Silicon Empire بولسا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان ئوپتىك دىسكا ئويۇش، باشقۇرۇش قورالى بولۇپ QT ئارقىلىق يېزىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
- ئوپتىك دىسكىغا ئويۇش/كۆچۈرۈش/ئۆچۈرۈش
- CD، DVD، BD ئوپتىك دىسكىلىرىنى قوللايدۇ
- CD، DVD دىسكىلىرىنى سىستېمىغا ئاسقىلى بولىدۇ. .iso ،nrg ،bin ،mdf ۋە img قاتارلىق شەكىللەرنى قوللايدۇ
- CD، DVD باشقۇرۇش بەكمۇ قۇلايلىق
ئورگان بېتى: http://getsilicon.org
Deb بولىقىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://getsilicon.org/downloads
Windows، MacOS سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ يۇقىرىدىكى ئادرېستىن ماس كەلگەن نەشرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
ئورگان تورىدا ۋىندوۋس نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلىنىشى يوقكەنغۇ؟
كەچۈرۈڭ، بايا بۇ يازمىنى يازغاندا چۈشۈرۈش بېتىدىكى Windows, MacOS نىڭ كەينىدىكى Not Available Yet دېگەن خەتكە دېققەت قىلماپتىمەن. بىراق Windows نۇسخىسى پات يېقىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
بۇ دېتال demonTools نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلەمدۇ؟
demonTools پۈتۈنلەي ئوخشاش دېيىشكە بولىدىكەن. مەسىلەن demonTools نىڭ مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ (虚拟光驱) ئىقتىدارىنى جىق ئىشلىتىمىز. بۇ دېتال ئارقىلىق مۇ ISO قاتارلىق ھۆججەتنى خالىغان جايغا ئاسقىلى(挂载) بولىدۇ يەنى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ (虚拟光驱)غا ئوخشىشىپ كىتىدۇ.