-
ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(4) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]
ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار- تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى
نەبىجان تۇرسۇن( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
8. ئۆز يېرىنىڭ بايلىقىنى قوغدىغان قازاق باتۇرلىرى
1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى دەسلەپكى قەدەمدە غەلىبە قىلىپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئازاد قىلىنىش، 1945-يىلى، 10-ئايغا كەلگەندە تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىمۇ ئازاد قىلىنىپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىش بىلەن تەڭ باشلانغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر ئازاد رايونلاردىكى كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتاللارنى قېزىش ھەرىكەتلىرى ئارشاڭ تەۋەسىدە نورمال داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالتاي تەۋەسىدە بىر قاتار قارشىلىقلارغا ئۇچرىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆكتوقايدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۇران كانلىرىنى قېزىش پائالىيەتلىرى ئىزچىل تۈردە قازاقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ بېشىدا ئوسمان ئىسلام قاتارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە بىر قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتتىكى قەبىلە ئاق ساقاللىرى تۇراتتى. بىراق، موسكۋا ئوسمان ئىسلام تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان مەزكۇر قارشىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا پەرۋا قىلماي، قېزىش ئىشلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ھەقىقىي قارشىلىق ئوسمان ئىسلامدىن ئەمەس بەلكى، شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىدىن كەلدى. قىسقىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1941-يىلىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتايدا ئېلىپ بارغان كان قېزىش ئىشلىرى گاھىدا شېڭ شىسەي، ئوسمان ئىسلام ۋە گومىنداڭ تەرىپىدىن قارشىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى موسكۋا بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورناتقان بولسىمۇ، بىراق ئوسمان ئىسلام موسكۋانىڭ ئالتاينىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېلىپ كېتىشىگە باشتىن ئاخىرى قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ھەتتا ئۇنى توسۇش ئۈچۈن قاتتىق ۋاسىتىلەرنىمۇ قوللىنىش ئارقىلىق ستالىن، بېرىيا ۋە مولوتوۋ قاتارلىق سوۋېت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بىۋاسىتە دىققەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە، ئوسماننىڭ قارشىلىقى ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كوممۇنىزمغا قارشى ئىدىيىسى ۋە ئۆزىدىكى قازاق مىللەتچىلىك روھى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنى ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوسماننىڭ قارشىلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا ستالىن ئۆزى بىلەن بىر مەزگىل ئىتتىپاقلاشقان مەزكۇر "باتۇرنى" كۆزدىن يوقىتىشنى قارار قىلدى. ماقالىمىزدە تەكىتلەۋاتقان مەركىزىي نۇقتا، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆكتوقايدا كان قېزىش ئىشلىرىنىڭ ئوسمان ئىسلام تەرىپىدىن قارشىلىققا ئۇچرىشىنىڭ مەلۇم تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى بار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قازاقلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق كەيپىياتى شېڭ شىسەي دەۋرىدىلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
1940-يىلى ۋە 1941-يىلى كۆكتوقاي قازاقلىرى ئىككى قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى بىئارام قىلدى. كۆكتوقايدىكى قازاقلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى موسكۋا بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا تۈزۈلگەن، بىز ماقالىمىزنىڭ باش قىسمىدا تەكىتلەپ ئۆتكەن ئەشۇ مەخپىي كېلىشىم بويىچە سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ 1941-يىلى 5-ئايدا كۆكتوقاي تەۋەسىدە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ، بۇ يەردىن قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تېپىپ، قېزىش ئىشلىرىغا كىرىشكەن ھەمدە بۇنىڭغا 3000 دىن ئارتۇق يەرلىك ئاھالىنى ئەمگەككە سالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1941-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا شېڭ شىسەي ئالتاي ۋىلايىتىگە "كۆكتوقايدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن رۇس ئىنجېنېرلىرى كېلىپ ئىشلەيدۇ. قېزىش ئىشلىرىنى ئىشلەشكە سىرتتىن ئېلىپ كېلىدىغان ئەمگەك كۈچى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شۇ يەردىكى قازاقلاردىن 8000 ئادەم ئىشقا سېلىنسۇن" دېگەن بۇيرۇقى كېلىدۇ(65).
