ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) دېگەن نېمە؟
ئېلان قىلىنغىلى641 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 63 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,551+


Windows دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ھەتتا Windows  بولمىسا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە Windows  مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلانغانلىقىدۇر. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشتىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟

ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كومپيۇتېر تورىدىن ياكى مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان بولساق ئوندىن ئارتۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالايمىز. بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان Ubuntu  مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ مۇشۇلارنىڭ بېرى.

Ubuntu قانداق مەشغۇلات سىستېمىسى؟

كۆپچىلىك Linux نى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. Linux نى ئاددىي ھالدا ھەقسىز بولغان، ئەركىن تارقىتىلىدىغان Unix مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ھەمىشە تىلغا ئېلىنىدىغان Linux بولسا GNU/Linux. يەنى Linux يادروسى قوللىنىلغان GNU مەشغۇلات سىستېمىسى. Linux 1991-يىلى  Linus Torvalds تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. Linux بولسا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى. بىر مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىدا يادرولا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن شەخس ۋە ئورگانلار GNU/Linux ئاساسىغا قورۇلغان Linux نۇسخىلىرىنى تارقىتىدۇ.

Ubuntu دەل يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان  GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭ ئىسمى جەنۇبى ئافرىقا زۇلۇ تىلى ياكى خاۋسا تىلىدىكى ”Ubuntu“ سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى ”ئادىمىيلىك“، ”باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەل مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم“. ئۇ  ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بولۇپ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ”ئىنسانپەرۋەرلىك“ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

Ubuntu نىڭ ئىجادچىسى Mark Shuttleworth بولۇپ  ئۇنىڭ Canonical شىركىتى Ubuntu تەرەققىياتىدىكى بارلىق چىقىملارنى دېگۈدەك ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

Ubuntu نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

Ubuntu پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، سىزنىڭ ھېچقانداق ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز. ئۇ ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ يېڭى تېخنىكا، ئەڭ يېڭى دېتاللاردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەۋەردار بولالايسىز. Ubuntu ئورگان بېتىدىن ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز. ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدىن Ubuntu ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.

Ubuntu ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمېتىرلارغا ماس كېلىدۇ. مەيلى ئائىلىدە، ئىشخانىدا، ئۆگىنىشتە بولۇڭ Ubuntu دا ئىشلىتىشكە بولىدىغان قورال دېتاللار سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.

  • ناھايىتى زور ئەركىن يۇمشاق دېتال ئامبىرى بار

Ubuntu ئىشلەتكەندە يۇمشاق دېتالدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. تېرمىنالدا بىر قۇر بۇيرۇق بىلەن ياكى Ubuntu يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولغان ھەرقانداق دېتالنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. PPA  مەنبەسىدىن ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدىن تاپقىلى بولمايدىغان دېتاللارنى تاپىلايسىز. ئەڭ مۇھىمى بۇ دېتاللارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.

  • ياردەم مەركىزى مەشغۇلاتىڭىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ

سىز Ubuntu دا مەشغۇلات قىلىش داۋامىدا قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ياردەم مەركىزىدىن جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز ياكى   https://help.ubuntu.com تورىغا كىرىپ، تور يۈزىدە ئۆزىڭىز ئۇچۇرغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايسىز.

  • دۇنيادىكى ھەممە تىلنى دېگۈدەك قوللايدۇ

Ubuntu نىڭ نىشانى يەرشارىدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، https://translations.launchpad.net  تورىغا كىرىپ، ئۆزىڭىز تەرجىمە خىزمىتىگە بىۋاسىتە قاتنىشالايسىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردىن Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، Ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تېزرەك تاماملىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش سىز ئۈچۈن شەرەپلىك ۋەزىپە. سىز Ubuntu غا ھەرقانداق يۇنىكودلۇق TTF خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىستېمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھېچ قانداق خەت سىلىقلاش دېتالى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى نورمال كۆرسىتەلەيسىز.

  • ئۈستەل يۈزى ناھايىتى دوستانە

Ubuntu ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۈستەل مۇھىتى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتە Gnome  مۇھىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى نەپىس لايىھىلەنگەن KDE ئۈستەل مۇھىتى، سەپلىمىسى تۆۋەنرەك كومپيۇتېر ئۈچۈن ئېچىلغان Xfce ئۈستەل مۇھىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈستەل يۈزىنى بىر نەچچە خىزمەت رايونىغا ئايرىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىش ئۈنۈمىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. Compiz دېتالى ئارقىلىق نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى ئېچىپ،ئۈستەل  يۈزىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.

