ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا ئاددىي، چىرايلىق مۇزىكا قويغۇچ Clementine نى ئىشلىتىش
ئېلان قىلىنغىلى680 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 1,169+

ئۇبۇنتۇدا مۇزىكا قويغۇچ ئالامەت كۆپ، بىراق ئاددىي، ئىشلىتىش ئوڭاي، چىرايلىقلىرىنى تاپماق خېلى تەس. مەن تۆۋەندە ئۆزۈمگە خېلى يارىغان مۇزىكا قويغۇچ Clementine نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
قوللايدىغان ھۆججەت شەكلى: MP3, Ogg Vorbis, Ogg Speex, FLAC ۋە AAC.
Last.fm دىن ئالبوم رەسىمىنى چۈشۈرەلەيدۇ، ناخشىچى، ئالبومنىڭ ۋېكى ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (ئىنگلىزچە).
مۇزىكىنى iPod, iPhone, MTP قاتارلىقلارغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ.
ئورگان بېتى ئادرېسى: http://code.google.com/p/clementine-player
بۇ يەردىن ئۆزىڭىزگە ماس كەلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ (Windows Mac نۇسخىلىرىمۇ بار).
http://code.google.com/p/clementine-player/downloads/list
ئۇبۇنتۇ 10.10 ئىشلەتكۈچىلەر تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساڭلارمۇ بولىدۇ:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo add-apt-repository ppa:me-davidsansome/clementine
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install climentine

بۇ مەن ئۆزۈم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇبۇنتۇ 10.04 دىكى Clementine نىڭ كۆرۈنمە يۈزى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×