ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى باشقۇرۇش
ئېلان قىلىنغىلى273 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 60 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,965+

Packages نى خەنزۇچە 软件包 دەپ ئاتايمىز. ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «يۇمشاق دېتال بوغچىسى» دەپ ئېلىنىپتۇ. مەن بۇرۇنقى يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسىدە «بولاق» يەنى «deb بولىقى» دېگەندەك ئېلىۋېتىپتىكەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتەي.

كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى تېرمىنالدا apt/dpkg قورالى ئارقىلىق بوغچا قاچىلايمىز. يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ياكى apt قورالىدىن پايدىلىنىپ بوغچا ئىزدەيمىز، ھەم ئۆزىمىزگە لازىملىقى بوغچىنى تاللايمىز، بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمىز. ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال مەركىزى ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى يېڭى ئىشلەتكەنلەر ئۈچۈن، ھەم تېرمىنالدا بۇيرۇق يېزىش بىلەن خوشى يوقلار ئۈچۈن بارلىق ھاجەتتىن چىقالىسىمۇ، بىراق ئۇبۇنتۇنىڭ مۇلازىمېتىر نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغانلار، ياكى بوغچا باشقۇرۇشتا تەلىپى سەل يۇقىرىلار ئۈچۈن apt/dpkg قورالى ئارقىلىق ئۇبۇنتۇدا يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى باشقۇرۇشنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

توردىن ماتېرىيال كۆرسەم. لىنۇكس دەسلەپ تارقىتىلغاندا، دېتالنى چوقۇم ئەسلىي كودىدىن كود تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش(编译) ئارقىلىق قاچىلايدىكەندۇق. tar.gz ئەسلىي كود بوغچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باققانلار بۇنىڭ نەقەدەر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كىيىن Debian گۇرۇپپىسى dpkg بوغچا باشقۇرۇش قورالىنى ياساپ چىقىپتۇ. ئاندىن لىنۇكسدا يۇمشاق دېتال بوغچىسى دېگەن نەرسە پەيدا بوپتۇ. يەنى بۇرۇن كود تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش(编译) تاماملانغان، بەلگىلەنگەن كومپيۇتېردا (ماس كەلگەن لىنۇكس ۋارىيانتىدا) بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان rpm, deb بوغچىلىرى كەينى-كەينىدىن تارقىتىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كەپتۇ. ئەگەر بۇرۇنقىدەك كېتىۋەرسە يېپىق كودلۇق دېتاللارنى لىنۇكسدا ئىشلىتىشىمىز تېخىمۇ تەس بولاركەن.

كېيىنچە dpkg ئارقىلىق بوغچا باشقۇرۇش قۇلاي بولسىمۇ، بىراق بوغچا يېڭىلاشنىڭ ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى قايسى بوغچىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ چىققانلىقنى بىلگەندىن كىيىن، توردىن قول سېلىپ چۈشۈرۈپ ئاندىن قاچىلاشنىڭ يەنىلا قۇلايسىز ئىكەنلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، apt قورالى مەيدانغا كەپتۇ. apt-get upgrade ئارقىلىق كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلانغان بوغچىلارنىڭ تىز سۈرەتتە يېڭىلىيالايدىغانلىقىمىز ئوقۇرمەنلەرگە ناتونۇش ئەمەس.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ ئۆتەيكى apt/dpkg قورالىنى ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا لىنۇكسدا cd ۋە grep ئىككى بۇيرۇقنى ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشۇڭلار كېرەك. تۆۋەندە تونۇشتۇرغىنىم apt/dpkg قورالىنىڭ ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارى خالاس، مېنىڭچە مۇشۇلارنىڭ بىلسىلا بولدى، ھەممە ئىقتىدارىنى ئېسدە تۇتۇپ بولالمايدۇ كىشى. ئەگەر داۋاملىق تەتقىق قىلىپ باققۇسى بارلار، ئۇبۇنتۇ ئۆزىنىڭ apt/dpkg ياردەم ئۇچۇرىدىن، ياكى توردىن پايدىلىنارسىلەر.

