ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 12.04 Beta1 ئېلان قىلىندى
ئېلان قىلىنغىلى317 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 84 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,110+

مۇشۇ ئايىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇبۇنتۇ 12.04 Beta1 ئېلان قىلىندى. بىلىشىمچە بۇ قېتىملىق نەشرىدە يېڭىلىقلار بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق چوقۇم ئىشلىتىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.  ھەمدە بۇ قېتىملىق نەشرى ئۇبۇنتۇ 10.04 كە ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەتلىك(LTS) نەشرى يەنى ئادەتتە 2 يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان، ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى 3 يىللىق، مۇلازىمېتىر نۇسخىسى 5 يىللىق ئورگان تېخنىكىلىق قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغان نەشرى.

ئۇبۇنتۇ 12.04 سىناق/ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى     Beta1 ( ھازىر چۈشۈرۈشكە بولىدۇ)
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى    Beta2
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى    RC
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى    ئۇبۇنتۇ 12.04 ھەقىقىي نەشرى

Unity 5.4.0 ئىشلىتىلگەن

ئۇبۇنتۇ تېزلەتمە تىزىملىكى تېخىمۇ كۆركەم ھەم قوللىنىشچان

privacy يېڭى ئىقتىدارى قوشۇلغان

banshee نىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى Rhythmbox سۈكۈت مۇزىكا قويغۇچ قىلىنغان

ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزىنىڭ ئاستى تەرىپىدە، ئۆزىمىز قىزىقىدىغان دېتال ئۇچۇرى ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ

ئۇبۇنتۇ 12.04 نىڭ بىر-نەچچە ئۈستەل كەسمە رەسىمى

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 84 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 15 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 6 پارچە. دەلىللەنگىنى: 63

  1. alpha : 2012-يىل 6-مارت21:02 جاۋاب

    ئەسسلاممۇ -ئەلەيكۇم .. سىزدىن مۇنداق بىر ياردەمنى سوراي دىگەن .. ubuntu بىلەن ئۇچىراشقىلىمۇ ئانچە ئۇزۈن بولمىغان ،دەسلەپ ئىشلەتكىنىمدە VMW دا مەۋھۇم كومپۇتېر قۇرۇپ ئۆگەنگەن ھەپتە بولدى wubi ئارقىلىپ win7 بىلەن قوش سېستىما قىلۋالغىلى ..لىكىن تورغا يىتەكلەش ئۇسۇلنى قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم ،توردىن ئىزدەپ باقتىم مائارىپ تورىدا ئىشىلتىرىغان mentohust دىگەن دىتالنى چىقىرىپ بەردى ..ئۇنىڭ dep بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاي دسەم ubuntu غا ئەكىرگەندىن كېيىن قايسى بىر ئۇچۇرنى چىقىرىپ مۇۋاپىقىيەتلىك قاچلانمدى..مەن شنجاڭ ئونۋىرسىتىدا ،مەكتەپتىكى كومپۇتېرلار ئاساسەن ئۇقۇغۇچىلار ئىشىلتىدىغان(ئۇقۇتقۇچىلار ۋە ئىشخانىلاردا قانداق نەرسىنى ئىشىلتىپ تورغا ئۇلايدىغىننى بىلمەيمەن) 虚拟adsl دەيدىغان بىر نەرسە بار..شۇنى ئىشىلتىپ تورغا چىقىمىز مەكتەپنىڭ ئالدىنقى ماۋسۇمدىن باشلاپ ھەقسىز ئېچىۋەتكەن sd62 ,chntelfree1,2,3,4 … دەيدىغان ئابونت ئىسىملىرى بار ..ئەگەر سەينادا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدىن چىقىدىغانلار بولسا ئېنىق بىلىدۇ ..مۇشۇلارنى ئىشىلتىپ تورغا ئۇلايمىز … مەكتەپ تەمىنلەپ بەرگەن IP ھەركەتچان IP پات -پاتلا ئۆزگىرەپ تۇرىىدۇ70.255~.111.115.60 مۇشۇ دائىرىدە ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ..تورغا ئۇلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەكتەپنىڭ تورلىرىنى نۇرمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ ..客户端 نى ئاچقاندىن كېيىن ئاندىن سىرتقى تورغا نۇرمال چىقالايمىز … بىر قاملاشمىغان يىرى 客户端 نى پەقەت Windows ئابونتىلىغالا تەمىنلەپ بېرىپتىكەن ..mac ۋە linux ئابونتلىرىغا تەمىنلەپ بەرگەن 客户端 يوقكەن .. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن ubuntu نى تورغا يىتەكلىيەلەمدىم ..ئىشىلتىدىغان باشقا ئۇسۇللار بارمۇ ؟؟؟ بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز ..!! رەھمەت!!

  2. alpha : 2012-يىل 6-مارت21:05 جاۋاب

    بۇنى ئىنتىل سەيناسىغا ياردەم سوراپ يوللىغان ئىدىم … بىر تورداش مۇشۇ بىلۇگنى تەۋىسىيە قىلدى … ھەقىقەتەن سەرخىل تىمىلار باركەن ..نىمىشقا بالدۇراق بايقىمىغان بولغىيتىم دەيمەن ..!!! ھەي .. :mrgreen:

  3. Bakhtiyar : 2012-يىل 6-مارت21:42 جاۋاب

    ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ 客户端 سى ئوخشىمىغاچقا بىلمەيدىكەنمە. بىز مەكتەپتە windows مۇھىتىدا 锐婕客户端 ئىشلىتەتتۇق، شۇڭا ئۇبۇنتۇدا mentohust نى ئىشىتىپ، IP رىمنى ھەرقېتىم ئۇلىغاندا ئىشلىتىشكە بولىدىغا IP دىن بىرنى ئالىدىغان قىلىپ shell يېزىپ (بىراقلا 静态IP قىلساق تورغا چىقمايتتى، بىراقلا ئۇلىساق IP 0.0.0.0 بولۇپ قالاتتى) تورغا چىققان ئىدىم.

    • alpha : 2012-يىل 7-مارت11:05 جاۋاب

      ھەي تازىمۇ بىر ئىش بولدى دىسە … نەچچە كۈن بولدى مۇشۇ ئۇبۇنتۇنى مەكتەپ تورىدىن سىرتقى تورغا چىقىرىمەن دەپ پالاقشىپ يۈرگىلى … توردىن ئىزدىسەم يا چىققىلى بولمايدۇلا دىمىدى يا قولايلىق ئۇسۇلدىن بىرسى چىقمىدى … :cry:

      • ئابدۇۋەلى : 2012-يىل 7-مارت15:24 جاۋاب

        بۇنىڭغا ئامال يوقمىكىن . ياكى بولمىسا Wine قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭ ، Linux مۇھىتىدا Windows پروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ .

        • Bakhtiyar : 2012-يىل 7-مارت16:18 جاۋاب

          سىز بېيجىدىكى ئابدۇۋەلى شۇمۇ؟ بىر تۇنۇشۇمغا ئوخشۇتۇپ قالدىم، خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ

          • ئابدۇۋەلى : 2012-يىل 8-مارت10:49

            :mrgreen: :mrgreen: مەن شۇ بېيجىڭدا ئوقۇغان ، ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدىم .

  4. پىداكار : 2012-يىل 8-مارت00:41 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك! ئاشۇ Unity launcher نى ئاستىنقى تەرەپتە چىقىرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدىن بىرنى تۇرۇشتۇرمايلىمۇ؟ ئۇبۇنتۇنىڭ 12.04 نەشىرىدە ئىشلەيدىغان… :roll:

  5. پىداكار : 2012-يىل 8-مارت00:44 جاۋاب

    يەنە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى باسقاندا چىقىدىغان تىزىملىكتە تېرمىنالنى قوزغىتىش تۈرىنى قانداق قۇشۇدۇ؟

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 8-مارت11:27 جاۋاب

      ئىككى خىل ئۇسۇل بار، ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىۋاستە nautilus-open-terminal نى قاچىلاش، بۇنى يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى بىۋاستە apt-get ئارقىلىق قاچىلىيالايسىز.

      sudo apt-get install nautilus-open-terminal
  6. قارام ئنسان : 2012-يىل 17-مارت10:07 جاۋاب

    sabili110.10ۋەubuntu12.4نى ئشلىتىشتىكى تەسىراتىم sabiliكۇرۇنمە يۇزى ئالاەىدە يېقىشلىق لاھەيەلەنگەن win7بىلەن قوش سېستىما قىلىپ ئشلەتكەندە قوزغۇلۇش تىزىملىكى كۇرۇنمە يۇزىگەئىكران يۇزى رەسىمى ئشلىتىلگەن قاچىلاپ بۇپلا ھۇججەت بوغچىسى يىڭىلاش ئېلىپ بارسا ھۆججەت بوغچىسى چۇشۇرۇش مەغلۇپ بولدى .نتىرنىت باغلىنىشنى تەۆشۇرۇڭ دەپ چىكىۋالدى ھۇججەت بوغچىسى مەنبەسىنى ئابدۇماتىك تەڭشەشتىن ئزدەپ تېپىپ مەنبەنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن يىڭىلاندى تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە ئاسانلا ئۆزگەرتەلدىم تەرجىمەقىلىنمىغان جايلىرى ئەرەپچە خەنچە ۋە ئېنگىلىزچە كۇرنىدىكەن ھۆججەت بوغچىسىدىن ھۆججەت چۇشرۇش ۋەقاچىلاش جەريانىدا چۇشۇرۇش سۇرئتى ۋە قاچىلاش ۋاقتى كۇرۇنمەيدىكەن 3Dئۇنۇمىنى سىناپ باقمىدىم ئكران سۇرتىگەبەك چىرايلىق ئىكران رەسىملىرى كۇرگۇزۇلگەن سۇرەت كارتىنى تەڭشىگەندە 27خىل رەڭگە تەڭشىگەندە بەك نۇرمال ئشلەيدىكەن ھەم يۇقۇر چىكىمۇ مۇشۇكەن ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى نەشرى بىلەن قىلچە قېلىشمايدىكەن 12.4سىناق نەشرىنى قاچىلاپ ئشلەتكەندە ئىكران سۇرتىنى ئۇزگەرتىپ قويغاندا سېستىمىغا كىرىش يۇزىگىمۇ شۇ ئۆزگەرتكەن سۇرت چىقىدىكەن ئكران ئوڭتەرەپ سىن بەلگىسىنىڭ چوڭكىچىكلىكىنى قىياپەت ئۆزگەرتشتىن تەڭشىىگىلى بۇلدىكەن سىناق نەشرى بولغاچقا ئچكى خاتالىڭ كۇرۇلدى دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدىكەن قالغىنى يەنە يازىمەن

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 17-مارت11:18 جاۋاب

      ئىشلىتىش تەسىراتىڭىزنى تولۇق يېزىپ بولغاندىن كىيىن، بىراقلا ماڭا doc ھۆججىتنى ئېۋەتىپ بېرىڭ. مەن بىلوگقا سىزنىڭ نامىڭىزدا چىقىرىپ قوياي. ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ باقمۇغانلار، ياكى يېڭى ئىشلەتكەنلەرگە پايدىسى تىگىپ قالار

  7. قارام ئنسان : 2012-يىل 17-مارت11:23 جاۋاب

    بۇلىدۇ تېخى يىڭى ئۇگەنچە بولغاندىنكىيىن بەكمۇ بىلىپ كىتەلمەيدىكەنمەن يەنە ئشلىتىش داۋامىدا ھىسقىلغانلىرىمنى يەنە يازىمەن

  8. قارام ئنسان : 2012-يىل 17-مارت11:25 جاۋاب

    ubuntu qqتۇپىدا ھېچ سادا يوققۇ

  9. قارام ئنسان : 2012-يىل 19-مارت00:40 جاۋاب

    http://www.linuxdiyf.com/viewarticle.php?id=272242 بۇubuntu12.4نىڭ 3Dئۇنۇمىنىڭ ۋىدىوسى ئىكەن مەن ئەتىگىچە 12.4نىڭ 3d ئۇنۇمىنى چىقىرىش ئۇسسۇلىنى يۇللايمەن

  10. قارام ئنسان : 2012-يىل 22-مارت22:33 جاۋاب

    مانا بۇگۇن ساق بىركۇن ubuntu12.4نىڭ bta2چىقىدىغان كۇنى ساق بىركۇن تەشنالىقتا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن لىكىن يەنىلا يوق ياكى سىزنىڭ بۇنى چىقىردىغانغا چۇلىڭىز تەگمىدىمۇ بىلمىدىم qqتۇپى تۇشۇپ كىتىپتۇ بولسا مىنىمۇ قېتىپ قويسىڭىز qq:2419554496 سىزدىن كوپ خوش بولغان بۇلاتتىم

  11. قارام ئنسان : 2012-يىل 23-مارت13:45 جاۋاب

    Ubuntu 12.04 LTS (Precise Pangolin) Alpha 2 تارقىتىلىپتۇ لېكىنdesktopنەشرىنىڭ isoسى چىقماپتۇ desktopنەشرىنىڭ tar.gz سى باركىن بۇ 64بېت ياكى 32بېت دەپ ئايرىلمامدۇ نىمە؟تارقاتقان تور بەت ئادىرىسى http://cdimage.ubuntu.com/releases/precise/alpha-2

  12. قارام ئنسان : 2012-يىل 3-ئاپرېل12:54 جاۋاب

    بۇتور بەت ئۇبۇنتۇ ئۇگەنگۇچىلەگە كەم بولسابولمايدىغان توربەت ئېچىلغىلى ئۇنىمىغىلى خېلى بولغانتى كۇندە بىر قېتىم تور كۆرگۇگەكۇدە بىر ئادىرسىنى كۇرگۇزۇپ باقاتىم مانا بۇگۇن ئېچىلىپتۇ
    بولسا بۇتوربەت توختاپقالمىسا : :wink: :mrgreen: :oops: :

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 3-ئاپرېل17:00 جاۋاب

      يېقىندىن بويان ئادەم بەك كۆپ كىرگەچكە، بېكەت ئېقىمى تۈگەپ كىتىپ 3-ئاينىڭ كەينىدىكى 5 كۈندە ئېچىلمىدى.
      بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنداق ئىش بولمايدۇ

  13. قارام ئنسان : 2012-يىل 6-ئاپرېل20:10 جاۋاب

    بىلۇگدا بىرقانچە كۇن بولدى ھېچ يىڭىىق يوق شۇڭا يىڭىلىق سۇپۇتىدە ubuntu12.4beta2نىڭ چۇشۇرۇش ئادىرسىنى يوللاپ قويدۇم بۇئانىڭ 19-كۇنى rc نۇسخۇسى تارقىتلسىمۇ
    http://ie.releases.ubuntu.com/preciseبۇubuntu12.4beta2نىڭ چۇشۇرۇش ئادىرسى

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