ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا ھۆججەت پىرېسلاش ۋە يېشىش
ئېلان قىلىنغىلى682 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 46 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,213+

ئۇبۇنتۇدا ھۆججەت پرېسلاش ۋە ھۆججەت يېشىش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان. Windows قا ئوخشاش ھۆججەتنى چېكىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مەشغۇلات قىلساقلا بولدى. بىراق ھۆججەت بەك چوڭ بولغان ئەھۋال ئاستىدا تېرمىنال ئارقىلىق ھۆججەت پرېسلىساق ياكى يەشسەك، CPU نىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، پرېسلاش، يېشىش جەريانىدا كومپيۇتېر سۈرىتىنىڭ ئاستىلاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز.

xxx  ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىسمى.

تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان بۇيرۇقلارنىڭ نىشان ھۆججىتى بار مۇندەرىجىگە كىرىپ ئاندىن ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.

  • tar

ھۆججەتنى پرېسلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال tar. گە ئايلاندۇرۇش كېرەك ،بۇنىڭدا ھۆججەت چوڭ كىچىكلىكىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

پرېسلاش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$tar cvf xxx

يېشىش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$tar xvf xxx
  • bz

پرېسلاش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$ gzip xxx.tar

يېشىش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$ gunzip xxx.tar.gz
  • bz2

ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى.

پرېسلاش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$ bizip2 xxx.tar

يېشىش :

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$ tar xvfj xxx.tar.bz

ياكى

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$bunzip2 xxx.tar.bz2
  • zip

windowsدىكىzip قا ئوخشاش،باشتا tar غا ئايلاندۇرۇش ھاجەتسىز.

پرېسلاش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$zip xxx.zip

يېشىش :

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$unzip xxx.zip
  • rar

windowsدىكىrar غا ئوخشاش،باشتاtar غا ئايلاندۇرۇش ھاجەتسىز.

پرېسلاش :

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$rar a xxx.rar

يېشىش :

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$rar x xxx.rar
  • 7z. ياكى Z .

جىق ئىشلىتىلمەيدۇ،بىراق ھەرقانداق شەكىلدىكى پرېسلانغان،يېشىلگەن ھۆججەتلەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.

پرېسلاش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$compress xxx.7z/Z

يېشىش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$uncopress xxx.7z/Z

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 46 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 0 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 46

    ئىنكاس يېزىش

    سۈرىتىڭىز يوقما؟


    تاقاش×