-
ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(5) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]
بۇ ۋاقىتتا ئوسمان ۋە دەلىلقان باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسى ۋە گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلىپ، دۈشمەننى چىقىمدار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەر قايسى جايلاردىن كۆپ ساندىكى تانكا-برونېۋىك، ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى موڭغۇلىيە تەۋەسىگە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. گومىنداڭ قوشۇنى ئوسماننى موڭغۇلىيە چېگرىسىغىچە قوغلاپ كەلگەندە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دەرھال توختاشقا، بولمىسا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى(92). ئوسمان بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى كۆپ قېتىم شېڭ ۋە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى(93). قىسقىسى، بۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىسلام رەھبەرلىكىدىكى قازاق قوزغىلاڭچىلىرى تاشقى موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئوسمان بىر قانچە مىڭ قازاق ئاھالىسىنى موڭغۇلىيە تەۋەسىگە ئېلىپ كەتكەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەگەر تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ئاڭلىماي، چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئوسمان ئىسلامغا زەربە بەرسە، موڭغۇلىيىنىڭ ئارقىسىدا قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇرغانلىقىنى، نەتىجىدە ئاقىۋەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى ھەس قىلىپ، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئايروپىلانلىرىنىڭ شېڭ شىسەي ۋە دۆلەت ئارمىيىسىنى بومباردىمان قىلىشىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
ئوسمان ئىسلام بىلەن چويبالسان ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن ئىككى ھەپتە كېيىن، يەنى، 1944-يىلى، 5-مارت كۈنى ، چويبالسان ئوسمان باتۇر بىلەن يەنە ئايرىم كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى. چويبالسان بۇ ئۇچرىشىشتا ئوسمانغا موڭغۇلىيە ئالتاي قوزغىلاڭچىلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس ھەربىي گۇرۇپپا قۇرۇلغانلىقى شۇنىڭدەك ئالتاي قازاقلىرىنىڭ ۋاقىتلىق مۇستەقىل ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى، ئوسمانغا "باتۇرخان" ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلدى(94). بۇ سۆھبەتتە يەنە چويبالسان ئالتاينى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، موڭغۇلىيىنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ۋەدە بەرگەن(95). ئەينى ۋاقىتتا چويبالساننىڭ ئوسمان بىلەن كۆرۈشۈشى، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوسمانغا ياردەم بېرىشى مۇتلەق مەخپىي ھەرىكەت بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ ئىشنى مەخپىي تۇتقان.
بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، موڭغۇلىيە تەرەپ ( ئەمەلىيەتتە سوۋېت تەرەپ) ئوسمان ئىسلامغا 395 مىلتىق، 200 مىڭ پاي ئوق، 30 يېنىك پىلىموت، ئالتە ئېغىر پىلىموت، 45 ئاپتومات ۋە ئىككى مىڭ دانە گرانات بەردى (96) . بۇ قوراللارنىڭ ھەممىسى موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىنىڭ ۋاپات بولغان رەھبىرى سۇخباتۇرنىڭ ئوغلى- موڭغۇلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گالسىن تەرىپىدىن 100 دىن ئارتۇق تۆگە بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ھەم رازۋېتكا ساھەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوسمان بىلەن كوللېكتىپ ھالدا شۇنىڭدەك ئايرىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چويبالسان-ئوسمان سۆھبىتىدىن كېيىن، ئوسماننى قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلەشكە بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى مەسئۇل بولغان. ئىلگىرى بېرىلگەن ئاز ساندىكى قورال-ياراقلار پەقەت سىمۋول خاراكتېرىنى ئالغان شۇنىڭدەك موڭغۇلىيە تەرەپتىن تەمىنلەنگەن بولسا، بۇ قېتىم ستالىن ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە تۇنجى قېتىم زور مىقداردىكى ھەر خىل قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلارنى قازاق قوزغىلاڭچىلىرىغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن قازاقلارنىڭ ئازادلىقىنى قوللايدىغانلىق ۋەدىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئىشەندۈرگەن ئىدى.
