يېقىندىن بىرى بىلوگنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇبۇنتۇدىن زېرىكىپ قالدىڭلارمۇ ياكى مەن يېقىدىن بويال يازغان يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇبۇنتۇ 11.04 توغرىسىدا بولغاچقا شۇنداقمۇ بىلمىدىم.
شۇڭا بۇ بىلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ بەرسەڭلا. مېنىڭمۇ بۇنىڭدىن كىيىن بىلوگنى قانداقراق باشقۇرۇش ھەققىدە كۆڭلۈمدە سان بولسا.
ئۇبۇنتۇ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنىڭ قايسىسىنى ئىشلىتىۋاتىسىز؟
- ئۇبۇنتۇ 11.04 (63%, 20 Votes)
- ئۇبۇنتۇ 10.10 (19%, 6 Votes)
- ئۇبۇنتۇ 10.04 (19%, 6 Votes)
- ئۇبۇنتۇ 10.04 دىن كونا نۇسخىسى (0%, 0 Votes)
Total Voters: 32

ئەسسلامۇ -ئەلەيكۇم
لىنۇكىس سېستمىلار توغرىسىدا توختىماي ناھايىتى ياخشى ئىزدىنىپ كېتىپ بارىسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ، مەنمۇ بىر لىنۇكىس سېستىمىلارنى تەۋسىيە قىلغۇچى، دائىم باشقىلارغا لىنۇكىس قاچىلاپ بەرگەندە https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu بىلەن بىلىك كۇلۇبىنى باش بەتلەپ قويىمەن.
بىر ئىلتىماسىم شۇكى ھەر مەزموننىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى «تۇللۇق ئوقۇش» نى «تولۇق ئوقۇش» قا ئۆزگەرتىپ قويامسىز.
رەخمەت سىزگە. مەن ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇر ئېدىت بۇ يەردىكى خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرمىگەچكە سەل قاراپ ئۆتكىزىۋېتىپتىمەن. ئادەتتە يازما يازغاندا ئىملاغا خېلى دىققەت قىلاتتىم بولمىسا. يەتتە يىلدىن بېرى ئىچكىرىدە يۈرگەننىڭ پايدىسى دەڭە بۇ
ھازىرلا ئۆزگەرتىپ قوياي…
يەنە قانداق تەكلىپىىز بولسا بەرگەسىز جۇمۇ…
ئىملا خاتالىقى ،ھەي،ئۇ يەرگە مەن بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن ،
نېمانداق تېز!
تىرىشىڭلار مىللىتىمىزنىڭ ئوغلانلىرى!!!
يەنىلا يىڭى نۇسخىسىغا بەكرەك كۈچىسىڭىز بولغۇدەك…مەنمۇ ھەممە نۇسخىسىنى قاچىلاپ باققان ئۇ چاغلاردا ئانچە بىلمىگەچكە ئۇزاق ئىشلىتەلمىدىم…سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىدىكى دەرسلىكلەرنى كۆرگەندىن كىيىن قايتا قاچىلاپ يەنە ئىشلىتىشكە كىرىشىپ كەتتىم…شۇ تور بولمىسا ئىقتىدارىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىكەن…
ئوبۇنتۇنىمۇ بىر كونۇپكا بىلەن قاچىلايدىغان قىلىپ ياسىسا بولمامدۇ ؟
مەن مۇشۇ ئوبۇنتۇ دىگەن سىستىمىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقاي دەپ خىلى كۈچەپ باقتىم .10.04نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش جەريانىدىمۇ خاتا مەشخۇلات قىلىش سەۋەبىدىن كومپىيۇتىرىمدا ئارتۇق بىر دىسكا رايونى پەيدا بولۇپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ دىسكا رايونىنى بىرلەشتۈرۈمەن دەپ كومپيۇتىرىمدىكى ماتىرىياللىرىدمدىن ئايرىلىپ قالدىم .ھەر ھالدا ئوبۇنتۇنى ئىشلىتىش جەھەتتە دەسلەپكى سەۋىيە تۇرغۇزدۇم .بۇ قىتىم 11.04نۇسخىسىنى سىناپ بىقىشنى ئويلىغان ئىدىم .مەۋھۇم كومپيۇتىرغا قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقاي دىسەم ئۇنىڭغا قاچىلانمىدى .wubiدىن پايدىلىنىپ cدىسكىغا قاچىلاپ باقاي دىسەم ئۇ نۇسخىسىدا يوقكەن .شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتىرىمغا بىر قاچىلاپ باقاي دەپ قاچىلاشنى باشلىدىم .بۇ نۇسخىسىنىڭ قاچىلاش ئۇسۇلى دىگەندەك ئوخشاپ كەتمەيدىكەن .شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە كومپيۇتىرىمدىكى دىسكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ قويدۇم .ئەلۋەتتە ماتىرىياللىرىمدىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ھەسرەت قىلمايمەن .شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى سۇئالنى سوراش خىيالىغا كىلىپ قالدىم .
مەنمۇ كومپيۇتېرىمدىكى ھەممە ماتىرياللارنىڭ يۇيلۇپ كىتىش دەردىنى تارتىپ باققان. ھەتتا ئۇبۇنتۇ دېگەننى ئېككىنچى قاچىلايدىغان بولسام… دەپ ۋەدىلەرنىمۇ بەرگەن تېخ
… ھازىر ئۇبۇنتۇدا بەلگىلىك ئاساسى بار ئادەم ئىزدەۋاتقاندا..
ئەمما ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش باسقۇچى، ئىچكى تۈزىلىشىگە سەل پىشىپ قالسىڭىز، بۇلاردىن ئەنسىرمىسىڭىز بولىدۇ. بولسا ئۇبۇنتۇ 11.04 نى wubi قاچىلاش ئىشلىتىپ بېقىڭ. سىزگە ئامات تىلەيمەن، بىر كۈنلەردە ماڭا ئوخشاش ئۇبۇنتۇدىن باشقا سىستېما ئىشلەتكىڭىز كەلمەس بولۇپ قېلىپ، بىلوگنى بىللە مۇنبەرگە ئۆزگەرتەمدۇق تېخى
بىكىتىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ. سىزنى قوللايمەن. بىلىملەر تورىدىكى باھارلىق تورداشلار سىزنى قوللايدۇ. بىكىتىڭىزنى لوگو ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم.
رەھمەت سىزگە!
مەنمۇ ئۇبىنتۇغا بەك قىزىقاتتىم. ئەمدى ماۋۇ يېڭى يەشىرىنى قاچىلاپ سىزنىڭ بىكىتىڭىزگە كىرىپ قىستۇرما قوشاي
بولىدۇ، ئۆزئار ھەمدەم بولۇپ ئۆتەيلى، قانداق مەسىلە بولسا بىكەتتە، ياكى ئايرىم ئېلخىتىمگە خەت يازارسىز
ubuntu نىڭ كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى قانداقراقتۇ؟
بورادەر قەدەملىرى يىتىپ قاپتۇغۇ بىلوگىمغا

xp بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ.ئىچكى ساقلىغۇچ 512 دىن يۇقىرى بولسا ياخشى. ئۇبۇنتۇ 11.04 كە يېڭى untiy ئىشلىتىلگەچكە كۆرسىتىش كارتىسىغا قويىدىغان تەلىپىمۇ سەل يۇقىرى. مەن intel 128 كۆرسىتىش كارتىسىدىمۇ ناھايىتى نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.
مەن ئىنكاس يازمىغان بىلەن بۇ بلوگغا دائىم كېلىپ تۇرىمەن.
مەن چۈشۈرگەن 11.04دىسكىسىدا wubiدىن قاچىلاش دىگەن ھۆججىتى يوقكەن .مەنمۇ ئامال بار شۇنداق قىلاي دىگەن .ھىلىمۇ ياخشى كومپيۇتىرىمنىڭ 分区表نى ساقلاپ قويغان ئىكەنمەن .شۇنى قايتۇرساملا بارلىق ھۆججەتلىرىم ئەسلىگە كەلدى .لكىن نورمال ئەسلىگە كەلدىمۇ .بىر نەرسە دىيەلمەيمەن .چۈنكى تىخى ھەممە ھۆججەتلىرىمنى ئىچىپ سىناپ بولالمىدىم .
چۇقۇم بولىشى كېرەك، سىز بىلوگىنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىكى ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىغا كىرىپ ubuntu-11.04-desktop-i386.iso نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ
ئوبۇنتۇنىڭ 11.04نۇسخىسىنى مەۋھۇم كومپيۇتىرغا قاچىلىغىلى بولمامدۇ ؟يەنە ئاۋارە بولۇپ قالماي دەيمەن .ئاۋال سىناپ ،قاچىلاشقا راۋۇرۇس پىشقاندىن كىيىن ئاندىن ئۆز كومپيۇتىرىمغا قاچىلاي دىگەن ئىدىم .
ئەلۋەتتە بولىدۇ، مىنىڭ ئۇبۇنتۇرۇمدىكى مەۋھۇم كومپيۇتېرغا سىناق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەنە بىر ئۇبۇنتۇ 11.04 قاچىلاقلىق
مەن ھازىرچە 10.10نى ئىشلىتىۋاتىمەن. 11.4نى قاچىلاي دەپ ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىدىم، لېكىن چوقۇم 11.4 كە كۆچىمەن.
مېنىڭچە 11.4 توغرىسىدا يازغان يازمىلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ.
سىز ئىشلەتكەن مەۋھۇم كومپيۇتىر VirtualBoxمۇ ؟مەن windowsمۇھىتىدا 10.04نەشرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن .لىكىن 11.04نەشرىنى قاچىلاي دىسەم ئىككى قۇر ئىنگىلىزچە ئۇچۇر چىقىۋىلىپ قاچىلانمىدى .
ئۇبۇنتۇدا VirtualBox ئىشلىتىمەن. windows دا VMware ئىشلىتىشىىزنى تەۋىسيە قىلىمەن. لىكىن windows دا VirtualBox دىمۇ نورمال قاچىلىنىشى كېرەك ئىدى. خاتالىق ئۇچۇرىنى ماڭا ئېۋەتىڭا، ياكى google دىن ئاقتۇرۇپ بېقىڭا…
رەسىمنى قانداق قىستۇرۇشنى تازا بىلىپ كىتەلمىدىم .
ئادرىسى مانا :
http://photo.blog.sina.com.cn/photo/75b7663cxa315db88cc39
مەۋھۇم كومپيۇتېرنى تەڭشگەن ۋاقىتتا CPU قوش يادىرولۇق قىلىپ تەڭشىگەن ئوخشايسىز. بولسا مەن دىگەندەك windows دا VMware ئىشلىتىپ بېقىڭ
سىزنىڭ لىنۇكىس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق ھەم ئۈنۈملۈك بولىۋاتىدۇ . مەيۈسلنمەي داۋاملىق تىرشىڭ . بىز ھامان سىزنىڭ قوللىغۇچىللىرىڭىز !!!
سىلەردەك قوللىغۇچىلرىملا بولسا مەن چۇقۇم تېخىمۇ تىرىشىمەن.
ubuntu نى زادى ئۈگىنىپ قويماي بولمىدى ، يەنە بىر نەچچە يىلغا قالماي خېلى ئۇمۇملىشىپ قالىدۇ بۇ كاساپەت . خەۋەرلەرگە قارىغاندا 联想 بىر تۈركۈم كومپىيۇتىرلارغا ئالدىن ubuntu قاچىلاپ سېتىپتۇدەك ، ئىشقىلىپ كىشىلەر ھەقسىزغا ئامراق ئەمەسمۇ ….
VMwareنى ئىشلىتىپ قاچىلىغاندا ئاپتۇماتىك قاچىلاپ كەتتى .تىخى ئىشلەتكىدەك بولمىدىم .
11.04قاچىلاپ كومپىيوتۇردىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ئايرىلدىم،شۇ ئاچچىغىمدا قاچىلىماسمەن دەپ نەچچە كۈن يامانلاپ تاشلاپ قويغان، بولمىدى بۈگۈن يەنە قاچىلىماقچى.بىر-ئىككى قېتىم ئىشلىتىپ باققانلار مەرىدىن كىچەلمەيدىغان ئوخشايدۇ.
ئەسكىنىڭ ئوتى يامان دىگەندەك.
ئادەتلىنىپ كەتسىڭىزلا ئۇبۇنتۇدىن باشقىنى ئىشلەتكىڭىز كەلمەس بوپ كىتىسىز.
توربەتكە قەيەردىن تىزىملىتىدۇ؟
تىزىملىتىشىڭىز ھاجەتسىز. ئېلخەت ئادرېسڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈپلا ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ. باشقىلار سىزگە جاۋاب بەرسە ئېلخىتىڭىزگە بارىدۇ. QQ توپىغا قېتىلىپ باشقا ئۇبۇنتۇ ھەۋاسكارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ ياخشى گەپكەن،مەن يىقىندا ubuntu11.4 نەشرىنى قاچىلىغان.opera تور كۆرەۈچىسىنى بىر سىناپ باقاي دەپ ئۇنى ئورناتقان، خەت نۇسخىسىنى ھەرقانچە قىپمۇ ئۆزگەرتەلمىدىم، ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە چىقسام خەت نۇسخىسى نورمال چىقماي بەك قىلە جىلە قىلدى،ئامالى بارمىدۇ؟
سىز ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇچە فونت قاچىلىغانمۇ؟
يەنە بىرگەپ ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغان تەغدىردىمۇ، ئۇيغۇرچە بىكەتلەردىكى «ى» Opera دا نورمال ئۇلانماسلىقى مۇمكىن. ھازىر نۇرغۇن WordPress ئۇسلۇبلىرى Opera دا نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
ئەگەر Firefox دىن باشقا جاھاننامە ئىشلەتكىڭىز كەلسا مەن Google Chrome نى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
ما رەسىم كۆزۈمگە ئەجەپ سىغمايدا،
بۇنى سىستېما ئاپتوماتىك چىقىرىپ قويىدۇ. ئەگەر باش سۈرىتىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز. http://www.tedbirkar.net/gravatar.html بۇ يازمىنى كۆرۈڭ.
Google Chrome نىمۇ قاچىلىغان، قايسى كۈنى بىر يىڭىلىسام(更新)بۇزۇلدى بولغاي، ئىچىلىپ بىرنەچچە سىكۇنت ئۆتۈپلا ئۆزلىكىدىن تاقىلىپ قىلىپ ئاچچىقىمدا سۆكۈلىۋىتىپتىمەن.
مەن يەنىلا 12.دە 10 لىك نۇسقىسنى ئىشلىتەي