ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 10.04 غا ئەندرويد قاچىلاش
ئېلان قىلىنغىلى443 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / بىر پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 839+

يېقىندىن بىرى ئەندرويد سىستېمىلىق يانفونلار بەك مودا بۇلىۋاتىدۇ، مېنىڭمۇ شۇنداق ئالغۇم بار شۇ M9 نى. بىراق…

كومپيۇتېرغا قاچىلاپ java مۇھىتىدا ئىشلىتىپ باقاي دېسەم، توردىكى يازمىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك windows دا قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، يامان تەسكە توختىدى بۇ قاچىلاش. شۇڭا ماڭا ئوخشاش Ubuntu لا ئىشلىتىدىغانلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تېگىپ قالار دەپ ئەندرويد نى java مۇھىتى ئارقىلىق Ubuntu دا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىر تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم. باشقا Linux سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ ئوخشاش پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

  • ‏jdk ۋە eclipse نى قاچىلاش
uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo aptitude install sun-java6-jre sun-java6-plugin sun-java6-fonts sun-java6-jdk
uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo aptitude install eclipse-platform eclipse-plugin-cvs eclipse-jdt

‏ھەرقانداق يۇمتالنىڭ نەشرىنى كۆرۈش بۇيرۇقى yumtal ismi -verson, شۇڭا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىغان java نىڭ نەشرىنى كۆرۈپ باقساق Ubuntu 10.04 دا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ.

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$java -version

java version 1.6.0_18
OpenJDK Runtime Environment (IcedTea6 1.8) (6b18-1.8-0ubuntu1)
OpenJDK Server VM (build 14.0-b16, mixed mode)

  • ADT قاچىلاش

‏Applications–>Programming دىن Eclipse قوزغىتىپ، Help–>Install New Software نى بېسىپ Work with دېگەن ئورۇندىن Add نى بېسىش ئارقىلىق /https://dl-ssl.google.com/android/eclipse بۇ ئادرېسنى Location دېگەن ئورۇنغا كۆچۈرىمىز (ئىسمى بىلەن كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ) . ئاندىن Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ Finish باسساق قاچىلاشنى باشلايدۇ (بۇنىڭغا بىرئاز كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، تور سۈرىتىگە باغلىق) .

  • ئەندرويد SDK نى قاچىلاش

‏download file:android-sdk_r05-linux_86.tgz نى بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ (Linux نۇسخىسىنى) . http://androidappdocs.appspot.com/sdk/index.html
‏ئۇنى مەن ھۆججەت قىسقۇچ Document/~ قا يەشتىم، خالىغان ئورۇنغا يەشسە بولۇۋېرىدۇ. windows–> prefences –> Android –> SDK Location غا بايا يەشكەن android-sdk-linux_86 نىڭ ئورنىنى تاللايمىز. ئاندىن Apply نى بېسىپ ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

Window–>Andriod SDK and AVD Manager نى تاللاپ New نى بېسىپ ئەندرويد تېلېفوندىن بىرنى ياسىۋالساق بولىدۇ.

  • ئەمدى ياسىغان ئەندرويد نى تاللاپ Start نى بېسىپ قوزغىتىمىز





ئەندرويد يانفۇنىمىزغۇ بار بولدى، ئۇنىڭغا ئازراق ناخشا، رەسىم ئەكىرمىسەك ئىچىمىز پۇشۇپ قالار. قېنى مەن تۆۋەندە SD Card قا بىرنەرسە ئەكىرىشنى سۆزلەپ ئۆتەي. تېرمىنالنى ئېچىپ cd بۇيرۇقى ئارقىلىق android-sdk-linux_86 غا كىرىمىز. مەن ئۇنى Document/~ قا يەشكەن شۇڭا ئىشلەتكەن بۇيرۇقۇم.

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$cd ./Documents/android-sdk-linux_x86/tools

‏2G لىق سىغىم كارتىسىدىن بىرنى قۇرۇۋالىمىز.

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$mksdcard 2147483648 ./sdcard.img

‏‏‏image نى loop قۇشىمىز.‎

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo losetup /dev/loop0 ./sdcard.img

‏ئۆزىمىز بىرنەرسە ئەكىرمەكچى بولغان ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرىمىز (مەن مۇشۇ مۇندەرىجە ئاستىغىلا sdcard دېگەن ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇدۇم) خالىغان ئورۇنغا قۇرساق بولۇۋېرىدۇ.

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$mkdir ./sdcard

Window–>Andriod SDK and AVD Manager نى قايتىدىن ئېچىپ يېڭى بىر ئەندرويد ياسايمىز. بۇ ۋاقىتتا SD Card تاللايدىغان يەردە File نى تاللاپ Browse نى بېسىپ بايا ياسىۋالغان 2G لىق sdcard.img تاللاپ قويساق بولىدۇ. Computer نى ئاچساق بىر دىسكىنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، مانا بۇ بايا بىز قوشقان sdcard.img. ئەكىرمەكچى بولغان نەرسىلەرنى بىۋاسىتە بۇ دىسكىنىڭ ئىچىگە كۆچۈرسەكمۇ ياكى sudo ئارقىلىق (root ئارقىلىق ) sdcard دېگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرسەكمۇ بولىدۇ.
دىققەت: ئەگەر قاچىلاش داۋامىدا eclipse دا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ تۇرۇۋالسا ئۇنىڭ ئەسلى چۈشۈرۈش بېكىتىگە چىقىپ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ.‏ http://www.eclipse.org/downloads/?osType=linux

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 1 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 1 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە.

  1. alpha : 2012-يىل 6-مارت21:15 جاۋاب

    ئالامەت دەرىس .. :lol: .. win7 مۇھىتىدا ئىشىلتىپ كىلۋاتقان .. ئۇبۇنتۇغا بىر كۆچىۋالسام مەنمۇ قاچىلاشنى مۇشۇ دەرستىن پايدىلانسام بولغىدەك ..!!

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