شېڭ شىسەي يەنە "ئالتۇن قازغۇچىلار " دېگەن ناملاردا كۆكتوقاي قاتارلىق جايلارغا ئۆز ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. پاتىخان سۇگۇربايېۋنىڭ ئەسلىشىچە، 1941-يىلى 4-ئايدا، بىرىنچى نۆۋەتتە، كۆكتوقايغا 300،چىڭگىلگە 200 ئادەم "ئالتۇن قازغۇچىلار" نامى بىلەن يېتىپ كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ، ئارىدىن يەنە بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا كۆكتوقايغا 400، چىڭگىلغا 200 "ئالتۇن قازغۇچى" كېلىپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئىككى قېتىمدا ئىككى ناھىيىگە كەلگەن "ئالتۇن قازغۇچىلار"نىڭ سانى 1100 دىن ئېشىپ كەتكەن(66). ئوسماننىڭ مەسلىھەتچىسى لاتىپنىڭ ئەسلىشىچە، مەزكۇر ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇلاردىن ئىبارەت (67). ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ "ئالتۇن قازغۇچىلار" نىڭ ماشىنا-ماشىنىلاردا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىرى جوتو، گۈرجەك بولماستىن بەلكى ئەكسىچە پىلىموت ۋە مىلتىققا ئوخشاش ھەربىي ئەشيالار ئىدى. بۇ ئادەملەر كېلىپلا، مەخپىي تۇتۇش ۋە بۇلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى كادىرباي مەزكۇر ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەربىي قورال-ياراقلار ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن قازغۇچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ. كۆكتوقاينىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى راھەت بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىپ قېچىپ كېتىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇنى ئادەتتىكى قازاق ساقچىلىرى ئەمەس بەلكى 200 دىن ئارتۇق "ئالتۇن قازغۇچى" تۇشمۇ-تۇشتىن ئىزدەيدۇ ھەمدە قازاقلارنىڭ 30 غا يېقىن يىلقىسىنى تارتىۋالىدۇ(68).
بۇ ۋاقىتتا يەنە "شېڭ شىسەي ئالتاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىۋەتتى " دېگەن سۆزلەرمۇ تارقالغان بولۇپ، كۆكتوقايدىكى قازاق قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن خەلىل تەيجى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى مۇئاۋىن ھاكىم راھەت بىر قىسىم ئادەملەرنى تەشكىللەپ، شۇ يىلى 6-ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق كۆكتوقاي قوزغىلىڭىنى قوزغىدى(69) . ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ 1940-يىلى 10-ئايلاردا كۆكتوقاي قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن تۈزگەن ئالتە تۈرلۈك كېلىشىمگە رىئايە قىلمىغانلىقى، كېلىشىم بويىچە شېڭ شىسەينىڭ ئالتايدىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر ۋەدىسىدە تۇرماي يەنىلا ئۆز قوشۇنىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئۈستىدىن تۇتقۇن قىلىش ۋە بۇلاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشتى.
راھەت قاتارلىقلار باشلىغان كۆكتوقايدىكى قوزغىلاڭچىلار سوۋېت كانچىلىرىنى قوغداۋاتقان 300 دىن ئارتۇق شېڭ شىسەي ئەسكىرى ۋە سوۋېت كانچىلىرىغا ھۇجۇم قوزغايدۇ. 1941-يىلى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سوۋېت كان تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن 56 ئادەم 20 ماشىنا بىلەن كۆكتوقايدا راھەت باشچىلىقىدىكى بىر توپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قانچە ماشىنا كۆيدۈرۈلگەن ۋە گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بانىئانكوۋ قاتارلىق بىر قانچە كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ (70) .قوزغىلاڭچىلار سوۋېت كانچىلىرى بىلەن قوشۇپ 300 دىن ئارتۇق شېڭ شىسەي ئەسكىرىنى تەل-تۆكۈس يوقىتىدۇ (71). شېڭ شىسەي بىر ياقتىن سۈلھى-سالا باشلاپ، قازاقلارنى قورال تاشلاشقا كۆندۈرۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن 4000 دىن ئارتۇق قوشۇن يۆتكەپ، ھەربىي ھۇجۇم تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بىلەن شېڭ شىسەي قوشۇنى ئارىسىدا كۆپ قېتىم جەڭلەر يۈز بېرىپ، قازاق قوزغىلاڭچىلىرى زور چىقىم تارتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى شېڭ شىسەي ئەۋەتكەن جانىمقان قاتارلىق قازاق تۆرىلىرىنىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسەملىرىگە ئىشىنىپ، تەسلىم بولۇپ قورال تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشۈپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە ئۆلتۈرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالتاي قازاقلىرىنىڭ 2-قېتىملىق قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولىدۇ. ئوسمان ئىسلام گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ، ئەمما ئىرادىسى مۇستەھكەم ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن جانىمقاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشەنمەي، تەسلىم بولماستىن بىر قانچە ئادىمى بىلەن قېچىپ كېتىپ پاناھلىنىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ . شېڭ شىسەيگە ۋاكالىتەن قوزغىلاڭچىلارنى ئەل قىلىشقا كەلگەن دەلىلقان سۇگۇربايېۋ بولسا، بىر قانچە مەزگىلدىن كېيىن ئالتايدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، 1941-يىلىنىڭ 10-ئايلىرىدا سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ يوشۇرۇشى بىلەن جېمىنەي ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى بىلەن 3-قېتىملىق ئالتاي قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئومۇمەن، بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئوسمان بىلەن دەلىلقاندىن ئىبارەت ئىككى مەشھۇر ئادەم ساق قېلىپ، كېيىنكى قوزغىلاڭ رەھبىرى بولۇپ قالىدۇ. ئوسماننىڭ ھاياتى چۆل-جەزىرىلەر ۋە تاغ-دالادا يوشۇرۇنۇپ، كۈچ توپلاش بولسا، دەلىلقاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىككى يىللىق ھاياتى ھازىرغىچە سىر سۈپىتىدە تۇرماقتا.
قازاقلارنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭى ئەمەلىيەتتە بىۋاسىتە شېڭ شىسەيگە قارىتىلغان بولۇپ، لېكىن شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، مەزكۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان نارازىلىق ھەم دۈشمەنلىكنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئىدى. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبلىرى بار. بىرىنچىدىن شېڭ شىسەي 1937-يىلىدىكى ئابدۇنىياز بەگ باشچىلىقىدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا پارتلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن باستۇرغاندىن كېيىن، ستالىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان "خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش" ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى) ئورگىنىنىڭ قوللىشى ۋە مەخسۇس ئەۋەتكەن خادىملىرىنىڭ ياردەملىرى بىلەن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالدى ۋە ئۆلتۈردى. ئەنە شۇ قېتىملىق تازىلاشتا ئۇيغۇرلاردىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغان خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلىپ، شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان قازاقلارنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلىرى ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ تازىلاندى. 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قىزىل ئارمىيىنىڭ بىر نەپەر قازاق ھەربىي خادىمى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئالتايغا قېچىپ كەتتى دەپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ يىلى 9-ئايدا شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۆلكە بويىچە قازاق، قىرغىز، موڭغۇل قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، قازاقلارنىڭ ئەل باشلىقلىرى، قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ، 40 نەچچە ئادەمنى ئۈرۈمچىگە قۇرۇلتايغا چاقىرتىپ نەزەربەند قىلىپ قويدى (72). ئارقىدىنلا ئالتاي تەۋەسىدىن يەنە 400 دىن ئارتۇق قازاق ئاق ساقاللىرىنى سارسۇمبە شەھىرىگە يىغىپ، نەزەربەند قىلدى ھەمدە قازاقلارنىڭ ھەر خىل قوراللىرىنى ھەتتا كەكە-پالتا-پىچاققىچە بولغان ئائىلە قوراللىرىنىمۇ يىغىش ھەرىكىتى باشلىدى(73). شېڭ شىسەي دائىرىلىرى قازاق ئاق ساقاللىرىنى خەلق قولىدىكى بارلىق قوراللارنى يىغىپ بېرىشكە قىستىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان شېڭ شىسەي ئالتاينىڭ ۋالىسى ۋە قوشۇمچە گارنىزون قوماندانى شەرىپقانغا " ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت قۇرماقچى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللاندى" دېگەندەك بىر قاتار جىنايەتلەرنى ئارتىپ، باشقا بىر قىسىم قازاق تۆرىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى . بۇ ۋاقىتتا يەنە قازاقلارنىڭ گەنسۇ، چىڭخەي تەرەپكە قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، شېڭ شىسەي ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇن ئەۋەتىپ ئوخشاشلا قانلىق باستۇردى. ئومۇمەن، شېڭ شىسەينىڭ پۈتۈن ئۆلكە بويىچە جۈملىدىن ئالتاي تەۋەسىدىكى تازىلاش ھەم باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلەر ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە قۇرغان ئامانلىق ساقلاش ۋە سىياسىي قوغداش ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مۇقەررەر .
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قازاقلارنىڭ 1940-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق شېڭ شىسەيگە قارشى قارشى قوزغىلىڭى جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەم بەرگەن بولۇپ، سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ھەمدە تاشقى موڭغۇل ئارمىيىسىنىڭ چېگرىدا قوزغلاڭچىلىرىنى توسۇشىغا قوماندانلىق قىلغان(74). بۇ ئەھۋاللار قازاقلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نارازى بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىدىكى يەنە بىر تەرەپ بولۇشى مۇمكىن.
ھەقىقەتەن، شېڭ شىسەينىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، 1943-يىلى،قازاقلارنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتاي تەۋەسىدىكى قازاقلار ئارىسىدا ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېف بىلەن تەڭلەشكىدەك يۇقىرى ئابرويلۇق كىشى قالمىغان بولۇپ، مەشھۇر قەبىلە ئاق ساقاللىرى، تەيجىلىرى، زىيالىيلىرى ۋە باتۇر ئادەملىرى شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ۋەيران بولۇپ تۈگەشكەن ئىدى.
ئىككىنچىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيگە ياردەم بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئەسلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىغان قازاقلارنىڭ رەھبىرى شەرىپقان قاتارلىق كۆپلىگەن زىيالىيلار ۋە قەبىلە ئاق ساقاللىرىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىغا ھەم ئۆلتۈرۈلىشىگە ماسلاشقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىلمىشلىرى قازاقلارنىڭ قەلبىدە يارا پەيدا قىلغان ئىدى. قەبىلە ئاق ساقاللىرى، مۆتىۋەرلەر، بولۇپمۇ سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ گراجدانلار ئۇرۇشى، كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش ھەمدە ئاچارچىلىق ۋەقەلىرى جەريانىدا بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتىدىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خالىماي، ئالتايغا قېچىپ كېلىپ ماكانلاشقان يۇقىرى قاتلامغا مەنسۇپ قازاقلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئۆچمەنلىك ھەم نارازىلىق كەيپىياتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل سوۋېتكە قارشى ئىدىيىسى يۇقىرى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى قازاق جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايتتى. بىزنىڭ بۇ ھۆكۈملىرىمىزنى ئوسمان ئىسلامنىڭ 1947-يىلى، قىشتا گۇچۇڭدا سوڭ شىلەن بىلەن سۆزلەشكەندە ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ:
"بىز شىنجاڭدىكى قازاقلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان قازاقلار ئەزەلدىن قانداش، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابتىن كېيىن رۇسىيە تەۋەسىدىكى قازاقلارنى دەھشەتلىك باستۇردى. بىرمۇنچە كىشىلەر قىرىلدى . مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. دىنى ئېتىقادتىن ، مەھرۇم قىلىندى . ھازىر شىنجاڭدا ياشاۋاتقان بەزى قازاق قەبىلىلىرى رۇسىيىدىن قېچىپ كەلگەن، شۇڭا بىز قازاقلار سوۋېتتىن بەك قورقىمىز ۋە سوۋېتكە بەك ئۆچ "(75).
دېمەك، قازاقلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ ئالتايدا پەيدا بولۇشى ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى، قازاقلار ئارىسىدا شېڭ شىسەي بۇ جاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى دەيدىغان چۈشەنچىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ ۋەجىدىن قازاق قوزغىلاڭچىلىرى ھېچ ئىككىلەنمەيلا سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ئالتاي قازاقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان ئىدى.9. چويبالساننىڭ ۋەدىسى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل
2-قېتىملىق كۆكتوقاي قوزغىلىڭى پارتلاپ، سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرى قازاقلارنىڭ تۇيۇقسىز ئاتقان ئوقلىرىغا يەم بولغانلىق خەۋىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ رەھبىرى، ستالىنغا تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبىسى ياساش تەكلىپىنى بەرگەن بېرىيانى چۆچۈتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا يېڭى باش ئاغرىقى پەيدا قىلىپ يەنە 16 كۈندىن كېيىن، يەنى، 1941-يىلى، 22-ئىيۇن ، تاڭ سەھەردە گىتلېر ئارمىيىسىنىڭ برېتىس قورغىنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن باشلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان ئومۇمىي يۈزلۈك ھۇجۇملىرى تاتلىق ئۇيقىدا ياتقان ستالىننى چۆچۈتىۋەتتى. موسكۋادىن تەخمىنەن تۆت مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق شەھەر ئۇرۈمچىدە ستالىنغا مۇرتلىققا قول بېرىپ، سەككىز يىلدىن بېرى ئۇنىڭ قونچىقى بولغان شېڭ شىسەيمۇ بۇ دەھشەتتىن ئەندىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى ۋە دەرھال ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانىغا تۇتۇش قىلدى. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ دۆلەت دەپ ئاتىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قانچە مىليون كىشىلىك قىزىل ئارمىيىسىنىڭ گىتلېر ئارمىيىسى تەرىپىدىن قىسقىغىنا بىر قانچە ئاي ئىچىدە يوقىتىلىشى، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە موسكۋا بوسۇغىسىغا يېتىپ كېلىشى شېڭ شىسەينىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە مەقسىتىنىڭ ئاشكارىلىشىغا سەۋەب بولدى. شېڭ شىسەينىڭ ئۆزى بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق، مىللەتداشلىق ئورتاقلىقى بولمىغان، گرۇزىن قېنىغا مەنسۇپ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دىكتاتورى ھېسابلانغان يوسىف ستالىننىڭ ئالدىدا بەرگەن ماركىسىزم-لېنىنىزمنىڭ سادىق مۇرىتى بولۇش قەسەميادىنىڭ پەقەت شەرقىي ئاسىيا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، كونا ئەنئەنىسى، يەنى ھوقۇق ۋە خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ياتلارغا يار بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك شاپىلىقى بىلەن قانداشلىرىنىڭ يۈزىگە سېلىش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويدى. قىسقىسى، شېڭ دۇبەن دوستى ستالىننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بەرىبىر ئۆزى بىلەن قانداش، ئەمما كونا رەقىبى جاڭ كەيشى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ، ئۆزىنى ماركىسىزمچى ئەمەس بەلكى ، سۇنجوڭشەننىڭ " ئۈچ مەسلىكى"نىڭ چوقۇنغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىدىن خۇپىيانە ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىرىنى بۇ ئۆلكىگە باشلاپ كىرگەنلىكى ھەتتا سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىدىن ئىبارەت جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلىمەي بولمايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلكىدىكى زومىگەرلىكى، شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى خالىغانچە قېزىپ ئېلىپ كېتىپ، بۇ يەرنى خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرىۋالغانلىقى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىق بىلەن "شىنجاڭنى مەڭگۈ جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى سۈپىتىدە ساقلاپ قالغانلىقى" نى ئىسپاتلاشقا تىرىشتى (76). جاڭكەيشىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلكىدىكى ئىمتىيازىنى تىكلەش ئۈچۈن، شېڭ شىسەينى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ئۇنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ "شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى" بويىچە ئىش كۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشكە بۇيرۇدى.
