ئۇبۇنتۇ 11.04 نى قاچىلىغانسىلەر؟ بۈگۈن خەنچە بېكەتلەردە ‹‹ئۇبۇنتۇ 11.04 دىكى قوللىنىشچان دېتاللار›› دېگەندەك يازمىلار ئاينىپ كېتىپتۇ. ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ خۇشاللىقىدا، كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە مەنمۇ دوراپ بۇ يازمىنى تەييارلىدىم. چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرغان دېتاللارنىڭ ئامال بار deb ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار.
جاھاننامىلەر
- Firefox4.0 (ئۇبۇنتۇ 11.04 كە سەپلەگلىك)
ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ئەسلىدىكىنى يېڭىلىساڭلار بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://www.mozilla.com/en-US/firefox/all.html
- Google Chrome
چۈشۈرۈش ئادرېسى (خەنچە): http://www.google.com/chrome?platform=linux&hl=zh-CN
- opera
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.opera.com/download/index.dml?platform=linux
خەت تەھرىرلىگۈچلەر/ ئوقۇغۇچلار
- Openoffice
كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇنىڭ بۇرۇنقى نەشرلىرىدىكى سۈكۈت ئىشخانا قورالى، چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://download.openoffice.org/other.html
- libreoffice (ئۇبۇنتۇ 11.04 كە سەپلەگلىك)
ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ (ئەلۋەتتە ئەسلىدىكى Openoffice باشتا ئۆچۈرۈۋېتىمىز ).
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.libreoffice.org/download
- vim
- Adobe Reader كۆپچىلىك ياخشى بىلىدىغان PDF ئوقۇغۇچ
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://get.adobe.com/cn/reader/otherversions
- Foxit Reader كۆپچىلىك ياخشى بىلىدىغان PDF ئوقۇغۇچ
چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://www.fuxinsoftware.com.cn/pdf/desklinux/downloads.html
مۇزىكا قويغۇچلار
- deadbeef قوللايدىغان ھۆججەت شەكلى كۆپ خىل، خەنچە قالايمىقان كۆرۈنمەيدۇ
قاچىلاش بۇيرۇقى:
- Banshee (ئۇبۇنتۇ 11.04 كە سەپلەگلىك)
ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ
- icePlayer خەنلەر ياسىغان مۇزىكا قويغۇچ ئىكەن، ناخشا تېكىستىنى ئاپتوماتىك تېپىپ قويالايدىكەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://code.google.com/p/iceplayer/downloads/list
سىن ھۆججىتى قويغۇچلار
- mplayer مەن ئاڭ ياقتۇرىدىغان سىن قويغۇچ
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mplayerhq.hu/design7/dload.html
- totem ئۇبۇنتۇنىڭ ھەممە نۇسخىسىغا سەپلەگلىك
- VLC
- realplayer ئىشلىتىپ باقساڭلار بولىدۇ، بىراق Windows نۇسخىسىدەك ياخشى ئەمەس
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.real.com/realplayer/download
باشقىلار
- VirtualBox مەۋھۇم كومپيۇتېر
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.virtualbox.org/wiki/Linux_Downloads
…
يېڭىلىدۇ….
ھازىر ئېسىمگە كەلگەنلىرى ھەم توردىن كۆرۈپ ئوغرىلىغانلىرىم مۇشۇلار. نېمىشقا بۇنداق ئاز دېسەڭلار، نۇرغۇن دېتاللارنىڭ قاچىلاش، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى بىلوگۇمدا سۆزلەپ بولۇپتىمەن ئەمەسمۇ.
ئەگەر سىلەرنىڭمۇ ئىسىڭلارغا مەن تىلغا ئالمىغان بىراق بىر قەدەر قوللىنىشچان دېتاللار كېلىپ قالسا، ئىنكاس يېزىڭلا، يازما ئاستا داۋاملىق قوشۇپ قۇياي.
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كونترول قىلىش نورمال بولمىسا ھەتتا ئىكرانن
مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تىرمىنال كۆزنىكىدە ئۇيغۇر چە خەتلەرنى يازغىلى ۋە كۆرگىل
ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
بۇنىcدىسكىغا قاچىلاشقا بۇيرۇق بىرىمىز ما
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
مەن يەنىلا 12.دە 10 لىك نۇسقىسنى ئىشلىتەي
مەن بارماق دىسكا ئارقىلىق تاق سىستىما قىلىپ قاچىلاي دىسەم بەكلا تەس چۈشۈۋات
رەھمەت سىزگە بەختىيار . مەن شۇنداق قىلىپ ئۇبۇنتۇ نى ئىشلىتىپ ئاساسەن ۋىندو
مەنمۇ شۇ لىنوىس سىستىمىسنى ئىشلىتىپ باقايمىكىن دەيمەن . قىزغىنلىقم بەك يوقى