چويبالساننىڭ ئوسمان بىلەن ئۇچرىشىشى ستالىن، بېرىيا، مولوتوۋ قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشتىن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى، يەنى 1944-يىلى، 21- يانۋار كۈنى چويبالسان موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، كرېمىل سارىيىدا ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندە مەخسۇس جۇڭغارىيە ۋە ئىچكى موڭغۇلدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ، ئەنە شۇ سۆھبەتتە چويبالساننىڭ ئوسمان بىلەن ئۇچرىشىشى ھەمدە ئۇنى قورال –ياراق بىلەن تەمىنلەش قارار قىلىنغان بولۇپ، ئەگەردە ستالىننىڭ قارارى بولمىغان بولسا ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 16 –جۇمھۇرىيىتى كەبى ھالەتتە تۇرىۋاتقان موڭغۇلىيە رەھبىرىنىڭ ئۆزى خالىغانچە ئوسمان بىلەن ئۇچرىشىش ھەم ئۇنى قورال بىلەن تەمىنلىشى ھەتتا ئالتاينى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ۋەدىسىنى بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى(97). بىراق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرى ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان رۇسىيە تارىخچىسى ئاناتولىي بارمىن ئالتايدىكى سوۋېت كونسۇلى ف. مىخايلوۋنىڭ ئوسمان ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىغا تايىنىپ تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاكى 1944-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئوسمانغا ياردەم بەرمىگەنلىكى، پەقەت بۇنىڭدىن خېلى كېيىنلا بۇ ھەقىقىي ياردەم بېرىلگەنلىكى، ئوسماننىڭ ئەنە شۇ ياردەملەر بىلەن كۈچلىنىپ، سېنتەبىر ئايلىرىغا كەلگەندە سارسۇمبە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ(98). بارمىننىڭ تەھلىلىدىن قارىغاندا، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقىي ياردىمى پەقەت چويبالسان بىلەن ئوسماننىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن باشلانغان شۇنىڭدەك ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، مىخايلوۋنىڭ ئىككىنچى دوكلاتى ماي ئايلىرىدا، يەنى چويبالسان بىلەن ئوسمان كۆرۈشۈپ ئىككى ئايدىن كېيىن بولغان.
چويبالساننىڭ ئوسمان بىلەن ئۇچرىشىشى ھەمدە ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىلىرى قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىدا شەك يوق. شۇنىڭدىن كېيىن، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا كۆرسىتىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى، بولۇپمۇ ھەربىي ياردەملىرى تېخىمۇ ئاشتى . زور ساندىكى قورال-ياراقلار يەنە داۋاملىق يەتكۈزۈلۈپ تۇردى.
مەسىلەن. 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە 350 مىلتىق، 100 ئاپتومات، 20 ئېغىر پلىموت، 30 يېنىك پلىموت، 6 مىناميوت، 2 دانە تانكا ئاتار، 100 يېشىك گرانات ۋە 500 يېشىك ئوق-دورا يەتكۈزۈپ بېرىلدى 99)).
ئۇزۇن ئۆتمەي، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوسمان ئىسلامنىڭ قوشۇنى 1700 دىن ئارتۇق ئېغىر-يېنىك پىلىموت، ئاپتومات، مىلتىق قاتارلىق ھەر خىل قورال-ياراقلار بىلەن قوراللىنىپ، ياخشى ھەربىي مەشىقلەردىن كېيىن دۈشمەنگە زەربە بېرىش كۈچى ھەم جەڭگىۋارلىقى تېخىمۇ ئاشتى(100). گومىنداڭ قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ موڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت ياراتتى.
ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمان ۋە دەلىلقان رەھھەرلىكىدىكى قوزھىلاڭچىلار كۆپ قېتىم كۆكتوقاي، چىڭگىل ۋە باشقا جايلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، زەربە بېرىش دائىرىسىنى شىمالدىكى ئالتاي تاغلىق رايونلىرىغا كېڭەيتتى. بۇ ئۇرۇشلارغا سوۋېت ۋە موڭغۇلىيىلىك مەسلىھەتچىلەر قوماندانلىق ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشتى.كرېمىل ۋە ئۇلانباتورنىڭ كۆرسەتكەن ھەربىي، ماددى ۋە مەنىۋى ياردەملىرى نەتىجىسىدە ئوسمان باتۇر رەھبەرلىكىدىكى قازاق قوزغىلاڭچىلىرى ھەربىي ساپا، تاكتىكا ھەم قورال-ياراق جەھەتلەردىن كۈچلىنىپ، دۈشمەننىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا سەپ تارتىپ ھۇجۇم قوزغىيالايدىغان سەۋىيىگە يېتىپ، ئۇلارنى كوپ زەربىگە ئۇچراتقان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال پۈتۈن ئالتاي تەۋەسىدىكى قازاق ھەم باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھام بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئالتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىداش ناھىيىلىرىدىن قاباھ، جېمىنەي قاتارلىق جايلاردىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قوراللىق ھەرىكەتلەر باشلانغان بولۇپ، 1943-يىلى،7-ئايدا ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن موللا ئىسلام ئىسمايىلوفنىڭ سوۋېت تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇرغان "ئازادلىق ئۇيۇشمىسى" ۋە جېمىنەي ئۇيغۇر پارتىزانلىرى ئەترىتى ئالتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم قوراللىق گۇرۇپپا سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلدى. موللا ئىسلام شاڭزوڭنىڭ يەرلىك قازاق ۋە موڭغۇل تۆرىلىرى، قەبىلە ئاق ساقاللىرىنى ئىنقىلاب قىلىشقا دەۋەت قىلىشىنىڭ نەتىجە بەرمىگەن، كۆپ سانلىق يەرلىك خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئىنقىلاب مەيدانىغا ئۆزىنى ئېتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان قىيىن ئەھۋال ئاستىدا سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، كۈرەشكە ئاتلانغان جېمىنەيدىكى ئىشلەمچى، سودىگەر ۋە باشقا كەسىپكە مەنسۇپ 17 ئۇيغۇردىن تەشكىللەنگەن دەسلەپكى بۇ پارتىزانلىق ئەترەت ئەمەلىيەتتە غەربىي شىمالى ئالتايدىكى تۇنجى سىياسىي مەۋقەگە ئىگە قوراللىق قوشۇن بولۇپ، بۇ قوشۇن تەز سۈرە’ ئەتتە كېڭىيىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە جېمىنەي قاتارلىق جايلاردىكى گومىنداڭ كۈچلىرىگە كۆپ قېتىم زەربە بەردى(101). جېمىنەي پارتىزانلىرىڭ زەربىلىرى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتىرجەمسىزلىكلىرى شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ بۇ جايلاردىن قوشۇن يۆتكەپ، كۆكتوقاي، چىڭگىل قاتارلىق جايلاردىكى ئوسمان پارتىزانلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازلاتتى.
ئەنە شۇ قېتىملىق چويبالسان-ئوسمان سۆھبىتىدىن ئىككى ئاي كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتايدىكى كونسۇلى مىخايلوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى ۋلادىمىر دېكانوزوۋقا يوللىغان ئوسمان ئىسلام ھەققىدىكى دوكلاتىدا ،"ئوسمان باتۇر باشچىلىقىدىكى قازاق گۇرۇپپىسى ئەۋزەل شارائىتلاردا قازاقلارنىڭ ئالتايدا يېڭى قوزغىلىڭىنى تەييارلاش ۋە قوزغاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسىتىدۇ(102). مىخايلوۋ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزىنىڭ موسكۋاغا يوللىغان يەنە بىر دوكلاتىدا قازاقلار ئارىسىدا مەۋجۇت كەيپىيات ۋە يۈزلىنىشلەر ھەققىدە توختىلىپ،" ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالتايدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدا ۋىلايەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاھالىسى ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشى مۇمكىن، ئاھالىلار ئارىسىدا ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسى ھەققىدە ئوسماننى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوللاۋاتقانلىقى، موڭغۇلىيىنى بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللاۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ سۆزلەر بار. قابا ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم قازاقلار ئارىسىدا، ئەگەردە خىتايلار ئۇلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتسە، ئوسمان تەرەپكە ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەيدىغان گەپ-سۆزلەر مەۋجۇت" دەپ مەلۇمات بېرىدۇ( 103).