ھەقىقەتەن، شېڭ شىسەي 1942-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاشكارا مەيدانغا چىقتى. 1942-يىلى، 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن " كونسېسسىيە كېلىشىمى" نى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كانچىلىرى ۋە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملىرى، ھەربىي، تېخنىكا خادىملىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (77). بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇنى رەت قىلىپ، كەسپىي دىپلومات ۋە رازۋېتچىك گېئورگىي پۇشكىننى ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇللۇققا ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەي بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنى ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، پۇشكىن شېڭ شىسەي بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇزۇن ۋاقىتلىق سۆھبەتتە ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتىن ياندۇرۇشقا يەنە بىر قېـىم تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق شېڭ قەتئىي پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ(78). ئاخىرى 1943-يىلى، 10-ئاپرىل كۈنى گېئورگىي پۇشكىن شېڭ شىسەيگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق گېئولوگىيە خادىملىرى ۋە كانچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى توختاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى ۋە كانچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شېڭ شىسەي بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 6-ئايغىچە بارلىق كانچىلىرى ۋە گېئولوگىيە خادىملىرىنى ئېلىپ كېتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى. پۇشكىن ئارقىدىن شېڭ شىسەي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇمۇلدىكى 8- پولكى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئەترىتىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى، بىلدۈردى. نەتىجىدە، قۇمۇلدا 6 يىل تۇرغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى 5-ئاينىڭ14-كۈنىدىن ئېتىبارەن چېكىنىشنى باشلىدى. شېڭ شىسەي جاڭ كەيشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەنە ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابادىكى ئايروپىلان زاۋۇتىنى ھەمدە ئىلى، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بارلىق ئالاقە سىستېمىسى ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى تاقاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆلكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بولغان كونتروللۇقىنى بىكار قىلدى (79). شۇنداق قىلىپ، 1943-يىلى، 5-ئايغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا تىكلىگەن بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالدى.
بۇ ۋاقىتتا قازاقلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى كانچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتتا بولۇشى شېڭ شىسەي ئۈچۈن پايدىلىق ئامىللار بولۇپ قالدى. ئۇ، بىر تەرەپتىن قوشۇن ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان قېزىش ئىشلىرىنى قوغدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئوسمان باتۇرنىڭ ئادەملىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى كانچىلىرى ۋە تاشقى موڭغۇلىيە پۇقرالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتمىدى. شۇنچە كۈچ ئاجرىتىپ، 2-قېتىملىق قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ، پۈتۈن ئالتاينى قايتىدىن تىنچلاندۇرالىغان شېڭ شىسەي قانداقسىگە ھېچ بىر تايانچىسى بولمىغان، ئوسمان ئىسلام ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ئادىمىنى يوقىتالمىدى ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئاجىز ھالەتتە تۇرغان ئوسمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئۆزىگە ئىشلىتىش يولىنى تۇتتى؟ بۇ يەردىكى سەۋەب ئوسماننىڭ سوۋېتكە قارشى، كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى شېڭغا كېرەك بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟ دېگەندەك سوئاللار قويۇلۇشى تەبىئىي. چۈنكى، شېڭ شىسەي، 1942-يىلىدىن كېيىن بىر قىسىم تۈرمىدە يېتىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەشەددىي دۈشمەنلىك ئىدىيىسى بار ئادەملەرنى قويۇپ بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ، مەزكۇر ئادەملەرنىڭ سوۋېتكە قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىدىن پايدىلانماقچى بولغان. ئەلىخان تۆرە قاتارلىق بىر قىسىم 1937-1938-يىللىرىدا قولغا ئېلىنىپ، ئۆلتۈرۈلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېتكە قارشى تەشۋىقات قىلىشلىرىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىراقلا چەكلەنمەسلىكى ئەنە شۇنىڭ مىسالى بولسا كېرەك.
