شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ۋىستېر، 21 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئامېرىكىلىق ئەمەلدار 21 – ئاپرېل: ‹‹تېكساس ئىشتاتىنىڭ ۋىستېر بازىرىدا يۈز بەرگەن خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ مەركىزىي پارتلاش نۇقتىسى بېكىتىلدى››، دېدى. يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى كېيستېنېر شۇ كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ‹‹مەركىزىي پارتلاش نۇقتىسىنىڭ بېكىتىلىشى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم››، دېدى. ئۇ يەنە: ‹‹پارتلاش ۋەقەسى خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ مەركىزىي رايونىدا غايەت زور ئازگال پەيدا قىلغان››، دېدى، لېكىن ئۇ ئازگالنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى قاتارلىق تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىدى. كېيستېنېر: ‹‹ھازىر خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىدىكى ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى، زاۋۇت ئىچىدە قېپقالغان سۇيۇق ئاممىياكنى زاپاس ساقلايدىغان باك تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ››، دېدى.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر