كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى تۈنۈگۈن تارقىتىلدى. مەن تۈنۈگۈن QQ توپىدا كۆپچىلىك بىلەن مۇڭداشقاچ، ئۇنىڭ ھەقىقىي نەشرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئورگان بېتىدىن بۇرۇن تەمىنلىگەن، بۇ ۋاققا ماڭا ئوخشاش قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار باردۇر، ھى…ھى…
ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ جۇڭگودىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چۈشۈرۈش بېتىگە يوللاپ قويدۇم.
قايسى كۈنى يەنە QQ توپىدا بەزىلەر بىر كۈندە ئۇبۇنتۇ نەچچە قېتىم قايتا قاچىلىغانلىقىنى دېگەن، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى قاچىلاپ ئىشلىتىش جەريانىدىكى بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايلارنى، مۇ شۇ يازمىغا يىغىنچاقلىدىم. كۆپچىلىك ئەگرى يولنى ئاز ماڭسا دېگەن ئۈمىدىمەن.
ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى ئىقتىدارى دېگەن يازمىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلار، تىلى ئىنگلىزچە بولسىمۇ، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئۇبۇنتۇ 11.04 كە بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشقۇسى.
-
قاچىلاش باسقۇچى
قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش باسقۇچىدا دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا قاچىلاشنى ئۈچىنچى باسقۇچىغا ئازراق ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ. ئەگەر سىز قوش سىستېما قىلىپ ئىشلەتمەكچى ياكى، كومپيۇتېرىڭىزدىكى بۇرۇن بار نەرسىلەرنى ساقلاپ قالماقچى بولساڭلار، بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى Something Else نى تاللاپ، ئاندىن قاتتىق دىسكىغا قارىتا رايونغا بۆلۈش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ.
قاچىلاشنىڭ قالغان باسقۇچى ئۇبۇنتۇ 11.10، 11.04 بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئايرىم سۆزلەپ ئولتۇرماي.
-
يېڭىچە ئۈستەل يۈزى
ئۇبۇنتۇ 11.04 كە پۈتۈنلەي يېڭىچە Unity كۆرۈنمە يۈزى ئىشلىتىلگەن. Unity نى Gnome نىڭ ئۈستىگە كىيدۈرۈپ قويغان بىر چاپان دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق ھېچ گەپ يوق. ئۇبۇنتۇ 11.04 كە كىرىش كۆزنىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىن Ubuntu Classic نىڭ تاللاپ، ئۇبۇنتۇنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۈستەك كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىپ، بەلگىلەش ئېلان بارساڭلار بولىدۇ. Unity غا ئالدىرىماي كۆنىسىلەر.
ئۇبۇنتۇ 11.04 قاچىلىغاندا كۆرسىتىش كارتا چوقۇم 3D قوللىشى كېرەك. كومپيۇتېر بىر قەدەر كونا ياكى سەپلىمىسى تۆۋەنرەك كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. 2D Unity نى قاچىلاپ يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىن Unity 2D نى تاللاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
-
Compiz نىڭ سىستېمىنى ۋەيران قىلىشى
Unity ئۈستەل يۈزىنى مۇكەممەل ئىشلىتىش ئۈچۈن Compiz قاچىلىشىمىز زۆرۈر. ھەمدە Compiz ئۈنۈملىرى بولمىسا كۆپچىلىك ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ زېرىكىپ قېلىشى مۇمكىن.
بىراق 3D ئۈستەل يۈزىنى مەن ئاچالمىدىم. ئۇبۇنتۇ ئورگىنى ھەقىقىي نۇسخىسىدىن باشلاپ بۇ BUG تۈزىتىلدى دېگەن بولمىسا. Compiz نى تەڭشىگەن ۋاقتىڭلاردا سىستېما قېتىۋالىدىغان، قايتا Unity غا كىرگەندە، ئېكراننىڭ ئۈستى، ئوڭ تەرىپىدە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ مەسىلىنى Unity بىلەن Compiz تۇتۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇنداق بولۇپ قالسا ئاكتىپلىشىپ سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ يۈرمەڭلار. Ubuntu Classic قا ياكى Alt+Ctrl+F1 غا كىرىپ تۇرۇپ /home/isim/.gconf/apps ئاستىدىكى compizconfig-1 نى ئۆچۈۋېتىپ، compiz نى ئەسلىدىكى سۈكۈت تەڭشىكىگە ئەكىلىپ، سىستېمىغا قايتا كىرسەكلا بولدى. شۇنداق قىلىپ compiz نى Ubuntu Classic غا كېرىپ تۇرۇپ ئالدۇرماي تەڭشەڭلار.
يېڭىلىنىۋاتىدۇ…
مەن كىچە دەل compiz نىڭ خاپىلىقىغا ئۇچرۇدۇم،ھەم 1-ئاكتىپ مەن بولغان ئوخشايمەن
ھەي مەندە پەقەت ۋاقىت يوق …….قانداق ياخشى ئىشلار باركەن بۇنىڭدا ؟
مەن بۇ 11.04 كىمۇ كونۇپ قالغاندەك قىلىمەن بۇدا 7 قىسىم دەرىسلىكنى كۆرگەندىن كىيىن ئازراق بىر نەرسە بىلگەندەك بولدۇم 3d ئۈنۈمىنى تەڭشەشتە سەل قىيىنچىلىق بولدى قالغانلىرى نۇرمال شۇ تور بولمىسا ھىچ قانداق تەڭشەش ئىلىپ بارغىلى بومايدىكەن بۇ سىستىمىىنى تەڭشەش ئۈچۈن كومپىيوتىرىمنى تور بار يەرگە ئاپرىپ بىر كىچە ئۇخلىماي ئاران تەڭشەپ چىقتىم. جىقراق ماتىريال كورگەندىن كىيىن يەنە بىر كىچە ئۇخلىمىسام خىلى تەڭشىلىپ قالغۇدەك….
ئۇبۇنتۇغا بۇنچىلىك ئىشتىياق باغلىغان بولسىڭىز، ھەرگىز يېرىم يولدا تاشلىۋېتمەڭ. قانداق مەسىلىگە يۇلۇقسىڭىز تارتىنماي سوراڭ، قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن
ubuntu نى قاچىلىلاپ wlan تورغا ئۇلاي دىسەم FireFox دا ئۇلاش كونۇپكسىى بېسىلماي ۋاتىدۇ. ubuntu غا باشقا تور كۆرگۈچ قاچىلاشقا بولامدۇ؟ مەسلەن: 搜狗
google chrome نىڭ مەخسۇس ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى بار. مەن ئادەتتە شۇنىلا ئىشلىتىمەن. opera قاچىلىشىڭىز بولىدۇ.
. windows نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش.
chrome نىڭ deb ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، ماڭا ئوخشاش چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز
http://www.google.com/chrome?platform=linux&hl=zh-CN
ipئادرىسىنى تەڭشەيدىغان ئورۇننى قانداق تەڭشەيدۇ ؟مىنىڭ كومپيۇتىرىممۇ تورغا ئۇلاقلىق ئەمەس .مەكتەپكە ئىلىپ كىلىپ تەڭشەي دىگەن .مەكتەپنىڭ تورىنى بىر قانچە كومپيۇتىر ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان ئىدۇق.شۇڭا ipئادرىسىنى تەڭشەيدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بىرىش توغرىسىدا ياردەم سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن
ifconfig بۇيرۇقى ئارقىلىق ip ئادرىسىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
ifconfig eth0 IPadresi
يۇقۇرىدىكى بۇيرۇق بىلەن ئىشلەتمەكچى بولغا IP نى كومپيۇتېرغا باغلايىسز(IPadresi نىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز مەجبۇرى ئىشلەتمەكچى بولغان IP ئادرېسىنى يازىسىز).
