ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنىڭ مۇسۇلمانلانىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىقلاشتۇرۇلغان نۇسقىسىSabily
ئېلان قىلىنغىلى443 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / بىر پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 655+

بولسا ئۇبۇنتۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىقلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئۇسلۇبى، كوپ ساندىكى كۆرۈنۈشلىرى ئەرەبچە بولۇپ كىشىگە بىرخىل يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ ئىسلامدىكى مۇقەددەس رەڭ يېشىل رەڭنى ئاساس قىلغان. بۇ   ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلىي ئۇسلۇب رەڭگىدىن كۆپ چىرايلىق. ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئىسلامغا ئائىت يۇمتاللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ ئىشلەتكۈچىگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. سىز http://www.sabily.org نى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز ھەمدە Sabily نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
ئۇنى قاچىلاش ئىشلىتىش ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا ئوپمۇ ئوخشاش، سىناپ قاچىلىماقچى بولغانلار ئىشلىتىشتىن ھېچقانداق ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. قېنى تۆۋەندە ئۇنىڭ بىرنەچچە كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.




مانا بۇ ئىسلام كالېندارى

بۇ يۇمتال ئارقىلىق ئۆز ئورنىمىزغا ماس كەلگەن ناماز ۋاقتىدىن خەۋەردار بولالايمىز.

بۇ يۇمتال قۇرئاننىڭ تۇللۇق نەچچە خىل ئۇسلۇبىدا ئوقۇلۇشىنى بىزگە تەمىن ئېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدا يەنە بىر نەچچە خىل تىلدىكى قۇرئان تەرجىمىسىمۇ بار.


بۇ يۇمتال توردىكى قالايمىقان مەزمۇنلارنى سۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 1 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 1 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە.

  1. پىداكار : 2012-يىل 22-فېۋرال19:20 جاۋاب

    مەن ئازراق قوشۇپ قويسام، تۆۋەندىكى ئادرېستىن نوۋەتتكى ئۇبۇنتۇرىڭىزنى مۇسۇلمانچە قىلالايسىز
    https://launchpad.net/~sabily.team/+archive/ppa

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