• ئۇيغۇرچە Photoshop CS4 Me بىرلا ھۆججەتلىك يېشىل نۇسخسى - [ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار]

    خەتكۈچ:

    ئۇيغۇرچە Photoshop CS4 Me بىرلا ھۆججەتلىك يېشىل نۇسخسى

    ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچىنى بىلدىغانلارنىڭ يۇمشاق دېتاللارنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشكە كىچىككىنە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە ئادوبى شىركىتى ئۆزى تارقاتقان Photoshop CS4 Me    نىڭ تىل ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىپ، بىرلا ھۆججەتلىك يېشىل نۇسخسىنى ياساپ چىقتىم.


    ئالاھىدىلىكى:
    1. بىرلا ھۆججەت. قاچىلاش، تىزىملاش، ئاكتىپلاش ھاجەتسىز، بىۋاسىتە ئىجرا قىلدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. بارماق دىسكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە كۈچۈرۋېلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
    2. پۈتكۈل كۆرۈنمە يۈزى، خاتالىق ئۇچۇرلىرى، كۆرسەتمە ئۇچۇرلىرىمۇ چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىنى بىلدىغانلا ئادەم فوتوشوپنى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىۋالالايدۇ.


    3. ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.


    4. خەنزۇچە ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار ئۈچۈن ھەقلىق نۇسخسىدا (ھەقسىز نۇسخسى پەقەت ئۇيغۇرچە) خەنزۇچە تىلمۇ قوشۇلغان. بىرلا بۇيرۇق بىلەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىلىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.


    5. فوتوشوپنىڭ CS4 نەشىرىدە 3D ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۈچ ئۆلچەملىك رەسىم ياساشقا، باشقا ئۈچ ئۆلچەملىك دېتاللاردا ئىشلىگەن رەسىمنى فوتوشوپتا ئېچىپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ. ئەمما، توردا كەڭ تارقالغان Photoshop CS4 لارنى ھەقىقى ئاكتىپلىمىسا 3D ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ. مەزكۇر ئۇيغۇرچە فوتوشوپنىڭ ھەقلىق نۇسخسىدا 3D ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاپ قوشۇۋەتتىم، بىۋاسىتە ئىشلەتسە بولىدۇ. (ھەقسىز نۇسخسىدا 3D ئىقتىدارى يوق)


    6. ھەقلىق نۇسخسىدا چىقىرىش، Eye Candy 4000 ، KPT  قاتارلىق قىستۇرمىلىرى قوشۇلغان.


    7. ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزىنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالىپسوفىت ئەپەندى ياسىغان چېكىتلىك خەت نۇسخسىدىن پايدىلىنىپ سىستېما خەت نۇسخسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. (بۇ ئىقتىدار پەقەت ھەقلىق نۇسخسىدا بار) ئىلگىرى سىستېما خەت نۇسخلىرىنى ئۇيغۇرچە قىلغاندا ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە خەتلەر كىچىك، بىر-بىرسىگە كىرىشىپ كېتىدىغان، سۇسلاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلەتتى، بۇ قېتىم بۇ مەسىللەر تۇللۇق ھەل قىلىندى. بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە خەتلەرگە ھېچقانداق تەسىر يەتمەيدۇ. باشقا يەرلەردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ ئۇچۇق، چىرايلىق كۆرۈندۇ. يۇنىكودنى قوللىمايدىغان قىسمەن ئورۇنلاردا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن GB2312 كود ئۆلچىمى قوللىنىلدى.فونتىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ئالىپسوفىت ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

    ھەقسىز نۇسخسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. بوشلۇقنى شاھدىيار تور بېكىتى تەمىنلىگەن.

     

    ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى قوللىماقچى بولسىڭىز، يەنىمۇ كۆپ دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ چىقىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز ھەقلىق نۇسخسىنى سېتىۋېلىڭ.

    سېتىۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە سۆز قالدۇرۇڭ ياكى مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

