ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ ئۈستەل رەسىمىنى ئاپتوماتىك ئالمىشىدىغان قىلىش
ئېلان قىلىنغىلى443 كۈن بولدى / ئۈستەل ئارايۈزى بېزەش / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 425+

بۈگۈن سىنىپىمدىكى XP گە ئالامەت ئامراق بىر خەن ساۋاقدىشىم كومپيۇتېرىغا Win7 قاچىلىۋاپتۇ. نېمىشقا دېمەمسىلەر، ئۇ ئۈستەل يۈزىگە نۇرغۇن چىرايلىق قىزلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ ۋاقىت بەلگىلەپ ئالمىشىدىغان قىلماقچى ئىكەن. شۇڭا ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ Win7 قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن (چاقچاق) بۈگۈن مەن ئۇبۇنتۇدا ئۈستەل رەسىملىرىنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئالمىشىدىغان قىلىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇبۇنتۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۈستەل رەسىملىرى ئارىسىدا بىر گۇرۇپپا رەسىم ئاشۇنداق ئاپتوماتىك ئالمىشىدۇ، بىز ئاشۇ رەسىملەرنىڭ ئورنىغا خالىغان رەسىم ئالماشتۇرساقمۇ، ياكى شۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى ئەسلى كود رەسىم ئورنىنى قايتا بەلگىلىسەكمۇ ئۈستەل رەسىملىرىنىڭ ئاپتوماتىك ئالمىشىش ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. بىراق بۇ بەك ئاۋارىچىلىك. مەن بۈگۈن يۇمتال drapes ئارقىلىق ناھايىتى تىزلا ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان بىر نەچچە ياكى بىر نەچچە يۈز ئۈستەل رەسىمنى ئاپتوماتىك ئالمىشىدىغان قىلىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
drapes نى قاچىلاش بۇيرۇقى:

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$&sudo apt-get install drapes

ئاندىن  System>>Prefrences دىن drapes نى قوزغىتىمىز. ئۇ ئۈستەل يۈزىنىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدە كۆرۈنىدۇ، ئاندىن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ Prefrences نى تاللاپ بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز.

Add كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئۆزىمىز خالىغان ئۈستەل رەسىملىرىنى قوشىمىز.

كۆزنەك ئۈستىدىكى General نى بېسىپ يۇمتالغا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز.

مەن يۇقىرىقى كۆزنەكتىن يۇمتالنى ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشىسەم قوزغالمىدى. ئەگە سىلەرنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالسا System>>Prefrences>>Startup applications نى تاللاپ Add كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىسىم كۆزنىكىگە خالىغان ئىسىمنى بۇيرۇق كۆزنىكىگە drapes –tray نى كىرگۈزۈپ ساقلىۋەتساڭلا ئىش پۈتىدۇ.

ئەگەر رەسىمنىڭ ئالمىشىشىنى كۆرمەكچى بولساڭلار بەلگىلىگەن ۋاقىت توشقۇچە ساقلاپ ئولتۇرماي panel دىكى يۇمتال سىن بەلگىسىنى چەكسەڭلار سىلەر تاللىغان رەسىم دەرھال ئالمىشىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