ئۇبۇنتۇ بىلەن Win7 بىرگە ئىشلىتىۋاتقانلار بىلسە كېرەك. Win7 قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇغا كىرگىلى بولمايدۇ. مەن تۆۋەندە ئۇبۇنتۇ 10.10 دا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نۇسخىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئازراق پەرق بولۇشى مۇمكىن بىراق ئاساسەن ئوخشاش.
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ مەن بىلىدىغان ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.
- ئۇبۇنتۇنى قوزغىتىش تىزىملىكىنى Windows دىكى boot قا قوشۇش (WinXP دە ئاسانراق، بىراق Win7 دە مەن قىلالمىدىم شۇڭا بۇ يەردە تونۇشتۇرمايمەن).
- ئۇبۇنتۇنىڭ LiveCD سى بىلەن ئوڭشاش
ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇبۇنتۇ 10.10 نىڭ CD دىسكىسىدىن قوزغىتىمىز. ھەم تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى ئىككى بۇيرۇقنى تەرتىپ بويىچە كىرگۈزىمىز.
تېرمىنالدا كۆرۈنگەن ئۇچۇرغا قاراپ ئۇبۇنتۇرۇمىزنىڭ قايسى رايونغا قاچىلانغىنى كۆرۈۋالىمىز. مەسىلەن / رايون sda6، ئەگەر boot/ مۇ ئايرىم ئايرىلغان بولسا sda7 (ئايرىم ئايرىمىغان بولساق ئىشىمىزنى قىلىمىز، ھى…) تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز.
سىستېمىنى قايتا قوزغىتىمىز. قايتا قوزغاتقاندا grub> چىقىشى مۇمكىن، تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىگۈزمىز.
ئۇبۇنتۇغا كىرگەندىن كىيىن، 系统System-管理Administration-Synaptic Package Manager新立德软件包 نى ئېچىپ grub-pc نى ئىزدەپ قاچىلايمىز. ئەگەر قاچىلاقلىق بولسا ئۆچۈرۈپ قايتا قاچىلايمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى ئىككى بۇيرۇقنى يۈرگۈزسەكلا ئىش تامام.
ئۇبۇنتۇ بىلەن Windows نى بىرگە ئىشلىتىۋاتقانلار، قاتتىق دىسكىغا قاچىلانغان ئۇبۇنتۇنى توغرا ئۆچۈرۈش دېگەن يازمام بىلەن بۇ يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسا بىر سىستېما بۇزۇلسا ئىككى سىستېمىنى تەڭ قاچىلاش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلىدۇ.
نىمىشقا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ؟
ىسزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوقكەن شۇ
چاق-چاق ھە…
بۇ ئۇبۇنتۇ بىلوگى بولغاچقا، ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇبۇنتۇدا firefox ياكى chrome ئىشلىتىپ بۇ بىلوگقا چىقىدۇ. ئۇ تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچىنى نورمال كرگۈۈزگىلى بولىدۇ. IE ۋە IE يادىرولوق تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچىنى بەزىدە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، بەزىدە بولمايدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدىم.
بۇ ئۇسۇل 11.4كە ماس كەلمەمدۇ قانداق؟
ubuntu@ubuntu:~$sudo -i
root@ubuntu:~#fdisk -l
بۇ ئىككى بۇيرۇقنى كىرگۈزسەم command not found دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى.
sudo -i بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەتكۈچىگە ئايلىنىپ، ئاندىن fdisk -l بۇيرۇقى بىلەن، كومپيۇتېردىكى ئايرىلغان رايۇننى تاپىسىز، ياكى بىۋاستە sudo fdisk -l دەپ كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئاندىن كۆرۈنگەن دىسكا ئۇچۇرىدىن چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ تۇرۇپ، boot نى ئايرىم ئارىغان بولسىڭىز شۇنى، ياكى بىۋاستە غول مۇندەرىجى يەنى / مۇندەرىجىسىنى تېپىپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
fdisk -l بۇيرۇقى ئۇبۇنتۇ 10.10 دا ئوپتىك دىسكىدىن قوزغاتقاندا نورمال ئىشلەيتى بولمىسا، شۇنداقلا بۇ بارلىق لىنۇكسدىكى دىسكا ئايرىشتا ئىشلىىلدىغان بۇيرۇق. ئەگەر boot نى ئايرىم ئارىغان بولسىڭىز شۇنى، ياكى بىۋاستە غول مۇندەرىجى يەنى / نىڭ سانى بىلسىڭىز بۇ باسقۇچنى قىلمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
گوسىتنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن ، ئوبۇنتۇ قوزغالدى بىراق ، ئىكىسپىنى قوزغاتسام، خاتالىق كۆرۈلدى. بۇ خاتالىقنى قانداق ئوڭشايمەن!!!!!!!!
رەھمەت دوستۇم بەخىتيار!!!!!!!!!!!!!!!!!
دوستۇم بەختىيار مەن يازغان سۇئالغا قاراپ باققان بولسىڭىز بوپتىكەن.!!!!!!
ئۇبۇنتۇنىڭ grub نى مەن دېگەندەك قايتا قاچىلىغانمىتىڭىز، ياكى ئۇبۇنتۇنى قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇ قوزغىلىپ xp گە كىرگىلى بولمىدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن دېگەندەك grub نى قايتا قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ.
ئەگەر يەنە بولمىسا mbrfix دەپ بىر دېتال بار، شۇنىڭ ئارقىلىق windows نىڭ mbr سىنى ئوڭشاپ xp گە كىرىپ سىناپ بېقىڭ. ئوڭۇشلۇق كىرسە ئۇبۇنتۇنىڭ grub نى قايتا قاچىلىسىڭىز ئۇبۇنتۇغىمۇ كىرگىلى بولىغۇ دەيمەن.
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/qattiqdiskidiki-ubuntuni-ochurush.html
ئوبۇنتۇدىكى ئوپىسنى خەنزۇچىلاشتۇرۇشقا بولمامدۇ؟ مېنىڭ ئىگىلىسچە سەۋىيەم يوق دېيەرلىك ئىدى.!!!!!!!!
ئوپىسنى دېگىنىڭىز بارلىق كۆۈنمىسىدىكى تىلنى دېمەكچىمۇ. مەن شۇ توغۇرلۇق بىر يازما يېزىۋاتىمەن. سەل تۇرۇپ بىلوگقا يوللاپ قوياي
دوستۇم بەختىيار سىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق يارىدەملىرىڭىز ئۈچۈن، ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.