تەييارلىق:

تېرمىنالنى ئېچىپ dpkg ۋە apt قورالىنىڭ ياردەم ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇيرۇق كەينىگە قوشۇشقا بولىدىغان پارامېتىرلار تولىمۇ كۆپ، بىراق مىنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىدىغىنىم ساناقلىقلا، ھەم بۇ يەردە تۇنۇشتۇردىغىنىممۇ شۇ ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى. قالغانلىرىنى ئۆزۈڭلار سىناپ ئۆگىنىۋالارسىلەر.

dpkg --help
apt-get --help
apt-cache --help

apt قورالىنى ئىشلىتىش:

  • ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلاش
sudo apt-get update

بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئاندىن سىستېمىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوغچا ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيمىز. بارلىق بوغچا ئۇچۇرىنى /etc/apt/sources.list ھۆججىتىگە يېزىلغان مەنبەدىن تاپىدۇ.

  • سىستېمىغا قاچىلانغان بوغچا نەشرىنى يېڭىلاش
 sudo apt-get upgrade

قائىدە بويىچە بولغاندا، sudo apt-get update ئارقىلىق بوغچا تىزىملىكىنى يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئاندىن بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق سىستېمىغا قاچىلانغان بوغچا نەشرىنى يېڭىلايمىز. ئەلۋەتتە بۇ ئىككى بۇيرۇقنى تەڭ && بەلگىسى ئارقىلىق ئۇلاپ ئىشلەتسەك تېخىمۇ قۇلايلىق.

sudo apt-get update && sudo apt-get upgrade

بارلىق سىستېمىنى بارلىق يۇمشاق دېتال بولىقىنى يېڭىلىماقچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.

 sudo apt-get dist-upgrade
  • يېڭىلانما تەكشۈرۈش

يۇمشاق دېتال بوغچىسى يېڭىلانمىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى

sudo apt-get -s upgrade

يۇمشاق دېتال بوغچىسى يېڭىلانمىلىرى ۋە سىستېما يېڭى نەشرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.

sudo apt-get -s dist-upgrade

ئەگەر بۇرۇن مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال قاچىلاپ، بۇ يۇمشاق دېتال نورمال ئىشلىمىگەن بولسا، دېمەك بۇ دېتالغا لازىملىق بولغان مەلۇم lib ئامبىرى قاچىلانمىغان دېگەن گەپ. تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق سىستېمىغا قاچىلانغان دېتاللارنىڭ تايىنىش مۇناسىۋىتىدە مەسىلە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز.

sudo apt-get check
  • ئىشلىتىشكە بولىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى تەكشۈرۈش

بۇ بۇيرۇقنى كەينىگە، يەنى مەن xxx بىلەن بەلگە قىلىپ قويغان ئورۇنغا، مەلۇم بىر بوغچىنىڭ ئسمىنى يېزىپ ئىشلىتىمىز.

sudo apt-cache search xxx

مىسال:
مەسىلەن بىر ئۇبۇنتۇ مۇلازىمېتىرىغا Mysql ۋە apache قاچىلىدۇق. بىراق php لىق بېكەت سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىتەلمىدۇق. بۇ چاغدا بۇ بۇيرۇق ئەسقاتىدۇ.

sudo apt-cache search apache2|grep php5

قارىساق apache2 قىستۇرمىسى libapache2-mod-php5 نىڭ كۆرىمىز. شۇنى قاچىلايمىز. بىراق يەنە بىر مەسىلە، بېكەت سىستېمىسىنى ساندانغا ئۇلىغاندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ، چۈنكى بىر Mysql نى قاچىلىغان بىلەن بىلەن ئۇنىڭ php بىلەن ئالاقىدار قىستۇرمىسىنى قاچىلىمىغان. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىپ قايسى قىستۇرمىنى قاچىلىشىمىز لازىملىقنى تاپىمىز.

sudo apt-cache search mysql|grep php5

ھەم قارىساق قىستۇرما php5-mysql نىڭ ئۇچۇرى بار، شۇنى قاچىلاپ، بېكەت سىستېمىسىنى نورمال قاچىلىۋالىمىز.

  • يۇمشاق دېتال بوغچىسىنىڭ ئۆزئارا تايىنىش مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش

بۇ بۇيرۇق ئىشلەتكەندە مەن بەلگە قىلغان xxx دېگەن ئورۇنغا، بوغچا ئىسمىنى يازىمىز.

sudo apt-cache depends xxx
sudo apt-cache rdepends xxx

بۇ ئىككى بۇيرۇقنىڭ پەرقى، ئۈستىدىكىسى (dependes) بولسا xxx بوغچىنىڭ قايسى بوغچا بىلەن تايىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئاستىدىكىسى (rdepends) بولسا قايسى بوغچىنىڭ xxx بوغچا بىلەن تايىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكشۈرىدۇ.
مىسال:
لىنۇكسدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، يىراقتىن باشقۇرۇش بوغچىسى OpenSSH ئىككى بوغچىدىن تەركىب تاپقان. بىرى openssh-client بۇ باشقا كومپيۇتېرغا ssh ئارقىلىق كىرىشتە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىرى openssh-server بۇ باشقا كومپيۇتېر ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا ssh ئارقىلىق كىرسە ئىشلەيدۇ. يەنى كومپيۇتېرىڭىزدا openssh-client لا بولسا، سىز پەقەت openssh-server قاچىلانغان ھەم بۇ مۇلازىمەت قوزغىتىلغان لىنۇكس مۇلازىمېتىرىغا كىرەلەيسىز، بىراق باشقىلار سىزنىڭكىگە ssh ئارقىلىق كىرەلمەيدۇ.

مەسىلەن سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا openssh-server، openssh-client ئىككىلىسى قاچىلىغان، بىراق بىر كۈنى سىز باشقىلارنىڭ مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا ssh ئارقىلىق كىرىشى ھاجەت ئەمەس مەنلا باشقىلارنىڭكىگە كىرەلىسەم بولىدۇ دەپ قارىدىڭىز.

sudo apt-cache depends ssh

ئارقىلىق OpneSSH نىڭ openssh-client ۋە openssh-server ئىككى بوغچىغا تايىنىدىغانلىقىنى، openssh-server نى ئۆچۈرسەكلا كۆزلىگەن مەقسەتكە تىزلا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيسىز.

sudo apt-cache rdepends ssh

بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئەگەر OpenSHH پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتسەك، قايسى ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيسىز.

  • يۇمشاق دېتال بوغچىسى قاچىلاش

بۇ ئىقتىدارنى ھەممىمىز كۈندە دېگۈدەك ئىشلىتىمىز. جىق سۆزلىمەي، بۇيرۇق تۆۋەندىكىدەك:

sudo apt-get install xxx

xxx بوغچا ئىسمى.

  • يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى ئۆچۈرۈش

بوغچا ئۆچۈرۈش مۇ ناھايىتى ئاسان، بىراق دىققەت قىلىدىغان مۇھىم مەسىلە تايىنىش مۇناسىۋىتى. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيرۇق:

sudo apt-get remove xxx

ئەگەر بىر بوغچىنى پاك-پاكىز سەپلىمە ھۆججەتلىرىدىن تارتىپ (/etc ئاستىدىكى) ئۆچۈرمەكچى بولساق apt-get نىڭ pure پارامېتىرىنى، پەقەت توردىن قايتا چۈشۈرۈش ھاجەتسىز بوغچىلارنى ئۆچۈرۈشتە autoremve پارامېتىرىنى ئىشلىتىمىز. قوشۇپ ئىشلەتسەك تۆۋەندىكىدەك

sudo apt-get --purge autoremove xxx

مىسال:
مەسىلەن مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا بۇ ئىككى بۇيرۇق ئارقىلىق mysql-server ئۆچۈرمەكچى بولسام، remove ئىشلەتسەم، ئۆچۈرىدىغان بوغچا پەقەت بىر تال، چوڭ كىچىكلىكى 93.8kb, ئەگەر purge autoremove ئىشلەتسەم ئۆچۈرىدىغان بوغچا توققۇز تال، چوڭ كىچىكلىكى56.4mb.