1943-1944-يىللىرىدا ئۆلكىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئابرويلۇق كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەي ھەم گومىنداڭنىڭ تالىشىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ، باشتا بۇ كىشىلەرنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ يۇقىرى ئابرويلۇق كىشىلىرىنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئىنتىلدى. 1942-يىلىدىن باشلاپ، شېڭ شىسەيدىن ئۈمىد ئۈزگەن موسكۋا يەرلىك خەلقنىڭ ئەنە شۇ ئابرويلۇق ئادەملىرىنىڭ بۇرۇن سوۋېتكە قارشى تۇرغان تەرىپى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، ئۇلارنى كۆزىتىپ، يېنىغا تارتىشقا كىرىشتى. چۈنكى، ستالىن شېڭ شىسەيدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدە بۇ كىشىلەرگە تايانماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، شېڭ شىسەي ۋە ياكى گومىنداڭ دائىرىلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا مەزكۇر كىشىلەرنى تەشۋىقات ۋاسىتىسى قىلىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى . ئەنە شۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ۋە باشقا جايلاردىكى جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى ۋە يۈز ئابرويلۇق قاتلىمىغا مەنسۇپ زىيالىيلار، سودىگەرلەر، دىنىي زاتلاردىن تەركىپ تاپقان بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقان بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدىكى "ئازادلىق تەشكىلاتى" ۋە چۆچەكتىكى "مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش تەشكىلاتى" نىڭ ئەزالىرى شۇنىڭدەك جېمىنەيدىكى موللا ئىسلام ئىسمايىلوف قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدا شېڭ شىسەيگە قارشى جەڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىردىنبىر قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى ئوسمان ئىسلام قاتارلىق قازاق قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەشنى مۇھىم تاكتىكا سۈپىتىدە بېكىتتى . بۇ ۋاقىتتا ئوسماننىڭ ۋەزىيىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، قازاق قوزغىلاڭچىلىرى شېڭ شىسەينىڭ زور قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن تارمار بولۇپ كەتكەن. ئوسمان ، ئازغىنا ئادەملىرى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئادەملىرى، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئانچە –مۇنچە بۇلاڭچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، شېڭ شىسەينىڭ ئوسمان ئۈستىدىن تارقاتقان "باندىت" دېگەن تەشۋىقاتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بەرگەن ئىدى. ئۇ گاھىدا موڭغۇلىيە تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇ جاينىڭ پۇقرالىرىنىمۇ بۇلاپ، ئارام بەرمەيتتى (80)، ھەتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى كانچىلىرىغىمۇ تەھدىت سېلىپ تۇراتتى. مۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوسماننى ئىزچىل كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇنى موڭغۇلىيە ئارقىلىق ئەيۋاشقا كەلتۈرۈش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم موڭغۇلىيىگە قارشى تۇرماي، ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە قارشى كەڭ كۆلەمدە كۈرەش قىلىدىغان بىر سىياسىي يۆنىلىشكە ئىگە ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىشانىنى بېكىتكەن.
شۇنى تەكىتلەش مۇھىم ئەھمىيەتلىككى، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن مەزكۇر ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن موڭغۇللار مۇستەقىللىق جاكارلىدى. تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇخاباتور ۋە چويبالسان قاتارلىق كوممۇنىستلار رەھبەرلىكىدىكى موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ لېنىن ۋە ستالىننىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەقلەرگە زور ئىلھام بولدى. قىزىل موڭغۇلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلاردا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوزغىشى ھەم ياردەم بېرىشىدا "ئۈلگە" ھەم " بازىلىق" رولىنى ئوينىغان بولۇپ، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ھەم ئاشكارا قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن مەزكۇر دۆلەتنىڭ موسكۋانىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقى تەبىئىي ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېيىتقاندىمۇ تاشقى ئۆز قوشنىلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە ئۆزىگە قارشى بولۇشىنى خالىمايتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيدىن ئۆچ ئېلىپ، يوقىتىپ قويغان تۈرلۈك تەسىرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىدە موڭغۇلىيىنىڭ رولى ،جۈملىدىن ئۇنىڭ رەھبىرى چويبالساننىڭ رولى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ستالىننىڭ كۈتكىنىدىن چىقتى.
تارىخىي شاھىدلار ئارىسىدا موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئوسمان ئىسلام بىلەن ئالاقە ئورناتقان ۋاقىت ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار مەۋجۇت، بىر قىسىم ئۇچۇرلاردا 1942-يىلى 7-ئايدا موڭغۇلىيە تەرەپتىن تۇنجى قېتىم مەخپىي ۋەكىل كەلگەنلىكى ئېيتىلسا (81)، يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا بۇ ئىشنىڭ 1943-يىلى 7-ئايلاردا بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ(82). لېكىن، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيىنى ۋاسىتە قىلغان ئوسمان بىلەن بولغان تۇنجى ئالاقىسىنىڭ 1942-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغانلىقى ئېھتىماللىققا يېقىن . تارىخىي مەلۇماتلاردا 1942-يىلى، موڭغۇلىيىدىن كەلگەن ۋەكىل ئوسمان ئىسلام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلماسلىقى ۋە شېڭ شىسەيگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئوسمان بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي موڭغۇلىيە بىر كىشىنى ئوسماننىڭ قوشۇنىغا مەسلىھەتچىلىككە ئەۋەتكەن(83).
شۇ يىلى 9-ئايدا موڭغۇلىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئوسمان ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخپىي سۆھبەتتە ، ئوسماننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەملىرى ۋە گېئولوگلىرىغا ھۇجۇم قىلماسلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىگە قارشى تۇرماسلىقى شەرت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئات ۋە چارۋىلارنى قورال-ياراققا تېگىشىپ بېرىش توختام قىلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 36 مىلتىق، ئالتە يەشىك ئوق ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن(84). بۇنداق ئالماشتۇرۇشلار كېيىنمۇ بىر قانچە قېتىم داۋاملاشقان، نەتىجىدە موڭغۇلىيە ئاستا-ئاستا ئۆز ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئوسماننىڭ قوشۇنىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇنىڭ شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە موڭغۇلىيە ئارقىلىق مەخپىي تۈردە ئوسماننى قوللىشىنىڭ مۇددىئاسى ئىككى خىل پىلاندىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىدىن ئوسمان ئىسلام ئارقىلىق قازاقلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ھېسابلانغان ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئۇران كانلىرىنى قېزىش ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كېلىدىغان توسقۇنلۇقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان قارشىلىق كەيپىياتلىرنى تۈگىتىش. ئىككىنچىدىن، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈش ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتكە قارشى سىياسىتىنى بىتچىت قىلىپ، ئۇنى ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ھەم ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشتا پايدىلىنىدىغان تايانچىلارنى ھازىرلاش، ئاخىرىدا ئوخشاشلا شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى يوقىتىلغان ئالتاينى بەرپا قىلىپ، ئۇران كانلىرىنى قېزىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىسىدىن ئىبارەت ئىدى.
بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتايدا تېخى ئەمدىلا باشلىغان ئىستراتېگىيىلىك كان بايلىقلىرىنى قېزىش ئىشىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىراقلا توختىتىپ قويۇلۇشى، موسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى ياساشتىن ئىبارەت مەخپىي ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي سانائەت پىلانىغا نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولۇپ ھېسابلاندى. مانا شۇ بىر قاتار ئەھۋاللار ئاستىدا 1943-يىلى 16-مايدا موسكۋادا ئېچىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنىڭ قارارىغا بىنائەن كرېمىل رەھبەرلىرى 1943-يىلىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن، ئوسمان ئىسلام باشلىق قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنى مەخپىي قوللاش ھەم شۇ ئارقىلىق قوزغىلاڭنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىشنى قارار قىلدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ، ئوسمان ئىسلام باشلىق قوزغىلاڭچىلار ۋە بىر قىسىم قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالدىراپ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، بىر تەرەپتىن دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلىدىغان ئالتايلىق ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىلىق قازاقلاردىن پايدىلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن موڭغۇلىيىنى ۋاسىتە قىلىپ، موڭغۇلىيە رەھبەرلىكىنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ، ئوسمان ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى.
1943 -يىلى 5-ئۆكتەبىردە موڭغۇلىيە تەرەپ ۋەكىلى بىلەن ئوسمان ئىسلام ئارىسىدا ئۇچرىشىش بولدى ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە موڭغۇلىيە تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئوسمانغا 27 مىلتىق ، 2600 پاي ئوق، ۋە بىر قانچە مىڭ پاي ئوقى بىلەن 10 دانە ماۋزۇر ۋە ئاپتومات تەقدىم قىلىندى ( 85). بۇ ۋاقىتتا يەنە موڭغۇلىيە تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە "ئالتاي قازاق مىللىي گۈللىنىش كومىتېتى" دەپ ئاتالغان بىر سىياسىي تەشكىلات 1943-يىلى، 7-ئايلاردا قۇرۇلدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت، ئەينى ۋاقىتتا ئوسمان ئىسلام بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىپ، كېيىن تۈركىيىگە كېتىپ يەرلەشكەن قازاقلارنىڭ قارىشىچە، ئوسمان ئىسلام شۇ يىلى ياز ئايلىرىدا خان بولغان (86). ئەنگىلىيىلىك تارىخچى گودفرېلي لىئاس ئوسمان ئىسلامنىڭ 1943-يىلى، 22- ئىيۇندا ئالتاي خەلقلىرى يەنى قازاقلار ۋە مونغۇللار تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ خانى دەپ جاكارلانغانلىقىنى يازغان(87) .