مەن مۇشۇ 11.04نەشرىنى مەۋھۇم كومپيۇتىرغا زادىلا قاچىلىيالمىدىم .سىزنىڭ تەسىيەرىڭىز بويىچە vmwareنى قاچىلىدىم .لىكىن بۇ يەردىكى بىر مەسىلە مىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ھەل قىلالمىدىم .vmwareنى قاچىلاپ ئاندىن ubuntu 11.04نەشرىنى قاچىلىغاندا قاچىلاش تىلىنى تاللايدىغان كۆزنەك ئىچىلماي ئاپتوماتىك قاچىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ .مىنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچقا بەزى ئورۇنلىرىنى چۈشىنەلمىدىم ۋە قاچىلاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى .شۇنىڭ بىلەن مەن vmwareغا windows xpقاچىلايمەن دەپ قاچىلايدىغان سىستىمىنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىپ لىكىن مەۋھۇم دىسكىغا يەنىلا ubuntu 11.04نى سىلىپ قاچىلىدىم.بۇ چاغدا بارلىق مەشخۇلاتلار نۇرمال ئاياقلىشىپ مەۋھۇم كومپيۇتىر قايتا قوزغىلىپ ئۈستەل يۈزىنىڭ رەكلىك رەسىمى كۆرۈندى .لىكىن بىر دىئالوگ رامكىسى ئىچىلىۋالدى .مائۇس ۋە كونۇپكا تاختىسى ئىشلىمىدى . مەن بۇنى ئىككى كومپيۇتىردا سىناپ باقتىم نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش .
تورداشلاردىن سورايدىغىنىم قاچىلاش تىلىنى تاللايدىغان كۆنەكنى قانداق توختىتىدۇ ؟سىلەرمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقتۇڭلارمۇ ؟ياكى بولمىسا vmwareنىڭ ئىشىمىدۇ ؟
ئىككىنچى چېتىم قاچىلىغاندا چىققان دىئالوگ رامكىسى vmware نىڭ دىئالوگ رامكىسى بولسا دېمەك، ئۇبۇنتۇ نورمال قاچىلىنىپ بوپتۇ، سىز vmware نىڭ قۇشۇمچە قۇرالىنى قاچىلىسىڭىز ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ.
مەئۇس، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئىشلىمىگەنلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەب vmware بەلكىم، usb ئەسۋابىنى تۇنىمىغان ئوخشايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىدىن تەڭشىگىلى بولىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم..مەن ubuntu 11.4 نىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم ھەقىقىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن
يەنە قايتا قاچىلامدىم ياكى باشقىچە ئۇسۇللرىرىمۇ بارمۇ…
يېڭىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
sudo apt-get update
sudo apt-get upgrade
ubuntu ئشلىتىش جەريانىدا يەنە بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم..سىستىمىنى قوزغاتقان ۋاقىتتا نۇرمال ئىشلەيدۇ..دىگىدەك تىز بولمىسىمۇ..لىكىن ئازراق ئىشلەتكەندىن كىيىنلا سۈرئىتى شۇنداق ئاستىلاپ كىتىدۇ cpu 100%ئىشلەيدۇ يا قىتىۋالمايدۇ…ئاخىرى بولالماي قايتا قوزغىتىمەن ياكى xp ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمەن..
كومپىيوتىرنىڭ سەپلىمىسىغۇ ئانچە تۆۋەن ئەمەس بولمىسا..
xpغا ئوخشاش تىزلىتىش ئۇسۇللىرى بارمۇ ئەگەر بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز..
