نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تورغا چىقالماي تېما يولىيالمىدىم، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇبۇنتۇنىڭ 11.10 نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، بەلكىم كۆپ ساندىكى ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرى بۇ نۇسخىسىنى قاچىلاپ سىناپ باققان بولۇشى مومكىن، مەنمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ قېتىمقى يېڭى نۇسخىسى بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا قارىغاندا خىلىلا ياخشى چىقىپتۇ. قاچىلاپ سىناش جەرياندا مەن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. گەرچە ئىلىتىپ كۆنۈش بىرئاز قېيىندەك تۇيۇلسىمۇ بۇ قېتىمقى نۇسخىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.
مەيلى 3D ئۈنۈملىرىنى چىقىرىپ كۆرۈش بولسۇن ياكى دېتاللارنى قاچىلاش، يېڭىلاش جەھەتتىن بولسۇن بەكمۇ قۇلاي لاھىلىنىپتۇ. بۇنى بەلكىم باشقا دوستلارمۇ ھېس قىلغان بۇلىشى مومكىن .
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي داڭلاۋەرسەممۇ بولماس، ئەمدى مېنىڭ ئۈستەل يۈزۈنى كۈرۈپ بېقىڭلار.
بۇ ئۇبۇنتۇ 11.10 نى قاچىلاپ سىناپ باققۇچىلار ئۈچۈن : چۈشۈرۈش
بۇ بەتكە كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىم كۆرۈنىدۇ
بۇ رەسىمنىڭ سول تەرەپ ئاستى تەرىپىدىكى تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىسىز. ئاندىن چۈشۈرۈش بېتىگە يۆتكىلىدۇ بۇ يەردە ئۈچ خىل ئۇسۇل بار سىز تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈش بېتىگە كىرسىز
بۇ يەردىن ئۆزىڭىز خالىغان نۇسخىدىكى ئۇبۇنتۇ نىڭ نەشرىنى تاللاپ چۈشۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. قاچىلاپ ئۇسۇلى بىلوگدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان .
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تەپسىلىي كۆرۈپ قاچىلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ ،قوش سىستېما قىلىپ قاچىلاش شارائىتىغا پەقەت 10 مىنۇت ۋاقتىڭىز كېتىدۇ .قېنى ھەقسىز ،كۆرۈنمە يۈزى 99% ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغان ئانا-تىل يېزىقىمىز قوللىنىلغان بۇ سىستېمىنى سىزمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ.
ياخشىمۇسىز ؟ئۇبۇنتۇ 11.10ھەم 11.04نىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتەلمىدىم .(سىيىستىما خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە فونىتقا ئالماشتۇرالمىدىم )ياردەم قىلسىڭىز .رەھمەت
sudo apt-get install gnome-tweak-tool
مەن ئۇيغۇرچىغا توغۇرلىغان، ئىشقىلىپ ئاساسەن دىگۈدەك بولۇپ بوپتۇ. نېسىپ قىلسا يەنە بىر نەشرىدە پۈتۈن ئۇيغۇرچە بولسا ئەجەپ ئەمەس.
99% ئۇيغۇرچىلىشىپ بولدىما ؟ ئالدىنقى قېتىم 76 % دېگەندەك گەپلەر بولىۋاتاتتىغۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم – ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسى يۈزىنى تۇنجى قېتىم كۆرىشىم .
ماتىرياللاردىن كۆرۈشۈچە تۆۋەن سەپلىمە – لېكىن يۇقىرى 3D ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن –
ئۇنداق بولسا بىر سوئالىم بارتى :
مۇشۇ ئۇبۇنتۇ بىز دائىم ئىشلىتىدىغان Photoshop – IIS قاتارلىق نەرسىلەر ئىجرا بولامدۇ ؟
ھەمدە بەزى ئويۇنلار QQ CF – QQ飞车 نورمال ئوينىغىلى بولامدۇ ؟
فوتوشوپنى wine ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، لېكىن مەن قىلالمىدىم. QQ نىڭ ئۇبۇنتۇ نەشىرى ياخشى ئەمەس، سىز Web QQ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىز دىگەن ئويۇننى ئويناپ باقمىدىم.
قاچىلاپ كۈرۈپ باقايلى قېنى
قاچىلىسام نۇرمال قاچىلانمىدىغۇ؟
قاچىلىسام نۇرمال قاچىلانمىدىغۇ؟ۈ
قاچىلىسام نۇرمال قاچىلانمىدىغۇ؟غ
مەن ubuntu11.10نى قاچىلاپ 3dئۇنۇمدە بەكلا قېتىۋېلىۋاتىدۇكومپىيوتىرىم قۇراشتۇرغان كومپىيوتىرسەپلىمىسى تۇۋەندىكىدەك cpuقۇش يادروقۇق6660
内存.6gb
显卡invida gforget9500 384mg194bt
主板jw p43
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم بۇنىڭ سەۋەبى نىمدۇ جاۋابىڭىزنى كۇتىمەن 3dنى com pizدا چىقارغان 3dئۇنىمىنى چىقىرىشتاپايدىلانغان توربەت تۇۋەندىكىسىhttp://forum.ubuntu.org.cn/viewtopic.php?t=140531
3d ئۈنۈمى چىققان بولسا، كۆرسىتىش كارتىسى قوزغاتقۇچسى قاچىلىنىپ، بىراق قوزغاتقۇچ ئۇبۇنتۇ بىلەن ياخشى ماسلاشتىمۇ بىلمىدىم. 3d ئۈنىمىنى ئىتىۋېتىپ ئادەتتە ئىشلەتسىڭىز، سەل ئىېغىر قوزغاتقۇچ تۇنىمىغاندەك تۇيغۇ بېرەمدۇ؟
ياق كۆرسىتىش كارتىسى قوزغاتقۇچسى قاچىلانغان ئۇنداق ھەھۋال يۇق