ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنىڭ تۆت خىل ئۆزگەرتىلگەن نەشىرى
ئېلان قىلىنغىلى432 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 317+

نۇرغۇن ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا قارىغاندا، ئۆزگەرتىلگەن بەزى نۇسخىلىرىنىڭ تېخىمۇ قوللىنىشچان، تېخىمۇ چىرايلىق، تەڭشەكلىرىنىڭ تۇللۇق ئىكەنلىكىنى بايقىشى مۇمكىن. يەنە تېخى بەزى ئۆزگەرتىلگەن ئۇبۇنتۇ نۇسخىلىرىنىڭ يۇمتال بوغچىلىرى تۇللۇق قاچىلانغان بولۇپ، توردىن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىستېما يۇمتال ئۇچۇرىنى يېڭىلىشىمىز، كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمتاللارنى بىرمۇ – بىر قاچىلىشىمىز ھاجەتسىز. مەن تۆۋەندە بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇبۇنتۇنىڭ تۆت خىل نۇسخىسىنى ئايرىم ئايرىم تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

  • Linux Mint

Linux Mint بولسا ئىنتايىن كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇبۇنتۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نەشرى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە Gnome KDE, Fluxbox ۋە XFCE قاتارلىق ئۈستەل ئارايۈزىنى تەمىنلىگەن. ئۇ ئۇبۇنتۇ بىلەن ئورتاق يۇمتال سۇپىسىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا MP3، DVD ۋە Flash قىستۇرمىلىرىنى قوللايدۇ.
تور ئادرېسى: http://www.linuxmint.com

  • Saner Defaults Remix

بۇ بىر يېڭى نۇسخا بولسىمۇ، بارغانسېرى كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. ئۇبۇنتۇ SDR نىڭ يۇمتال ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بەك كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن، نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ياخشى يامانلىقىغا باھا بېرىش تەس.

تۆۋەندىكىلىرى ئۇبۇنتۇ SDR نىڭ ئالماشتۇرۇلغان يۇمتالىرى:
Empathy IM نىڭ ئورنىغان Pidgin ئىشلىتىلگەن؛
تاقاش، كىچىكلىتىش، چوڭايتىش كۇنۇپكىلىرى ئوڭدا؛
Evolution mail  نىڭ ئورنىغان Mozilla Thunderbird ئىشلىتىلگەن؛
Simple clean blue ئۇسلۇبى كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب قىلىنغان؛
…….
تور ئادرېسى:http://ubuntu-sdr.sourceforge.net

  • Ubuntu Ultimate Edition

راست گەپنى قىلسام، بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇبۇنتۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن ئۇبۇنتۇ يۇمتاللىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. يېڭى قاچىلاپلا بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. سىتېما يېڭىلاشقا كەتكەن نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى تىجەپ قالىدۇ.

توت ئادرېسى:http://ultimateedition.info

  • LUbuntu

ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بېزىلەر، سۈرئەتنىڭ ئاستىلىقىدىن، كونا كومپيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولماسلىقتىن ئاغرىنىشى مۇمكىن.  Lubuntu دەل مۇشۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تارقىتىلغان ئۇبۇنتۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ GNOME  ئۈستەل ئارايۈزنىڭ ئورنىغان LXDE ئىشلىتىلگەن، ماس ھالدا Nautilus ،Gnome Terminal ئورنىنىمۇ PCMan File manager ، LXTerminal قاتارلىقلار ئىگىلىگەن. Lubuntu غا توك ئىنتايىن ئاز كېتىدىغان بولۇپ كىچىك تىپتىكى خاتىرە كومپيۇتېرغا ماس كېلىدۇ.

ئۇبۇنتۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەن تونۇشتۇرغان بۇ تۆت خىلى بولسا بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى، ئەگەر كۆپچىلىك باشقا نۇسخىدىكى ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقان بولسا ماڭىمۇ تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پايدىلانغان ماتىريال:http://www.linuxidc.com/Linux/2011-01/31552.htm

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