نەچچە ۋاقىتتىن بىلوگقا قارايدىغان پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىغان، ھازىر كۈندە ئازراق بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىلوگقا بىرنەرسە يازغاچ، ئىنكاسلارغا جاۋاب يېزىۋاتىمەن. شۇڭا ئىنكاسى جاۋابسىز قالغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەتئىي ئاغرىنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈگۈن سوئالخانىدىكى جاۋابسىز سوئاللارنى ئارىلاۋېتىپ، ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىشتا سورالغان بىرنەچچە سوئالنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ھەم بەزلەرنىڭ سىستېمىنى ئىنگلىزچە قىلىپ قاچىلاپ، كىيىن خەنچە قىلاي دېسە قىلالمىغانلىقىنى بىلدىم.
بىرىنچى مەسىلە:
سىستېما قاچىلىغاندا سىستېما تىلىنى خەنچە ياكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلنى تاللاپ قاچىلىغان بولساق، مەسىلەن ئىنگلىزچىنى تاللاپ قاچىلىغان بولساق، سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە ياكى خەنچە تىل بولىقى قاچىلىغاپ Language Support نىڭ Regional Formats دىن خەنچىنى ياكى ئۇيغۇرچىنى تاللىغان تەقدىردىمۇ، Language دىكى uighur/uyghur ياكى 中文 دېگەن تاللاشنى تاللىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىستېما تىلى يەنىلا خەنچىگە ياكى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرمەيدۇ.
گەپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىشنىلا سۆزلەيلى، خەنچىمۇ ئوخشاش. مەسىلەن مەن سىستېمىنى قاچىلىغاندا ئىنگلىزچىنى تاللاپ قاچىلىغان.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلاي
Regional Formats نى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەي
بارلىق سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلاي
مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، بەلكىم سىز ماڭا ئوخشاش تىل بولىقىنى قاچىلىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇ يەردىن سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان تىلنى تاللىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. چۈنكى مەن سىستېما قاچىلىغاندا، سىستېما تىلىغا بۇ تىلنى تاللاپ قاچىلىمىغان.
ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلى، سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ، قاچىلاش جەريانىدىلا سىستېما تىلىغا ئۇيغۇرچىنى تاللاپ، سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن شۇ تىل بولىقىنى يېڭىلاپ قويۇش. ھى..ھى.. چاق-چاق ھە. مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىڭلار دېمەكچى ئەمەس.
ھەل قىلىشنىڭ ئىككىنچى خىل ئۇسۇلى(چوقۇم مۇشۇنداق): ئۆزىمىز خالىغان تىلنىڭ تىل بولىقىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن user accounts نى قوزغىتىمىز.
ئاندىن بۇ يەردىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان تىلنى تاللايمىز.
ئەمدىن Language Support نىڭ Language دېگەن يېرىگە قاراپ باقايلى، بايا ئۇيغۇرچىنى تاللىغىلى بولمىغان، ئەمدى بولىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىغا چېكىنىپ كىرسەكلا بولدى.
سىستېمىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ سەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇبۇنتۇ 11.10 ئۈچۈن مەخسۇس تېما دېگەن يازمامدا Advanced Settings دېگەن قورالنى تونۇشتۇرغان، شۇ ئارقىلىق خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىۋالساڭلار بولىدۇ. ياكى كۆككەپتەر بىلوگىدىكى ubuntu11.10 دا (Unity يۈزلۈكى) ئۇيغۇرچە فونتنى بەلگىلەش دېگەن يازمىدىن پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە:
سىستېمىنى ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كىيىن، كىرىش كۆزنىكىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر يەنىلا سەت كۆرۈنىدۇ. كىرىش كۆزنىكىنىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى /etc/lightdm نىڭ ئىچىدە، بۇ يېدىكى unity-greeter.conf كىرىش كۆزنىكىنىڭ خەت نۇسخىنىمۇ كونترول قىلىدىكەن. بۇ ھۆججەتنى ئېچىپ قارىساق تۆۋەندىكىدەك بىر قۇر بار. ئالدىدىكى ubuntu خەت نۇسخىسى ئىسمى، كەينىدىكى 11 خەت چوڭ كىچىكلىكى.
font-name=Ubuntu 11
مەن بۇ قۇرغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقتىم، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك، خەت نۇسخىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلاشمىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغانلار بولسا ئورتاقلاشساق.
