يېڭى شەكىلدىكى ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى
28-ئاپرېلدىن باشلاپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى مەركەزلىك ھالدا يېڭى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
ئاپتوموبىل ئەترىتى باشلىقى ۋەن يەنچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئاپتوموبىل ئەترىتى 4-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ تەييارلىق خىزمىتىگە كىرىشىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملاردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى ئالماشتۇرۇلۇپ، ھەربىي ئاپتوموبىلغا بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدىكەن.
ۋەن يەنچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، تۈرلۈك تۈزۈم، تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئىنچىكىلەپ، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
يېڭى شەكىلدىكى ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر