ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا Openoffice ئىشلىتىشتىكى ماھارەتلەر
ئېلان قىلىنغىلى648 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 31 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,045+

ئۇبۇنتۇدىكى ئىشخانا يۇمتالىنى (OpenOfffice)ئىشلەتكەندە ئۇنىڭغا بەزىدە بىۋاسىتە ئوڭدىن سولغا كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. يەنى رەسىمىدىكى خەت كىرگۈزۈش يۆلىنىشىنى تەڭشەش كۇنۇپكىسىنى باسساق ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاسان، OpenOfffice قا ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارساقلا بولدى. Tools>>Options نى تاللاپ ئالدىن Langguage تاللاپ رەسىمدىكى ئىستىرىلكىدا كۆرسىتىلگەننى تاللايمىز.
ئاندىن قورال ئىستونىغا قارىساق خەت كىرگۈزۈش يۆلىنىشىنى تەڭشەش كۇنۇپكىسى قوشۇلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا ئۇيغۇرچىنى بىمالال كىرگۈزەلەيمىز، ھەم باشقا ئىشخانا يۇمتالىدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە ماتېرىياللىرىنى ئاچساقمۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك كۆرۈنىدۇ.

OpenOfffice بولسا Microsoft Office دىن قېلىشمايدىغان ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئىشخانا يۇمتالى بولۇپ Ubuntu تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكەرنىڭ تىرىشىشى ئاستىدا ئۇيغۇرچىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. مەن بۇ يەردە ئاشۇ تۆھپىكارلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كىيىن OpenOffice نى ئاچساق ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەن يۇقىرىقى تەڭشەش ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

سۆزلىمەكچى بولغان يەنە بىر ھۈنەر بولسا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئوخشاش ئىمتىھانغا بىر ھەپتە قالغاندا مۇئەللىمنىڭ ppt سىنى ئېلىپ تەكرار قىلىشى مۇمكىن . مەن ئۇبۇنتۇلا ئىشلەتكەچكە msoffice دا ئىشلەنگەن ppt دىكى توملىتىلغان خەنزۇچە خەتلەر oppenoffice دا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك غەلىتە توم كۆرۈنۈپ قالدى(بەزى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتكەندە ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچىمۇ توم كۆرۈنۈپ قالىدىكەن مۇئەللىملەر دەرس تەييارلىغاندا ئاساسەن 宋体 ئىشلىتىدىكەن).

شۇڭا مەن كۆپ ۋاقىتلاردىن بېرى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن بۇنى ھەل قىلىپ ppt كۆرۈپ ئىمتىھانلارنى ياخشى بېرىپ كېلىۋاتىمەن . OpenOffice.org Presentation نى قوزغىتىپ ‘Tools’工具’–>option’选项’–>View’视图 نى تالاپ ئوڭ يۇقىرى تەرەپتىكى ‘Use hardware acceleration’使用硬件加速 نىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى يوقىتىۋەتسەكلا بولىدۇ (ppt قويغاندا سۈرەتكە ئازراق تەسىر يىتىشى مۇمكىن).

قاراڭلا ئەمدى بايا غەلىتە توم كۆرۈنۈپ قالغان ppt نى قويساق شۇنداق نورمال كۆرۈنىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 31 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 0 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 31

    ئىنكاس يېزىش

    سۈرىتىڭىز يوقما؟


    تاقاش×