    سودا-سانائەت بانكا كارتا نومۇرى: 9558823014000522452

    Alipay  ھىساباتى: afrasyap@gmail.com

    QQ: 376637179

    E-mail: afrasyap@qq.com





    评论

  • ماڭا شۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولارمۇ؟ بۇ سېستىمىنىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى قاچىلىغان ئىدىم.ئ..
  • كارامەي ياخشى ئىش قىپسىز بۇرادەر،چاتاق يىرى،مەندە چۈشۈرگىلى بولمىدى~~~~~
    ئۇيغۇرىيە回复ئۇيغۇربەگ说:
    بۇ بىر يىلنىڭ ئالدىدا تورغا يوللانغان دېتال ئىدى. ھازىر تورغا چىقارغان ئۇ بوشلۇق تاقىلىپ قالغان ئوخشايدۇ.
    ئەمدى cs5 پۈتكەندە سىزدە شۇنى چۈشۈرسە بولىدۇ
    2010-06-10 09:49:53
  • بۇ بىر تاللا ھۆججەتنى قايسى دېتال بىلەن ياسىغان ئىدىڭىز؟بۇ دېتالنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
    رەھمەت!
  • ئىشلىتىپ باقتىم، تەرجىمىسىنى ھەقىقەتەن ياخشى قىپسىز، ئەممازە ئىجرا سۈرئىتى دەھشەتلا ئاستا ئىكەن ، بۇ بەلكىم سىزنىڭ ئىشلەتكەن مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كىرەك ، ھەر قىتىم ئىجرا قىلغاندا ئىچكى ساقلىغوچنى ئالۋاستىدەكلا يەيدىكەن ، ھەممە يېرىدىن شۇنداق رازى بولغانتىم مۇشۇ يېرىدىن بەك ئۈمىدسىزلەندىم . مۈمكىن بولسا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان قىلغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.
    سىز بۇنى بەك ئېغىرلاشتۇرۋىتىپسىز .
    سىزگە كۆپ رەخمەت! خەلق سىزنى ئۇنتۇمايدۇ !
    ئۇيغۇرىيە回复ئاۋرال说:
    cs4 نىڭ قاچىلاپ ئىشلىتىدىنىمۇ مۇشۇنداق ئېغىرراق.
    كومپىيۇتېرغا بولغان تەلىپى يۇقىرراق. فوتوشوپنىڭ بۇ نەشىردە يادرولۇق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن، نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان. ئۇ ماۋۇ دېتالنىڭ ئىشى ئەمەس. قاچىلاپ ئىشلىتىدىغىنى قانچىلىك كومپىيۇتېر بايلىقىنى ئىگىلىسە، بۇمۇ شۇنداق.سىزنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىڭىز تۆۋەنراق ئوخشايدۇ
    2009-06-10 17:24:34
  • ماڭىمۇ مەخپىي نومۇرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    رەخمەت سىزگە.
  • ماڭىمۇ مەخپىي نومۇرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    رەخمەت سىزگە.
  • سىزنىڭ ئۇيغۇرچە دىتاللارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە كۈچ چىقارغانلىقىڭزدىن ئىنايىن خۇشال بولدۇم.بۇ دىتالنىڭ سىناق نۇسخىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي دېگەنتىم،بىراق مەخپى نۇمۇرى بارئىكەن.ئەگەر نۇۋاپىق كۆرسىڭىز تۈۋەندىكى خەت ساندۇقىمغا يوللاپ بەرسىڭىز.
    dew1978@126.com
  • مەخپىي نومۇرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
  • ماڭىمۇ دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن
    ئېلخەت osmanturpan@gmail.com
    QQ:154411120
  • ماڭىمۇ دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن
    ئېلخەت osmanturpan@gmail.com
    QQ:154411120
  • پىرىستىن يىشىش نومۇرى قانچە ھەقسىزنىڭ ....
  • ماڭىمۇ مەخپىى نومۇرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز.دەرسلىك ئىشلىمەكچى بولۇپ، تەرجىمىسىنى پەقەتلا تۈزۈك ئالالمىدىم.
    ئېلخەت: abral@live.cn
    ئۇيغۇرىيە回复abral1说:
    كىيۇكىيۇ ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي.
    2009-05-23 18:31:11
  • مەن ئېلانچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كىرگۈزۈش ناھايىتى قولاي بولغىدەك، ماقۇل كۆرسىڭىز ماڭا ھەقسىز نۇسخىسىنىڭ مەخپى نومۇرىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز. ھەقلىق نۇسخىسىنى ئاندىن كۆرۈپ بېقىپ سېۋالسام.
    مېنىڭ خەت ساندۇقۇم aili0903@qq.com
    ئۇيغۇرىيە回复艾力说:
    كىيۇكىيۇ ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي. بۇ گەپنى ھەممە ئادەمگە دەپ يۈرمىسەممۇ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا يازغان يەردىن كۆرۈپ مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بولاتتى