font-name=ukij tuz tom 12
رەخمەت، مەن مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ تېخى 11.10 نى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولمايدىكەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن
ھە راسىت سىز بىلەن ئالاقىلىلاش دېگەن ئىدىم، قانداق ئالاقىلىشىمەن؟
مەنمۇ كومپىيوتىرىمغا ubuntu 11.10 قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇالدى م…بەزى سىستىمىلار…يەنىلا ئنگىلىزچە چىقىۋالدى… firefox تور بەت كۆرگۈچنى پەقەت ئۇيغۇرچىغا تەڭشىيەلمىدىم…ياكى تەڭشەيدىغان كۆزنىكىنى تاپالمىدىممۇ بىلمىدىم….
يەنە بىر مەسىلە يىڭىدىن تارتاتقان 12.04 نۇسخىس چىقىپتۇ…بۇ نۇسخىسىنى ئايرىم قاچىلايمىزمۇ ياكى….. 11.10دا سىستىمىنىڭ ئۆزىدىلا يىڭىلىغىلى بولامدۇ…مۇشۇ ھەقتە ياردەم قىلغان بولسىڭىز…
ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كىيىن ئىنگىلىسچە ياكى خەنچە چىقىۋالغان دېتاللار، ئۇيغۇرچىغا تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان، ياكى تەرجىمە قىلىنغان تەغدىردىمۇ ئورگان تەرىپىدىن ئىشلىتىلمىگەن. شۇڭا ئاشۇنداق كۆرۈنىدۇ.
12.04 تېخى سىناق نەشىرى 4-ئاينىڭ كەينىدە ھەققىي نەشىرى چىققاندا ئاندىن ئىشلىتىڭ. بىۋاستە 11.10 دىن يېڭىلىغىلى بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مەن 12.04 ئۈچۈن مەخسۇس تېمىدىن بىرنى يېزىپ قويىمەن.
تورسىز ھالەتتە ئۇيغۇرچە يېزىقنى قانداق تونۇتىمەن.!!!!!!!!!!
ما تېمىدىن خېلى مەنپەئەتلەندىم رەھمەت
مەنمۇ ھازىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە!
سىز دىگەن ئۇسۇل بويىچە قىلغان ئىدىم .userدىگەن خەتنى كىرگۈزسەم user accounts دىگەن سىنبەلگە چىقمىدى .ئۇنى قانداق چىقىرىمىز ،ياكى توردىن چۈشۈرەمدۇق؟يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز ؟
بىرەر نەرسە يۇيۇلۇپ كەتمىگەندۇ ھە. ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى قورال ئىستونىدا، سىسىتىما قاچىلىغاندا ئىشلەتكەن، ئىسمىنىڭىز كۆرۈنىدۇ. شۇ ئىسمنى چەكسىڭىز، ئەڭ ئاستىدا User account دېگەن تاللاش بار. شۇ يەردىن قوزغۇتۇپ سىناپ بېقىڭ.
سىز دېگەن كىرىش كۆزنىكىنىڭ ھۆججىتىنى نەدىن تاپىمىز ؟ ياردەم قىلغان بولىسىڭىز
چچ 571884462
user دېگەننى يازسام ھېچنىمە تېپىلمىدى دەپ چىقىۋالدى
ئەسسالام ئەلەيكۇم،قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن! مەن ك ئۇبۇنتۇنى قاچىلغان ئىدىم، قاچىلغان چاغدا ئۇيغۇرتىلنى تاپالماي خەنچىدە قاچىلغان. ئەمدى ئۇيغۇر تىلى بولىقىنى نەدىن چۈشۈرۈپ سېستىما تىلنى قانداق ئۆزگەرتىشىنى ھېچ بىلەلمەيۋاتىمەن . بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز…! رەھمەت
رەھمەت سىزگە بەختىيار . مەن شۇنداق قىلىپ ئۇبۇنتۇ نى ئىشلىتىپ ئاساسەن ۋىندوستا قىلالايدىغان مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايدىغان بولدۇم ھەتتا ۋىندڭۋوستا قىلالمايدىغان ھەقسىز ئۇيغۇرچە قىلىش مەشۇلاتىنى قىلىۋالدىم. كومپىيوتىر ئوينىساڭ لىنۇكىس ئوينا ھاھاا….