كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ alpha-3 نۇسخىسى تارقىتىلغىلى خېلى بولدى. ئۇبۇنتۇ 11.04 بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان نۇسخا بولۇپ، ئىشلىتىۋاتقان ئۇبۇنتۇرىمىزنى توردىن 11.04 نىڭ alpha-3 سىناق نۇسخىسىغا كۆتۈرەلەيمىز. بىراق تور سۈرىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشرىنى كۆتۈرۈش ھەمىشە مەغلۇپ بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇبۇنتۇ 10.10 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بېكەتنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىكى ئۇلىنىشتىن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ alpha-3 نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ CD غا ئۇيۇپ، LiveCD ئارقىلىق10.10 نى 11.04 نىڭ سىناق نۇسخىسىغا بىمالال كۆتۈرەلەيسىز، سۈرەت شۇنداق ئىتتىك. ئەگەر ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ چىقىشىغا تاقىتى-تاق بولغانلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
كومپيۇتېرنى LiveCD دىن قوزغىتىپ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تاللاپ ئۇبۇنتۇ 10.10 نىڭ نەشرىنى كۆتۈرسەك بولىدۇ. بۇرۇن قاچىلىغان يۇمتاللارغا ھېچقانداق زىيان يەتمەيدۇ.
ھەتتا قاتتىق دىسكا رايونىنىمۇ قايتا ئايرىغىلى بولىدۇ (قوش سىستېما ئىشلىتىۋاتقانلار Windows رايونىغا چاق-چاق قىلماڭلار).
دىققەت: ئۇبۇنتۇ 11.04 سىناق نۇسخا بولغاچقا خەتىرى بار.
CDئارقىلىق ئۇبۇنتۇ 10.10 نى 11.04 غا كۆتۈرۈش
[ئالدىنقىسى] ئۇبۇنتۇ 10.10 نى قاچىلاش سۈرەتلىك دەرسلىكى
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇدا خاتىرە كومپيۇتېر سېزىمچان تاختىسىنى قۇلۇپلاش
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇدا خاتىرە كومپيۇتېر سېزىمچان تاختىسىنى قۇلۇپلاش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ نۇسخىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Grub تا Windows رايونىنى تاپالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟
دىمەكچى بولغىنىڭىز 10.10 نى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن نەشىرىنى يۇقىرلاتقاندا windows قا كىرەلمىدى شۇنداقمۇ؟
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولدۇم. بىراق تور بىكەتلەرنى نۇرمال زىيارەت قىلالمىدىمغۇ؟
تورغا ئۇلىيالماي نورمال زىيارەت قىلالمىغان بولسىڭىز، ئوزىڭىزنىڭ قايسى خىل تورغا چىقىدىغانلىقىڭىزنى ماڭا دەپ بېرىڭ. ئەگەر ئۇيغۇرچە بىكەتلاردىكى خەت نورمال كۆرۈنمىگەن بولسا بېكەتتىكى ئۇبۇنتۇغا فونت قاچىلاش دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
ئەگەر يەنە قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئىنكاس يازارسىز