ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

تۈركىيەلىك سەككىز كىشى ئاففانىستاننىڭ شەرقىدە تۇتقۇن قىلىندى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 24- كۈنى 12:20

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 22 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئاففانىستان ئەمەلدارى 22 – ئاپرېل دەلىللەپ: ‹‹پۇقرالار تىك ئۇچار ئايروپىلانىدىن بىرى 21 – ئاپرېل كەچتە ئاففانىستاننىڭ شەرقىدىكى لوگار ئۆلكىسىدە مەجبۇرىي قوندۇرۇلۇپ، ئايروپىلاندىكى تۈركىيەلىك سەككىز كىشى بىلەن ئاففانىستانلىق بىر كىشى يەرلىك تالىبان ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى››، دېدى. لوگار ئۆلكىسىدىكى يەرلىك ئەمەلدار: ‹‹قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان مەجبۇرىي قوندۇرۇلغان يەرگە بارغاندا، ئايروپىلاندىكى توققۇز كىشىنىڭ دېرىكى بولمىغان››، دېدى.

    ئاففانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا تىك ئۇچار ئايروپىلان مەجبۇرىي قوندۇرۇلغان ئورۇندىن توققۇز كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن تۇتقۇن قىلىنغان توققۇز كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى تىلغا ئالمىدى. ھاۋارايى ۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ راكېتا بومبا بىلەن تەھدىت سېلىشى سەۋەبلىك ئاففانىستاندا يېقىندا تىك ئۇچار ئايروپىلاننى مەجبۇرىي قوندۇرۇش ياكى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالدى. لوگار ئۆلكىسى ئاففانىستان پايتەختى كابۇلغا يېقىن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تالىبان قاتارلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ئەۋج ئالماقتا.

    

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە