ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى
ئېلان قىلىنغىلى193 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 9 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,795+

ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنى  ئابدۇقادېر ئابلىز (Sahran) ئەپەندىم، غەيرەت ئەپەندىم ئۆزلىرى بىر قوللۇق تەرجىمە قىلىپ تاماملاپتۇ. غەيرەت ئەپەندىمنىڭ دېگىنى بويچە بۇ قوللانمىنى ئالدى بىلەن بىلوگقا چىقىرىپ، ئىشتىياجى بارللارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.

ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخسى:
https://help.ubuntu.com/12.04/ubuntu-help/index.html
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى:
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ug/index.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 9 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 8 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە.

  1. بولدىلا : 2012-يىل 5-ئىيۇن18:55 جاۋاب

    ھالاللىقنى كۆزلەپ جان كۆيدۈرىۋاتقان ھەربىرلىرىڭىزلارغا ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر-ساۋابلارنى ئاتا قىلغاي !

  2. نۇر : 2012-يىل 7-ئىيۇن10:09 جاۋاب

    سىتېمىنى يېڭىلىسام سىستېمىدىكى ياردەم تۈرىمۇ مۇشۇنىڭدەك ھەممە يىېرى ئۇيغۇرچە بۇلامدۇ؟

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 7-ئىيۇن11:19 جاۋاب

      بۇ تەرجىمىنى ئۇبۇنتۇ ئورگىنى تېخى ئىشلەتمىدى. شۇڭا بۇ يەرگە يوللاپ تۇرغان. شۇڭا ھازىرچە سىز دېگەندەك كۆرۈنمەيدۇ.

  3. نۇرئەخمەت : 2012-يىل 17-ئىيۇن16:30 جاۋاب

    «ئىشتىياجى بارللارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.»
    ئىملا خاتالىقى بايقالدى،ۋاقتىدا تۈزىتىلسۇن! :lol:

  4. قۇتبەگ : 2012-يىل 25-ئىيۇن15:36 جاۋاب

    بارمۇ يا؟ھەجەپمۇ يۇقاپلا كەتتىڭزغۇ؟بەك ئالدىراشچىلىق ئوخشىمامدۇ؟

  5. ئەلگە نەپ : 2012-يىل 1-ئاۋغۇست16:55 جاۋاب

    ھەي مەن مۇشۇ راس گەپ قىلسام ئۇبۇنتۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن :???:

  6. ئەلگە نەپ : 2012-يىل 1-ئاۋغۇست16:55 جاۋاب

    ۋاقىت بولسا بىز تەرەپكىمۇ ئۆتەرسىز

  7. خەنجەر : 2012-يىل 11-ئاۋغۇست17:52 جاۋاب

    تور بېتىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ . ياخشى مەزمۇنلار ۋە مۇھىم ئاساسىي بىلىملەر جىق ئىكەن . مەن بۇ سېستىمنى بۇرۇن ئىشلىتىش ئارزۇسىدا بولغان بولساممۇ پۇرسەت بولمىغان ئىدى . ئۇيغۇرچە تەرجىملەر پۈتۈپ ھازىرقى باسقۇچقا كەلگەندە ئىشلىتىش نىسىپ بوپتۇ . مەن مۇشۇ 12.04 نۇسخسىنى قاچىلاپ باقتىم ،بۇرۇن باشقا نەشىرلىرىنى قاچىلاپ باقمىغان . كېيىن بېتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ باقتىم . ئۇبۇنتۇدىن ھېس قىلغىنىم ئۇيغۇرچە شۇنداق چىرايلىق چىقىدىكەن بەك ھاياجانلاندىم. سىزنىڭ تېمىللىرىڭىزغا قارىسام بۇ نۇسخىسىنى قاچىلاش باشقا نۇسخىسىغا قارىغاندا كۆپ ئاسانلاشقان ئوخشايدۇ .قىينالمايلا قاچىلىدىم دېسكا رايونغا بۆلۈش دىگەن يەرلىرى چىقمىدى ، قاچىلاپ باقمىغانلارمۇ قاچىلىيالىغۇدەك دەرىجىدە ئاسان ئىكەن . ھەممە ئېتىماللىقنى سوراپ قاچىلىدىغۇ ؟ م : پارولسىز كىرەمسىز پاروللۇقمۇ ؟ يەنە مۇشۇ سېستىمىنىلا ئىشلىتەمسىز قوش سېستىما قىپمۇ دىگەندەك ؟ خالىغاننى تاللىساقلا بولىدىكەن . ماڭا سەل يارىمىغان يېرى بولسا يېڭى قاچىلىغان يۇمتاللارنىڭ تېزلەتمە بەلگىللىرى تېپىلمايدىكەن . ۋىندوستا ئۈستەل يۈزىدە،باشلاش كۇنۇپكىسىدا ياكى باشلاشنىڭ يېنىدا كۆرۈنىدىغۇ ؟ بۇنىڭدا پەقەت ئىزدەش رامكىسىغا ئىسىمنى يازساق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن . ئادەم بەزىدە جىق نەرسە قاچىلاپ ئىچىدە نىم بارلىقى ياكى ئىسمى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا قولايلىق ئۇسۇل بارمۇ ؟

    ئەمدى بىكىتىڭىزگە دوستانە تەكلىپ ، سەھىپنى جىقلاتسىڭىز بولدىكەن . مەسلەن بلوگ دىگەن تۈرنى : ئىشلىتىشچان يۇمتاللار دەپ يۇمشاق دىتال تونۇشتۇردىغان تۈر، دەسلەپكى ئاساس دەپ ئاساسىي ساۋاتلارنى تونۇشتۇردىغان تۈر ، ئاندىن بەزى ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈردىغانغا بىر تۈر قىلىپ ئايرىسڭىز بولغۇدەك .ھەمدە بۇ تۈلەرنى غول مۇندەرىجە قاتارىدا يەنە menu قاتارىدا چىقىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بىزدەك كۆرۈرمەنلەرگە ئاسان توختۇغۇدەك . مەزمۇننى ئىتتىك تاپقىلى بولغۇدەك. بەزى ئاتالغۇلارنى بىز ئاڭلاپ چۈشەنمەيدىكەنمىز. بۇرۇنقى تېمىلاردا ئىزاھلانغان بولسا يېڭى تېمىڭىزدا شۇ تېمىنىڭ ئارىسىنى ئۇلاپ قويۇڭ . بولىدۇ ئەمسە كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ، بۇ پەقەت شەخسى پىكىرىم باشقىچە چۈشەنمەڭ ، ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن ،ئۇيغۇر ئۈچۈن باسقان ئىزلىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن قېرىندىشىم .

  8. چەۋەندازلار : 2012-يىل 21-ئاۋغۇست13:56 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېىندىشىم، چەۋەندازلار روزى ھېيىتىڭىزنى قۇتلۇقلايدۇ! كۈنلىرىڭىز خۇشاللىققا تولسۇن. ھېيىتنىڭ خاسىيىتى دىللارنى يورۇتسۇن!

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×