DeviantArt نىڭ لايىھىلىگۈچىسى Musl1m ئۆزىنىڭ يېڭىچە Ubuntu يۇمتال مەركىزى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئەڭ كەينىدىكى رەسىم).
ئۇنىڭ قارىشىچە ”كېيىنكى ئەۋلاد يۇمتال مەركىزى (4.0) نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، يۇمتال دەرىجىسى، ئۆزى يازغان ياكى ياقتۇرغان كودنى ئىئانە قىلىش قاتارلىق تۈرلەر بار ئىكەن ”.
Ubuntu نىڭ بۇرۇنقى نەشرىدىكى يۇمتال مەركىزى، ھەربىر نۇسخىدا ئازدۇر كۆپتۇر ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. بۇخىل ئۆزگەرتىش 11.10دىن باشلاپ قوللىنىلىشى مۇمكىن.
ئۇبۇنتۇ يۇمتال مەركىزىنىڭ يېڭى كۆرۈنمە يۈزى
[ئالدىنقىسى] ئۇبۇنتۇدا ئۇيغۇر ئېدىتنى ئەڭ مۇكەممەل ئىشلىتىش
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇدا شۇنلېي چۈشۈرۈش يۇمتالىنى ئىشلىتىش
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇدا شۇنلېي چۈشۈرۈش يۇمتالىنى ئىشلىتىش
ئەسسالام ، تېمىلىرىڭىزدىن ۋە بېكىتىڭىزدىن سۆيۈندۈم ،
بىراق مېنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى بېكىتىڭىزنىڭ ھەممە يېرىدە يۇمشاق دېتال دېگەن سۆزنى يۇمتال دەپ ئاپسىز ، شەخسەن مەن بۇ يۇمتال دېگەن ئىسىمنى قەتئىي ياقتۇرمايمەن ۋە قارشى تۇرىمەن ، چۈنكى ئاڭلاپ مەنىسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق دېتال دەپ ئېلىۋەرسەپ دەيمەن ، بۇنى يەنىمۇ قىسقارتىمىز دېسەك سەل توغرا بولمىغۇدەك ، ھەم بۇ يۇمتال دېگەن سۆزمۇ ھىچقانداق ئورۇن تەستىقلىمىغان ۋە تەستىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان نامدۇر …
سىزمۇ بىلىسىز. يازمىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۇرۇنقى pjBlog دىن يۆتكەپ كىلىنگەچكە مەنمۇ شۇ پېتى ئېلىۋېرىپتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلاي.
مېنىڭچە يۇمتال دىگەن سۆز تېىخىمۇ ئىخچام، يۇمشاق دېتال دىگەن سۆز بىۋاستە خەنزۇچىدىن سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان.
يۇمتال دىگەن سۆز ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدە قالدىغان ھەم قىسقا، قولايلىق دەپ ئويلايمەن.
مەيلى بۇ سۆزنى تەستىقلىسۇن ياكى تەستىقلىمىسۇن، باشقىلار تۇنجى ئاڭلىشىدا چوقۇم بۇنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقنى چۈشۈنەلەيدۇ.
بىراق بۇ يۇمتال دېگەن سۆز ئۇيغۇرتىلىدىكى ھىچقانداق سۆز ياساش قائىدىسىگە رىئايە قىلىنمىغان ، ھەمدە قەتتىي مەنسى يوق ئىسىم ، شۇڭا بۇ ئىسىمنى (يەنى ‹يۇمتال › نى ) دەرھال كۆزدىن يوقۇتۇش كېرەك ، بولمىسا كەلگۈسىدە ئەۋلادلارغا يۈ كېلەلمەيمىز …. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى
كەچۈرۈڭ، مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن، ماس كەلسۇن، كەلمىسۇن، ھەممە ئادەم بىر ئاڭلاپ بىلەلىسە، ئىسىدە قالسا بولدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق بولسا بولاتتى
ئىسىم ياساشتا تۈركلەر ھەقىقەتەن ئۇستا ، سىز ئەڭ ياخشىسى شۇلاردىن ئۈگۈنۈڭ …. ئۇلار جېنىدا بۇنچە قىسقارتمىغان .. بۇ خىل ئاتاش ھەقىقەتەن بىر تېتىقسىزلىق …….
قېرىندىشىم، بۇنىڭغا تېتىقسىز دىيىش كەتمەيدۇ، قۇبۇل قىلالمىسىڭىز بوپتۇ. ھەممەيلەننىڭ ئويلايدىغىنى بىر.
ئىشقىلىپ مەيلى قانداق ھىس قىلىڭ . بۇ سۆز ھەقىقەتەن مىللىتىمىز ئۈچۈن بىر ھاقارەت شۇڭا ئەڭ ياخشىسى باشقا ئىسىم تېپىش ياكى يۇۋاشلىق بىلەن شۇ كونىسىنى ئىشلىتىش كېرەك
كىچىكىنە بىر ئىشنى مىللەت مەسىلىگە چىتىۋىلىپ سۆرەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. ھەر كىم ئۆز كۆز قارشىنى ساپلاپ قالسا بولدى. بىلىككە كىرىپ ئايلىنىپ چىقىڭ، بەلكىم ئۇ يەردىن جاۋابى چىقىپ قالار
بىلىكتىكى braveheart دېگەن قېرىندىشىمىزنىڭ بىر ئىدىيىسى بەكمۇ ئېسىل چىققان. ئۇيغۇرچىدىكى مەتتۇرسۇن، مەتتوختى (ئەسلىسى: مۇھەممەتتۇرسۇن، مۇھەممەتتوختى) دېگەن ئىسىملارنىڭ قانداق قىسقارتىلغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ بۇنداق قائىدە يوق دەپ تۇرىۋېلىشقا بولمايدۇ. تۈركلەرنىڭ ھازىر سۆزلەيدىغان تىلى دەل خەلق ساقلاپ قالغان تىل، ھەرگىزمۇ ئالىيجانابلار ياساپ چىققان ئوسمان تۈركچىسى ئەمەس. خالىغانچە سۆز ياسايدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. خەلق ئاغزىغا كەلمەيدىغان گەپلەرنى ھەرگىز دېمەيدۇ، ياكى ئۆزگەرتىپ دەيدۇ(توشەي، بەسەي، ئەدەبىياتنى ئەدبىيات، مۇئەللىمنى مالىم دەيدۇ.)
ئۇبۇنتۇ ئالامەت پەيزىكەن جومۇ!!!!!