    2009-05-21 20:46:35
  • ئۇيغۇرچە قوشۇلغان 微软雅黑 فونتىنى ئالىپ سوفت ئەپەندى ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ سوراپ باقسىڭىز، يوللاپ بەرسە ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقارسىز. بۇ فونتنىڭ خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە خەتلىرى خېلى چىرايلىق ئىكەن. بۇ Photoshop قا يەنە يېڭىلاش ئىېلىپ بارامسىز ،مەسلەن ئىنگلىزچە تىل ھۆججتىنى قوشۇش ۋە باشقا قوشۇمچىلارنى قوشۇش دېگەندەك؟
    ئۇيغۇرىيە回复uyghur说:
    微软雅黑 نى ئالىپ سوفىت ئەپەندى ياسىماپتۇ
    ئۇ ئۆلچەمسىز فونتكەن، ھەم كىچىكلەتسە سۇسلاپ كېتىدىغان ھەم قۇر ئارقىلىقى كېڭىيىپ كېتىدىكەن.
    2009-05-21 20:47:04
  • ھەقلىق نۇسخىسىدا ئىشلەتكەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى قايسى خىل خەت نۇسىخىسى؟ ئانچە چىرايلىق ئەمەسمۇ؟
  • بۇنىڭدىكى ھەقلىق نۇسخىسىدىكى 菜单 دىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر سەل سەت كۆرۈنىدىكەن،بۇنىڭكىنى ukij
    tuz tom غا ياكى ukij tuz tom yengiغا ئالماشتۇرغىلى بولارمۇ؟ياكى بولمىسا ئالىپ سوفت ئەپەندى ئۇيغۇرچە قوشۇپ ياسىغان 微软雅黑فونتىنى ئىشلەتكەن بولسا ،.بۇ فونت چىرايلىق ئىدى.
    ئۇيغۇرىيە回复Photoshop说:
    فوتوشوپنىڭ خەت نۇسخىسى سېستىما تەرپىدىن بەلگلىندۇ، ئۇنى ۋوردتىكى تېكىستنىڭ خېتىدەك ئۆزىمىز خالىغانچە فونتىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز.
    سىز دېگەن ئادەتتىكى ئۇيغۇرچە فونتلارغا ئۆزگەرتسە چوڭ ھالەتتە چىرايلىق تۇرغاندەك قىلغان بىلەن كىچىكلەتسە ھېچنىمىنى ئۇققىلى بولمايدۇ. سېستىما كىچىك ھالەتتە ئىشلىتىدۇ.
    سىزدە 微软雅黑 بولسا ئەۋەتىپ بېرىڭ، كۆرۈپ باقاي
    2009-05-18 11:09:40
  • ئېغىر كۆرمەي ماڭىمۇ مەخپى نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز.ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىشلەتكىم بار.
    uqawandaz@126.com
    ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. سىزنىڭ دوستانە ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
  • مۇبارەك بولسۇن!ھەقسىز نۇسقىسىنىڭ مەخپى نومۇررنى دەپ بەرسىڭز ئىشلىتىپ كورۇپ باقسام.370923787چچ!!!رەھمەت!
  • رەخمەت مەخپى نۇمۇرى قانچە؟ دەپ بەرگەن بولسىڭېز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    ئۇيغۇرىيە回复mamat110cs说:
    QQ: 376637179
    E-mail: afrasyap@qq.com
    مۇشۇلار ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي
    2009-05-14 15:59:03
  • يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتىڭىز بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن. مەنمۇ ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈردۈم. ئېچىش پارولىنى يانفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر قىلىۋىتەرسىزمۇ؟ 0991-5075533
  • ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپسىز، بۇنىڭدىن سىزنىڭ چوڭ ئەجىر سىڭدۇرگەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بۇلىدۇ.
    ئەمدى ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىش ئىشىغا كەلسەك، بۇنى سېتىۋالغاندا ئەگەر سېستىمىنى قايتا قاچىلىساق يەنە بۇ دېتالنى قايتا قاچىلىغىلى بۇلامدۇ؟
    مەنغۇ خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئىلىتىپ كۈنۈپ قالغان، شۇنداقتىمۇ بۇ رەسىملەرنى كۈرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ(ئەلۋەتتە، ئىشلىتىپ بېقىشقا ئامالسىز قالدىم، مەخىپىي نۇمۇرى بارئىكەن) شۇڭا ئۇيغۇرچە دىتالچىلىقنى قوللاش يۈزىسىدىن بىرنى ئېلىپ قۇيۇش قارارىغا كەلگەن، بىراق ئاۋال ئاۋۇ سىناق نۇسخىسىنى بىر سىناپ باقاي دەيمەن. ئەگەر خالىسىڭىز ئاۋال مەخىپىي نۇمۇرىنى ئېلخېتىمگە يوللاپ بەرسىڭىز، مەن بىر سىناپ باقاي. ياقتۇرۇپ قالسام ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن ھەم سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىزدەك ئوقۇغۇچىلار(ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان) بۇ خەنزۇچە نۇسخىسىدىن قىينالمىغان بىلەن، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلار قىينىلىدۇ،ئەگەر ياردەملىشىشكە مۇمكىن بولسا مەن تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە تەييار، ئۇنىڭسىزمۇ مەن يېقىندا ئىزچىل كىتاب تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.
