ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ سۈكۈت ئىشخانا دېتالى LibreOffice
ئېلان قىلىنغىلى636 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 745+

كۆپچىلىككە مەلۇم بولسا كېرەك. ئۇبۇنتۇ 11.04 دىن باشلاپ OpenOffice نىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تۇغقانى بولغان LibreOffice ئىشلىتىلىدۇ. مەن LibreOffice نى ئىشلىتىش داۋامىدا ئۇنىڭ OpenOffice دىن جىق پەرقى يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم. ھەتتا OpenOffice بىلەن Compiz نىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىش ھادىسىسى LibreOffice دىمۇ بار ئىكەن (ppt قويغاندا). شۇنداقتىمۇ ئۇبۇنتۇ ئورگىنى LibreOffice نى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان ئىكەن ئۇنىڭمۇ بىرەر سەۋەبى باردۇر. تۆۋەندىكىسى ئۇبۇنتۇ 11.04 alpha-3 دىكى LibreOffice كۆرۈنۈشى.

يېقىندا ئەڭ يېڭى نۇسخا 3.3 LibreOffice ئېلان قىلىندى. بىز PPA مەنبەسىدىن نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇبۇنتۇرىمىزغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمىز (10.04، 10.10 دا بولىدۇ 9.10 نى بىلمەيمەن). قاچىلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ئۇبۇنتۇرىمىزدىكى OpenOffie نى ئۆچۈرۈۋېتىمىز.

*.*uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get remove openoffice

LibreOffice نىڭ PPA مەنبەسىنى قۇشىمىز.

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo add-apt-repository ppa:libreoffice/ppa

قاچىلايمىز.

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update
uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install libreoffice

ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلەر تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق LibreOffice ئارايۈزىنى قاچىلايمىز (Gnome).

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install libreoffice-gnome

كۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلەر تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق LibreOffice ئارايۈزىنى قاچىلايمىز (KDE).

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install libreoffice-kde

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