تۆۋەندىكى مىنىڭ ئۇبۇنتۇرۇمنىڭ ئۈستەل يۈزىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلار. سىلەرنىڭ بىلەن قانداق ئوخشىماسلىقى بار ئىكەن. تېخىمۇ چىڭ قارىساڭلار بىلەلەيسىلەر (ئوڭ تەرىپىدىكى conky دېتالى، بۇنى كىيىن تونۇشتۇرىمەن).
ئەمەلىيەتتە مىنىڭ ئىشلەتكىنىممۇ ئۇبۇنتۇ 11.04 سۈكۈت ئۇسلۇبى Ambiance. زەن سېلىپ قارىساڭلار، ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجە، دىسكا ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان، سول يۇقىرى تەرىپىگە، سىن بەلگىنى ئەسلىي ھالەتتە، تىزىملىك ھالىتىدە كۆرسىتىدىغان، ئۈچ دانە كىچىك كۇنۇپكا قوشۇلغان. كۆزنەك رەڭگى پۈتۈنلەي قارا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ تېخىمۇ كۆركەملەشكەن.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىش بەكمۇ ئاسان، Nautilus Elementary نى قاچىلايمىز.
sudo add-apt-repository ppa:am-monkeyd/nautilus-elementary-ppa sudo apt-get update sudo apt-get dist-upgrade nautilus -q
بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن، كۆزنەك رەڭگىدىن باشقا ھەممە نەرسە يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن Ambiance ئۇسلۇبىنىڭ ئازراق قىستۇرمىسىنى چۈشۈرىمىز.
http://fc03.deviantart.net/fs71/f/2011/138/1/5/unfinished_work_by_simplygreat-d3golt2.zip
چۈشۈرگەن zip ھۆججىتىنى يېشىم، ئىچىدىكى Ambiance ھۆججەت قىسقۇچىنى، ئۆزىمىزنىڭ home مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى themes. مۇندەرىجىسىگە ئەكىرىپ قويساقلا بولدى (يەنىthemes./~ غا).
ئۇبۇنتۇ 11.04 كە untiy ئىشلىتىلگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە gnome 2 شۇ. تۆۋەندە ئۆزۈم ئىشلىتىپ باققان ئىككى ئۇسلۇبنىڭ قاچىلاش بۇيرۇقىنى تەمىنلەي، ئىشلىتىپ باقارسىلەر.
- Equinox Evolution ئۇسلۇبى
sudo add-apt-repository ppa:tiheum/equinox sudo apt-get update sudo apt-get install gtk2-engines-equinox equinox-theme
- Orta ئۇسلۇبى
sudo add-apt-repository ppa:nikount/orta-desktop sudo apt-get update sudo apt-get install orta-theme
ئاۋۇ يانپىيۇتېر باتارىيىسنىڭ سىنبەلگىسىنى قانداق چىقاردىڭىز؟ مىنىڭكىدە ھەجەپ چىقمىدىيا؟
يەنە ppa مەنبەسىنى مەن پەقەت قوشالمىدىم…