    ilqut.com@hotmail.com
    ئۇيغۇرىيە回复PengiYar说:
    QQ: 376637179
    E-mail: afrasyap@qq.com
    مۇشۇلار ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي
    2009-05-13 15:30:21
  • ھۆرمەتلىك ئالىپ ئەپەندى سىزنىڭ بۇ ئىشقا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!!! مەنمۇ photoshop يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان بىر ھەۋەسكار ئىدىم. ھەقسىز نۇسخىسىنى سىناپ كۆرۈپ باقاي دېگەن. مەخپىي نومۇرىنى ئىېتىپ بىرەمسىز؟
    QQ: 431510016
    ئۇيغۇرىيە回复تايقۇت说:
    QQ: 376637179
    E-mail: afrasyap@qq.com
    مۇشۇلار ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي
    2009-05-12 20:47:32
  • دوستۇم
    ماڭا ھەقسىز نۇسخىسىنىڭ پېرىستىن يېشىش مەخپى نومۇرىنى دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
    مەن ئاۋال ھەقسىز نۇسخىسىنى كۆرۈپ باقاي،ئاندىن ياخشى بولسىلا ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن
    elbilge@qq.com
    ئۇيغۇرىيە回复ئاتتىلا说:
    QQ: 376637179
    E-mail: afrasyap@qq.com
    مۇشۇلار ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي
    2009-05-12 20:21:20
  • مەخپى نومۇرى يانچىپىدا يېزىقلىق باركەن غۇ.
    ۋىنراردا ئاچسىلا بۇلىدىكەن.
    مەن بۇ دىتالنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم
    ئۇيغۇرىيە回复saldam说:
    ياقتۇرۇپ قالغان بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخسىنى سېتىۋېلىڭ ئەمسە
    2009-05-12 20:20:32
  • مەخپىي شىفىرنى دەپ بېرەرسىزمۇ؟
    ئۇيغۇرىيە回复جەسۇر说:
    QQ: 376637179
    E-mail: afrasyap@qq.com
    مۇشۇلار ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي
    2009-05-12 19:10:24
  • بۇنىڭ باھاسى چۇ ؟
    Shuhrat@hotmail.com
    ئۇيغۇرىيە回复Antonio说:
    باھاسى 30 يۈەن
    2009-05-12 18:21:17
  • ھەقسىز نۇسقىسىنىڭ مەخپى نومۇررنى دەپ بەرسىڭز ئىشلىتىپ كورۇپ باقسام .mahmutjanuyg@163.com
    رەھمەت
    ئۇيغۇرىيە回复تېرىش说:
    QQ: 376637179
    E-mail: afrasyap@qq.com
    مۇشۇلار ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، دەپ بېرەي
    2009-05-12 17:13:39
  • چچ نومۇرۇم 851661083 مەخپى نومۇرنى دەپ بەرسڭز.
    كېينچە ھەقلىق نۇسخىسنى ئالاي .
    ئۇيغۇرىيە回复alfa说:
    مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ دەپ بېرەي.
    2009-05-12 13:41:45
  • مۇبارەك بولسۇن! ئاۋۇ فونت كۆزۈمگە تازا ئۇز كۆرۈنمەيدۇ، ئاشۇ فونتنى ئىشلەتكەن تور بەتلەرمۇ بىر قىسما كۆرۈنىدۇ، ئامال يوق جاھاننەمىنىڭ فونتىنى ئەلكاتىپ فونلىرىغا توغرىلاپ كۆرىمەن. PS CS3 نىڭ فونتى چىرايلىق ئىدى.
    ئۇيغۇرىيە回复ئۆگەن说:
    فوتوشۇپ 3 قا ئىشلەتكەن ئۇيغۇرچە فونىت چىرايلىق بولغان بىلەن، كىچىكلەتسە سۇسلاپ كېتىدۇ. ھەم خەنزۇچە ئېنگىلىزچە خەتلەرگە تەسىر قىلىدۇ. ئۇنى ئىشلەتسە فوتوشوپنىڭ بەزى كۆزنەكلىرى ئېكرانغا پاتمايدىكەن.
    2009-05-12 00:11:59
  • يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتىڭىز بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن. مەنمۇ ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈردۈم. ئېچىش پارولىنى يانفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر قىلىۋىتەرسىزمۇ؟ 13779286464
    ئۇيغۇرىيە回复ئابدۇرېشىت ئېلى说:
    ئابدۇرېشىت ئەپەندى، سىز مېنىڭ كىيۇكىيۇرىمدا بارغۇ. شۇ يەردىلا يوللاپ بىرەي شىفىرنى
    2009-05-12 00:09:47
评论分页:共2页 1 2 下一页 最后一页