ئەنە شۇ مىخايلوۋ دېگەندەك، ئالتايدىكى قازاقلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا، تانكا، پىيادە ۋە ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ كوپ قېتىملىق ھۇجۇملىرى ئاستىدا مەغلۇپ بولماستىن بەلكى تېخىمۇ كېڭىيىش ۋە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. چويبالساننىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ قوللىشى ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا 1944-يىلى، 10-ئايغا كەلگەندە چىڭگىلنىڭ بۇلغۇن دەرياسى بويىدا ئالتاي ۋاقىتلىق مىللىي ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئوسمان ئىسلام ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، دەلىلقان سۇگۇربايېۋ مۇئاۋىن باشلىق ھەم قوشۇمچە ھەربىي باش قوماندان بولدى. لاتىپ مۇستاپا، رامازان بولىم، ئۇيغۇرلاردىن موللا ئىسلام ئىسمايىلوف قاتارلىق 10 كىشى ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ بېكىتىلدى ھەمدە پارتىزانلار تەرتىپكە سېلىنىپ توققۇز چوڭ ئەترەتكە بولۇندى(104) . ئالتاي ۋاقىتلىق مىللىي ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. بەزى مەنبەلەردە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 1944-يىلى 7- كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان كۈن بىلەن ئوخشاش كۈندە مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ(105). ئالتاي ۋاقىتلىق مىللىي ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە قازاقلارنىڭ ئالتاينى ئايرىم ئىدارە قىلىش ۋە يولىغا تاشلانغان قەدەم بولۇپ، بۇ ئىجابىي جەھەتتىن پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قازاقلارنىڭ كۈرەشكە ئاتلىنىپ، مەزكۇر ۋىلايەتتىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ۋە پۈتۈن ئالتاينىڭ ئازاد بولۇش قەدىمىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما سەلبىي جەھەتتە ئوسمان ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم تەرەپدارلىرى، جۈملىدىن قازاق مىللەتچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ ھەتتا ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ، بىگۇناھ قانلارنىڭ تۆكۈلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي ۋە ماددىي-مەنىۋى قوللىشى ئاستىدا ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېۋ رەھبەرلىكىدىكى ئالتاي پارتىزانلىرى گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ئالتاي تەۋەسىدە پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى كېيىن ئالتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئازاد قىلىپ، كەڭ دائىرىدە بازا قۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ بۇ ۋىلايەتتىكى مەۋجۇتلۇقىغا قاتتىق تەھدىت سالغان، گومىنداڭ قوشۇنلىرى يەنە سارسۇمبە شەھىرى، جېمىنەي، بۇرچىن قاتارلىق جايلارغا قامىلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق قوزغىلاڭچىلارنىڭ بۇ جايلارنى، بولۇپمۇ سارسۇمبىنى ئازاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالماي تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا نىلقا تاغلىرىدا پارتلىغان قوزغىلاڭ تېز ئۇلغىيىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشى ۋە شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىش شارائىتى پەيدا قىلىندى. مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 6-ئايدىن ئېتىبارەن ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇش باشلىغاندا، شىمالىي فرونتتا جەڭ قىلغۇچى قوشۇنلار گېئورگىي پالىنوف ۋە كېيىن فاتىي لېسكىن قومادانلىقىدا ئىلگىرى كېيىن تارباغاتاينى ئازاد قىلىپ، ئالتايغا يۈرۈش قىلدى. 1945-يىلى، 9-ئايدا مىللىي ئارمىيىنىڭ لېسكىن قوماندالىقىدىكى 3-ئاتلىق ئايرىم بىرىگادىسىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى ئالتاي پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سارسۇمبە شەھىرى ۋە باشقا جايلارنى ئازاد قىلىپ، ئالتاي، ئىلى ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى.
