-
ئۇيغۇرچە Photoshop - [ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار]
ئۇيغۇرچە PhotoshopPhotoshop بولسا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دىتالىمەن بىر نەچچە ئاي جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، توردا ھەقسىز تارقاتقان ئىدىم، ئەمما شىنجاڭ ئونۋېرستىدىكى بىر قىسىم نومۇسسىزلار، مەن توردا ھەقسىز تارقاتقان دېتالنى چۈشۈرۋېلىپ، ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا ئۆزىنىڭ نامىدا سېتىۋاتىدۇ.مەن ئۇيغۇرچە دېتاللارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ قويدۇم.
评论
ئېلان قويماقچى بولسىڭىز بلوگىمغا ئىنكاس يېزىۋىتىڭ ياخشى بىر ئېلان تونۇشتۇرىمەن. كۈندە زىيارەت سانى 100 دىن ئاشسىلا 1 دوللارچە كىرىم قىلغىلى بولىدىغان ئېلان تونۇشتۇرىمەن.
تەرجىمىسىدە يەنە ئازراق مەسىلە ساقلىنىپ قاپتۇ؟ ئۇ بولسىمۇ بىرلىك مەسىلىسى «مىللىمىتىر، سانتىمىتىر ۋە پىكسىل» دىگەننى يىڭى بەت قۇرغاندا ئۇيغۇرچە باشقا ئورۇنلىرىدىكىنى ئۆز پىتى يەنى تەرجىمە قىلماي ئالساق بولمىسا بەزى ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە ئۇيغۇرچە پىكسىل دەپ بوپ قالسا بۇنداق قىممەت مەۋجۇت ئەمەس دەپلا خاتالىق چىقىۋىلىپ، قىلغان ئىشلىرىنى بىكار قىلىدىكەن.
سىز بۇ خاتالىقلىرىنى تۈگىتىپ بەزى تەرجىمە قىلىنماي قالغان جايلىرى «شىنجاڭ ئونۋېرستىدىكىلەر ئازراق تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىپتۇ» شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇكەممەل بىر تەرجىمە ھۆججىتىنى پۇتتۇرگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى. بىر تەۋسىيە (شىنجاڭ ئونۋېرستىدىكىلەرنىڭ(ئوغۇرلىغان) تەجىسىمىدە بەزەن ناچار جايلىرى بار ئىكەن مەسىلەن بىر رەسىم قەۋىتىنى كۆپەتكەندە XX قەۋەت كۆپەتمىسى قەۋەت كۆپەتمىسى دەپ چىقىۋالىدىكەن سىز تەرجىمە قىلغاندا بولسا قەۋەت كۆپەتمىسى 1، قەۋەت كۆپەتمىسى 2 دىگەندەك سان چىقاتتى) ئەسلى مەن بۇ ئىككى تەرجىمىنى بىرلەشتۇرۇپ يىڭى بىر تەرجىمە ھۆججىتىنى پۇتتۇرۇپ سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىزنى ئىلىپ بلوگىمغا قوياي دىگەن ئىدىم ئەپسۇس قايسى كۈنى سېستىمامدىن چاتاق چىقىپ قايتا قاچىلاش جەريانىدا يوقىتىپ قويدۇم. بىكار ۋاقتىڭىز بولسا يۇقارقى پىكىرىمنى ئويىلىشىپ كۆرۇپ ئىككىنجى قىتىملىق تەرجىمە ھۆججىتىنى پۇتتۇرگەن بولسىڭىز بەكلا ياخشى بولاتتى بۇنى ئېلان قىلغاچ بىلوگىڭىزغا ئادەم كۆپەيتكىلى بولاتتى
ئاۋۇ بىرلىكلەرنىڭ مەسلىسى سىز دىگەندەك ئەمەس. دەسلەپتە ئۇيغۇرچە ئالغان، سىز دىگەندەك ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كېيىن، پەقەت كۆرۈندىغان يەرلەردە ئۇيغۇرچە، باشقا قىممەت ئېلىپ ئۆزگىردىغان يەرلەردە ئېنگىلىزچە ئەسلى پېتى چىقىدۇ.
تۇلۇقلاپ تەرجىمە قىلىش ئىشىغا كەلسەك ھازىر پىرېمېرنى تەرجىمە قىلۋاتاتتىم، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، قۇلۇم سەل بوشغاندا بىر گەپ بولار