ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > >مەزمۇنى
Google باش بېتىدىكى ئېلېكترونلۇق گىتارنىڭ ئەسلىي كودى
ئېلان قىلىنغىلى564 كۈن بولدى / / 74 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,234+

ئېلېكترونلۇق گىتار ئاتىسى Les Paul تۇغۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، Google Doodle يەنە بىر يېڭىلىقنى چىقاردى.

يەنى Google نىڭ باش بېتىدە ئېلېكترونلۇق گىتار چالغىلى بولىدىغان لوگو ئىشلەتتى. 10-ئىيۇن بەزىلەر بۇ گىتارنى چېلىپ باققان بولسا كېرەك.

بۇ ئېلېكترونلۇق گىتار ھەقىقەتەن ياخشى لاھىيەلەنگەن بولۇپ، مائۇس ئارقىلىق تارىغا چېكىپ چالغىلى شۇنداقلا، كۇنۇپكا تاختىسى سىن بەلگىسىنى بېسىپ قويۇن، كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدا چالغىلى بولىدۇ.

ئەسلىي كودىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ

ئېلېكترونلۇق گىتار ئەسلىي كودىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، google-guitar مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى google-guitar.htm ھۆججىتىنى جاھاننامە يۈزىدە چاقىرىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

مەسىلەن مەن google-guitar ھۆججەت قىسقۇچىنى WordPress نىڭ /wp-content/uploads/ مۇندەرىجىسىگە چىقىرىپ، تۆۋەندىكى كود بىلەن google-guitar.htm ھۆججىتىنى جاھاننامە يۈزىدە چاقىرىپ ئىشلەتتىم(google-guitar مۇندەرىجىسىنىڭ ئورنىنى ئۆزىڭىزنىڭ چىقارغان مۇندەرىجىسىگە ئۆزگەرتىڭ).

<iframe src="/wp-content/uploads/guitar/google-guitar.htm" height="340px" width="660px" style="overflow:hidden" frameborder="0" ></iframe>

مانا بۇ ئىككى يولۋاس (两只老虎 ) نىڭ نوتىسى (كۆچۈرگەن جۇمۇ، مەن نوتا ئۇقمايمەن). ئۆزۈممۇ چېلىۋەتتىم.
TYUT TYUT UIO UIO OPOIUT OPOIUT UWT UWT

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 74 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە. دەلىللەنگىنى: 70

  1. ئوقۇغۇچى : 2011-يىل 3-ئىيۇل15:26 جاۋاب

    بىر تەكلىپ ubuntu سۇئالخانىسىنى كۆزگە كۆرىنىدىغان يەرگە ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن..يامان ئىزدەپ كەتتىم..بولسا مەن يا كۆرمەي قالدىممۇ…

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 3-ئىيۇل21:34 جاۋاب

      ھەر بىربەتنى سول ئىستونىدار بار. دېققەت قىلمىغان ئوخشايسىزc487e9d4352b61905fbf6b1d9dcd4ae9.png
      سىزگە دېگەن كۆك چىش ئارقىلىق تورغا ئۇلارش ئۇسۇلى ئۇبۇنتۇ 11.04 دىكى مەسىلە سەۋەبلىك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. توردىن ئاقتۇرسام بىر bug كەن. ئۆگەنگىز بولسا QQ توپىغا چوشۇلۇپ مىنى ئىزدەڭ مەن ئۆگۈتۈپ قوياي

  2. ئۇدۇن : 2011-يىل 12-ئۆكتەبىر19:55 جاۋاب

    بۇنى مەنمۇ بلوگۇمغا قوشىۋالاي ھە… :grin:

  3. ئۇچقۇن : 2012-يىل 20-يانۋار22:14 جاۋاب

    بۇ گىتتارنىڭ ئاۋازى يوققۇ ؟ :smile:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×