كۆپچىلىككە ئالما كومپيۇتېرلىرىدىكى ئاستىنقى قورال ئىستونى تونۇش بولسا كېرەك. ئۇبۇنتۇدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان قوراللار بەك كۆپ، بىراق كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە قويىدىغان تەلىپى بىرقەدەر تۆۋەن، مۇقىم، ئىشلىتىش ئاسان بولغان قورال يەنىلا cairo-dock.
مەن تۆۋەندە ئۇبۇنتۇ 10.04 نى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ، PPA مەنبەسىدىن cairo-dock نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
PPA مەنبەسىدىن بىرنى قوشىمىز.
سىستېما يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى بىر يېڭىلايمىز.
قاچىلايمىز.
Applications > System Tools > Cairo Dock نى ئېچىپ قوزغىتىمىز.
ئەگەر سىستېما قوزغالغاندا تەڭ قوزغىلىدىغان قىلماقچى بولساق، System > Preferences > Startup Applications نى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز.
ئەجەپ ياخشى بولدى،مەن تېخى قانداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلىغانتىم، ھازىرلا سىناپ باقاي! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت~~
cairo-dockنى ubuntu11.10غا كورسەتكىنىڭىز بۇيىنچە قاچىلىسام يۇمشاق دىتال بوغچىسى يوق ياكى ئۇنى ئورناتقىلى بولمايدۇ يۇمشاق دىتال بوغچىسى چىقىشالمايدىغان ئارسىدا تۇقۇنۇش كىلىپ چىققان بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئۇچۇرچىقىپ قاچىلىغىلى بولمىدى يول كۆرسەتسىڭىز
بۇ ppa مەنبەسى بىر يىل بورۇنقى ئۇبۇنتۇ 10.10 نىڭ كى. بىۋاستە sudo apt-get install cairo-dock نى يۈرگۈزۈپ، ياكى يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن cairo-dock دەپ ئىزدەپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