ئوسماننىڭ ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن دەلىلقان سۇرگۇربايېۋ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پارتىزانلار شۇ يىلى 11-ئايلاردا 12 كىشىلىك سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى باشلاپ، موڭغۇلىيە ئارقىلىق چىڭگىل ناھىيىسىگە كىرىپ، ئوسمان بىلەن بىرلەشتى( 88).
بۇ يەردە دەلىلقاننىڭ ئوسمان ئىسلامنىڭ "قازاق گۈللىنىش كومىتېتىنى" قۇرۇش مۇراسىمىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ، بەزى مەنبەلەردە بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا دەلىلقاننىڭ بارلىقىنى يېزىشىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە قازاق مەنبەلىرى بۇنى رەت قىلىدۇ. دەلىلقانىڭ ئوسماننىڭ موڭغۇلىيە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئۆزىنى ھەتتا خان دەپ جاكارلاپ بولۇشىدىن كېيىن، چىڭگىلدا پەيدا بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن قايتىدىن پارتىزانلار، قەبىلە ئاق ساقاللىرى، مۆتىۋەرلەر، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ يىغىن چاقىرىلغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن. مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەركىبىدە ئەدلىيە، مەدەنىيەت-تەشۋىقات، خەلق ئىشلىرى ۋە قوماندانلىق شىتاب قاتارلىق ئورۇنلار قۇرۇلۇپ، بارلىق پارتىزانلار 10 ئەترەتكە ئايرىلدى ھەمدە ئوسماننىڭ نامىدا سەككىز ماددىلىق خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ، ئالتايدىكى قازاقلارنى ئىنقىلاب قوزغاپ، ئۆز ھۆكۈمىتى، ئۆز ئارمىيىسىنى قۇرۇشقا چاقىرىقى قىلدى(89). ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېۋ رەھبەرلىكىدىكى "ئالتاي قازاق مىللىي گۈللىنىش كومىتېتى" ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ موسكۋادا ئاچقان "شىنجاڭ مەسىلىسى"گە ئائىت مەخسۇس يىغىنىدا ئېلىنغان قارارىنىڭ روھى بويىچە ھەر قايسى جايلاردا مىللىي گۈللىنىش ۋە مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ھەرىكەت باشلاش پىلانى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەلىلقان كەلگەندىن كېيىن مەزكۇر سىياسىي تەشكىلات بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرلەشمە مەسلىھەتچىلىكىدە ئىش ئېلىپ باردى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئاق رەڭلىك چېدىردا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار "ئاق ئوي" نىڭ كىشىلىرى ، موڭغۇلىيىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى كۆك رەڭلىك چېدىردا تۇرغانلىقى ئۈچۈن "كۆك ئۆي" نىڭ كىشىلىرى دەپ ئاتالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە پوپوۋ ئىسىملىك رۇس گېنېرال ، موڭغۇلىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دورجى ئىسىملىك موڭغۇل گېنېرال ئوسمان رەھبەرلىكىدىكى قازاق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىشلىرىغا ئاستىرىتتىن قوماندانلىق قىلدى(90).
ئوسمان ئىسلام بىلەن موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىغا ئەگىشىپ، 1944-يىلى 25- فېۋرال كۈنى ئوسمان باتۇر موڭغۇلىيىنىڭ قوبدو ۋىلايىتىگە تۇتىشىدىغان چىڭگىلنىڭ بۇلغىن دېگەن يېرىدىكى چېگرا يايلىقىدا موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، مارشال چويبالسان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىۋانوۋ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بايقال فرونتىنىڭ قوماندانى رۇبىن شۇنىڭدەك موسكۋادىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ رازۋېتكا ئەمەلدارلىرىدىن بىرى گېنېرال لاڭفاڭ، موڭغۇلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شاگورجان ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى گرېدىيېۋ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى(91).
<< [ئەركىن سىدىق] ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ(2) | باش بەت | ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(5) >>
ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(5)
Blog:ئۇيغۇرىيە تور خاتىرسى2009-01-11 18:21:59
引用
下面Blog引用了该文:
评论