无觅相关文章插件,快速提升流量

بەتكە ئايرىلىشى: 1 2

ھازىرغىچە 60 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 2 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە. دەلىللەنگىنى: 57

  1. قارام ئنسان : 2012-يىل 23-ئاپرېل19:24 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەختىيار ubuntuنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمسى تاماملىنىشىغا ئەگىشىىپ ubuntuنى تەشۋىق قىلىدىغان بەتلەر كۇپىيۋاتسىمۇ لېكىن سىزنىڭكىدەك تەپسىلى ۋە چۇشۇنۇشلۇك ۋە ھگممىدە قۇلايلىق بەتنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم تىما مەزمۇنى ئۇلگەكۆرسىتىپ چىڭرىلغان بۇلغاچقاubuntuنىڭ بەزەن نەشىرلىرىدە ئشلىتىش يەنىلا تەسكە توختاۋاتىدۇ ھەم تىما يىڭىلىقلىرى ئازراق مۇشۇ توغۇرسىدا ئۇيلىنىپ باققان بولسىڭىز يەنە ubuntuدا قىلغان مەشخۇلاتنى سىنغا قايسى دىتالدا سىنغا ئالدۇ قاچىلاش قەريانىنى سۇزلەپ بەرگەن بولسىڭىز شۇ سىن دىتالىنىڭ

  2. Bakhtiyar : 2012-يىل 24-ئاپرېل15:37 جاۋاب

    باھايىڭىزغا رەخمەت، ياخشى يازمىلارنى يېزىپ سىلەرگە ياردەم بىرەلسەم مەن ئۆزەممۇ ناھايىتى خوش بولۇپ قالىمەن. بىراق يېقىندىن بىرى بەك ئالدىراش، بىر قولۇمنى ئىككى قىلىپ بولالمايۋاتىمەن. بىلىسىز بىلوگ مىنىڭ بارلىق تۇرمۇشۇم ئەمەس.
    ئۈستەل يۈزىنى سىنغا ئالىدىغان دېتال بەك كۆپ بىراق مىنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغىنىم RecordMyDesktop دېگەن دېتال. سىزمۇ مۇشۇنى سىناپ بېقىڭ

  3. 3000توۋا : 2012-يىل 16-ئۆكتەبىر08:39 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ 12.04 نى ئورنىتىپ شۇنداق خۇشال بولدۇم ھەتتا فونتنىمۇ ئۇيغۇرچە فونتقا تەڭشىۋالدىم ،
    ئەمدىكى مەن مۇنداق غەلىتە ئىشقا ئۇچراپ قالدىم . ئۇ بولسىمۇ تور بىكەتلاردىكى mp3 . wma ‹فورماتتىكى مۇزىكىلار قويۇلمايۋاتىدۇ .
    فىلەش فورماتتىكى ناخشا كىنولار نۇرمال قويۇلىدۇ . مۇنداقچە دېسەم ئۇلىنىش تورىنىڭ باش بىتىدىكى مۇزىكىلارمۇ قويۇلمايدۇ ، ھەرخىل قويغۇچلارنى ئورنىتىپ سىنغان بولساممۇ يەنىلا مەغلۇپ بولدۇم .

    قايسى كۈنى بىر دوستومغا ئۇبۇنتۇنى ئورنىتىپ بەرگەن ئىدىم . كېيىن XP غا ئالماشتۇرۋاپتۇ سەۋەبىنى سورىسام ، ناخشا مۇزىكا قويۇلمىدى ، دېگەندەك ئۇششاق ئىشلار .

    يەنە بىر ئاخىرقى سۇئالىم : ئوت تۈلكە تور كۆرگۈدە بەزەن بىر ئۇيغۇرچە تور بىكەتنىڭ خەتلىرى ئۇلانمايدۇ فونت تەڭشىسەممۇ يەنىلا ئوخشاش ، نېمەنىڭ ئىشىدۇ ؟

    خىروم تور كۆرگۈدە بولسا ئاشۇ خەتلەر ئۇلانمايدىغان تور بەتلەر بولسا ئۇلىنىدۇ ، ئەمما كۆركەم ئەمەس . باشقا بىكەتلەرنىڭ شۇنداق كۆركەم .

    ئاشۇ تور بىكەت قۇرغۇچىلارغا تەربىيە قىلىدىغان ئىشمۇ قانداق !

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