دېمەك، ئالتاي تولۇق ئازاد قىلىنىش بىلەن 1945-يىلى 12-سېنتەبىر كۈنى جۇمھۇر رەئىسى ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئالتايغا كېلىپ، يىغىن چاقىرىپ، ئوسمان باتۇرنى ۋالىيلىققا تەيىنلىدى ھەمدە "ئالتاينى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىمى" دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بارلىق ئىدارە –ئورگان باشلىقلىرىنى خىزمەتكە قويۇپ بولۇپ، غۇلجىغا قايتىپ كەتتى. ئوسمان ئىسلام ئەلىخان تۆرە بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي، كۆپ ئۈندەشلەر بىلەن يايلاقتىن قايتىپ، ئالتاينىڭ ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى. ئالتاينىڭ ئازاد قىلىنىپ، غۇلجا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن تەڭ سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىمۇ كۆكتوقاي كان رايونىغا قايتىپ كېلىپ، كان قېزىشنى باشلىدى. ئالتاينىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىق ئورنىدىن تارتىپ، خېلى كۆپ بىر قىسىم رەھبىرىي ئورگانلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ۋە ياكى شۇ يەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى(106).
سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ كۆكتوقايدىكى كان رايونىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما، ئالتاي ئىنقىلابىنىڭ شاھىدلىرىدىن پاتىخان سۇگۇربايېۋ ئۆز ئەسلىمىسىدە سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ باشلىرىدا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى يازسا (107)، قازاق تارىخىي شاھىدى ھاجى نەبى ۋەلىيوفنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1946-يىلى، 4-ئايلاردا ئوسمان كۆكتوقاينىڭ ئارال يايلىقىغا چىقىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت باشلىغان ۋاقىتلاردا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ(108). ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ كۆرسەتكەن ۋاقىتلىرىدا ئانچە چوڭ پەرق يوق بولۇپ، ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە. يەنى بۇ، ئالتاينىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئىلى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىككە كېلىپ، بىر تۇتاش ئىش يۈرگۈزۈلۈش بىلەن غۇلجا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرىنىڭ ئالتايدىكى رەھبەرلىك ئورنى مۇستەھكەملەنگەن، ئوسمان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بولسا، ئاجىزلاشقان مەزگىل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، مىللىي ئارمىيىنى داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى"نى جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىش نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتلەر داۋاملاشقان ئىدى. ئەنە شۇ چويبالساننىڭ ۋەدىسى بويىچە ئۆزىنى ئالتاينىڭ خانى دەپ چۈشەنگەن ھەمدە ئالتاينى ئايرىم بىر خانلىق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلغان ئوسمان باتۇر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى(109). ئۇنىڭ نەزىرىدە ستالىن بىلەن چويبالسان ئۆزىنى ۋە قازاقلارنى ئالدىغان ھەم ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئالدامچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئوسماننىڭ كۈرەش قىلىدىغان نىشانى قايتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيىگە قارىتىلىپ، سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرى ۋە كانچىلىرى دائىم ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بېرىيا قايتىدىن خاتىرجەمسىزلىككە چۈشتى. چۈنكى موسكۋانىڭ ئۇران پلانى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئىدى.
(داۋامى بار)
<< ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(4) | باش بەت | خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەر نەزىرىدىكى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل >>
评论
داۋامى پات ئارىدا يوللىندۇ.
QQ: 376637179
تىما يوللىغۇچىغا رەخمھت