ئالدىنقى قېتىم مەن سىلەرگە Ubuntu tweak نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدىم. مىنىڭ بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم Ubuntu tweak نىڭ ئىقتىدارىغا بەكمۇ ئوخشىشىپ قالىدىغان يۇمتال ailurus.بۇ ailurus نى ئاچقاندىكى تۇنجى كۆزنەك بولۇپ ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى Ubuntu tweak قا ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ. سىز بۇنى ئۆزىڭىز ئىشلىتىش جەريانىدا ئاستا-ئاستا ھېس قىلالايسىز. مەن بۇ يەردە بەك جىق سۆزلەپ يۈرمەي، سىز پەقەت ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ باققاندىلا ئاندىن ھېقىقى ھېس قىلالايسىز.
سىز تۆۋەندىكى بىر نەچچە پارچە رەسىملەرنىڭ سىز ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىدىكى ئوخشاش يۇمتال بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقىنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟ terminal ۋە vi كۆزنىكى سىزنىڭكى بىلەن ئازراق ئوخشىماي تۇرامدۇ؟ ailurus سىزنى مۇرەككەپ بولغان vi سەپلىمە ھۆججىتىنى تەھرىرلەشتىن خالىي قىلىدۇ.
سىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Computer Doctor دېگەن ئورۇننى تاللاپ ئاندىن ئاستىدا كۆرۈنگەن بارلىق تاللاشقا بەلگە ئۇرۇپ مۇقىملاشنى باسسىڭىزلا ھەممىسى يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك بولۇپ بولغان بولىدۇ.( بۇ بەلكىم Ubuntu tweak دىن بولغان پەرقىدۇر بەلكىم).
بۇندىن باشقا سىز يەنە Study Linux, Preference, Others دېگەن تاللاشلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشەلەيسىز.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيىڭىز يېتەرلىك ياخشى بۇلىشى كېرەك.
سىز http://code.google.com/p/ailurus/downloads/list دىن ئەڭ يېڭى يۇمتالنى چۈشۈرەلەيسىز. قاچىلاش ئۇسۇلىنى مەن بۇ يەردە تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. ئەگەر قانداق قاچىلاشنى بىلەلمىسىڭىز ئاستىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدىغان يۇمتال ailurus
[ئالدىنقىسى] ئۇبۇنتۇدا سىستېمىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تازىلاش يۇمتالى Ubuntu Tweak
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇنىڭ مۇسۇلمانلانىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىقلاشتۇرۇلغان نۇسقىسىSabily
[كېيىنكىسى] ئۇبۇنتۇنىڭ مۇسۇلمانلانىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىقلاشتۇرۇلغان نۇسقىسىSabily
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سىز دىگەن ئۇسۇل بويىچە قىلغان ئىدىم .userدىگەن خەتنى كىرگۈزسەم user accou
ماۋۇ يازمىنىڭ ئاخىرى بىزنىڭ بىلوگدا تۇرىدىيا .... http://www.uztaj.com/
سالام بەختىيار سىز پەقەت مەندەك ھېس قىلىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
بامۇ سىز بەختىيار !!!!!!
مۇشۇ ئىكىسپىدا مەشغۇلات قىلسام باشقىلارنىڭ مەشغۇلاتىمغا قاراپ تۇرىدىغاندەك
قاچىلاش كۆرۈنۈشى خەنچە چىقمامدىكەن؟ مېنىڭ ئىنگىلىسچە سەۋىيەم تۆۋەن ئىدى.
12.04 تىن باشلاپ conky نى ئىشلەتكىلى بولمامدا؟(كەچۈرۈڭ مۇناسىۋەتسىز سۇئال ب
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :mrgreen: :mrgreen: بۇ بىر ياخشى باشلىنش بوپتۇ بولسا ب
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئوبۇنتۇنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشىم ، مەن بۇ سىستىمىن