Stone Mountain of Georgia. }b/J)x||  
    ?^ jeH    Let freedom ring from Lookout Mountain of Tennessee. zKTFV   
    [Y*z I[U-    Let freedom ring from every hill and molehill of Mississippi. Tr 
    @Rr!i%T:    From every mountainside, let freedom ring. t8\O3OVK  
    s.9\_  
       And when this happens, when we allow freedom ring, when we let it ring from every village and every hamlet, from every state and every city, we will be able to speed up that day when all of God's children, black men and white men, Jews and Gentiles, Protestants and Catholics, will be able to join hands and sing in the words of the old Negro spiritual: f!7)awKf3  
    T6z?TY-  
      Free at last! free at last! >"4q m8K#  
    4 ^=pW):  
      Thank God Almighty, we are free at last




    评论

  • Buni korgen!
  • ياخشى يېزىپسىز ! داۋاملىق يازاسىز !