Unity نى بىر يېڭىلىۋېلىڭ. سۈرەتنىڭ بۇنداق ئاستا بولىشى ئىشكى ساقلىغۇچنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكى. ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز قانچىلىك؟
ئاندىن ئۇبۇنتۇ 11.04نى تىزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىڭ.
http://www.ylmf.net/ubuntu/tips/2010122818615.html
ئىچكى ساقلىغۇچ 2G ئىشلەش پىرسەنتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس..لىكىن يىرىم سائەت ئەتراپىدا مەشغۇلات قىلغاندىن كىيىنلا بىردىنلا كومپىيوتېر ئىغىرلىشىپ كىتىدۇ.
يەنە بىر مەسلەھەت: مەن xp دا كوك چىش ئۈسكىنىسى بىلەن تىلىفۇننى كومپىيوتېرغا ئۇلاپ تورغا كومپىيوتېرىدا تورغا چىقاتتىم لىكىن ubuntud دا قانداق تەڭشەشنى بىلەلمىدىم…مۇشۇ مەسىلە ھەل بولسا ubuntu نى ئىشلىتىش ۋاختىم يەنە ئازراق ئۇزارغان بولاتتى…
Ubuntu دا كۆك چىش ئارقىلىق يانفۇن ئېقىمىنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېردا تورغا چىقىش XP دىن كۆپ ئاسان. Blueman دېگەن دېتالنى ئىشلەتسىڭز بولىدۇ.
ئەگەر قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىسڭىز، مەن بۇگۈن كەچكىچە يازمىدىن بىرنى تەييارلاي.
كۆپ رەھمەت سىزگە يازمىڭىزنى ساقلايمەن..تەپسلىرەك سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز.
ئۆيدە تور بولمىغاچقا قاچىلايدىغان بەزى نەرسىلەرگە ئامال يوقكەن. كاساپەت تور بولمىسا ئىقتىدارلىرىنى ئانچە جارى قىلدۇرغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ…
مەن بۇرۇن تەتىلدە ئۆيگە قاتسام تېلفۇن كۆكچىشى ئارقىلىق چىقاتتىم
مۇشۇ ئۇسۇلنى تەپسىلىرەك سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز..ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن…
سىزگە دىگەن يازمىنى تەييارلاش جاريانىدا ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ Mobile Broadband دە bug بارلىقىنى بىلدىم. بولمىسا بۇ ئۇسۇل ئۇبۇنتۇنىڭ كونا نەشىردە ياخشى ئىشلەيتتى. ئازراق كۈتۈپ تۇرۇڭ، مەن ھەل قىلىش چارىسىنى چۈقۈم تاپىمەن.
مەخسۇس سوئال سورايدىغان بەتتىن بىرنى يەنى ئۇبۇنتۇ سوئالخانىسىنى ئېچىپ قويدۇم، بۇنىڭدىن كىيىن سوئال بولسا شۇ يەردىن سوراڭ. باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن.
مەن ئۇبۇنتۇ11.04نى قاچىلاپ بولۇپ ئاندىن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قاچىلىدىم .ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۆرسەتمە بويىچە قايتا قوزغاتتىم .ئۇنىڭدىن كىيىن قارىسام ئۈستىدىكى تىزىملىك سىتونى يوقاپ سول تەرەپتە بىر مۇنچە سىنبەلگە پەيدا بولۇپ قاپتۇ .ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۈستىدىكى 系统 位置 应用程序دىگەن تىزىملىكلەرنى پەيدا قىلالمىدىم.يىڭىدىن ئۈگەنگەن بولغاچقا ئۈستىدىكى ئۇتىزىملىكلەرگەئەمدىرەك پىششىق بولغاندا يوقاپ قەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە外观دىن3dئۈنۈمنى پەيداقىلىدىغان视觉دىگەن يىرىنى پەيدا قىلالمىدىم.دوستلارنىڭ ياردەم بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
چ چ نومۇرىڭىزنى قاچىلىۋالسام بولامدۇ ؟
ئۇبۇنتۇنىڭ نىمىلىكى ھەققىدە نەدە ماتىريال بار؟