  • ناھايىتى تولۇق ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى سەپلەنگەن

Ubuntu نىڭ ئەڭ يېڭى 11.04 نۇسخىسىدىن باشلاپ سىستېمىغا LibreOffice سەپلەنگەن بولۇپ، LibreOffice يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچ، LibreOffice ئېلېكترونلۇق جەدۋەل، LibreOffice پروكسىيە،LibreOffice ماتېماتىكا، LibreOffic شەكىل سىزىش، LibreOffice ساندان قاتارلىق ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  • خەت ئالاقە، مۇڭدىشىش قوراللىرى تولۇق

Ubuntu غا ئې.خەت ئالاقىسى ئۈچۈن سۈكۈت Evolution سەپلەنگەن بولۇپ، خەت ئالاقە ئىشلىرىڭىزغا تولىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا msn،skype،qq… قاتارلىق مۇڭداشقۇلارنى بىمالال ئىشلىتەلەيسىز. Ubuntu غا يەنە Gwibber ئىجتىمائىي ئالاقە ئابۇنتتى، ناھايىتى كۆپ مۇڭدىشىش دېتاللىرىنى قوللايدىغان Empathy قاتارلىقلارمۇ سەپلەگلىك بولۇپ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇ.

  • كىنو-فىلىم، مۇزىكا قويغۇچلار تېخىمۇ سەرخىل

Ubuntu نىڭ 11.04 نەشرىدىن باشلاپ سىستېمىغا Banshee مۇزىكا قويغۇچى ۋە Totem فىلىم قويغۇچى سەپلەنگەن. ئەگەر ئۇبۇنتۇنىڭ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئىزدەيدىغان بولسىڭىز، قويغۇچلارنىڭ جىقلىقىدىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلمەي قالىسىز. جاھاننامە يۈزىدە توردىكى flash سىن ھۆججەتلىرىنى بىمالال كۆرەلەيسىز

  • Ubuntu One مۇلازىمىتى

Ubuntu one بولسا Canonical شىركىتى يولغا قويغان تور مۇلازىمىتى بولۇپ، سىز بۇ مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ 2G لىق ھەقسىز تور دىسكىسىغا ئېرىشەلەيسىز. ئەلۋەتتە ئازغىنە پۇل خەجلەپ بۇ بوشلۇقنى 50G غا كۆتۈرەلەيسىز. Ubuntu غا سەپلەگلىك Ubuntu One ئابونتتى ئارقىلىق، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى تور دىسكىڭىزغا چىقىرالايسىز، ھەمدە دوستلىرىڭىز بىلەن ھەمبەھىرلىنەلەيسىز.

  • Ubuntu پروگراممىرلانىڭ جەننىتى

Ubuntu دېتاللارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئەسلىي كودى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر كومپيۇتېر تىلىغا ئۇستا بولسىڭىز ئۆزىڭىز خالىغان دېتالنى ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز كومپيۇتېر تىلىنىڭ يېڭى ئۆگەنگۈچىسى بولسىڭىز، بۇ مول ئوچۇق كود سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشىڭىزگە زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. Ubuntu دا ناھايىتى نۇرغۇن IDE لار بار بولۇپ C، C++، Java، Python، PHP… قاتارلىق ھازىر دۇنيادا قوللىنىلىۋاتقان كومپيۇتېر تىللىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىشلىتەلەيسىز. دۇنياغا داڭلىق  gcc قورالى، vi/vim تەھرىرلىگۈچىسى مانا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

ر

Ubuntu دۇنيادىكى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشۋاتقان Linux مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقنى ئىشلىتىش داۋامىدا ناھايتى تىزلا ھىس قىلىپ يىتىسىز.

بۇ يازما كومپيۇتېر تۇرمۇش ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان. ئاپتۇرى مەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 63 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 4 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 59

  1. ناتىرىي خىلور : 2011-يىل 25-نويابىر07:37 جاۋاب

    رەخمەت سىزگە يېقىندىن بېرى ئوبۇنتۇغا قىززىقىپ قېلىۋاتىمەن ، بۇندىن كىيىن سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم .

  2. كەپتەر : 2012-يىل 6-ئىيۇن08:50 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار. بۇنداق ياخشى دېتال بارلىقىنى بۈگۈن ئۇقۇپتىمەن. بەك ياخشى ئىكەن ھازىرچە ئەڭ تۆۋەن باسقۇچتا چۈشەنچە ئالدىم ئەمما بۇندىن كېيىن ئىشلىتىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلىمەن. رەھمەت. ئاللاھ ئەمگىكىڭلارنىڭ بەدىلىگە رەھمەت ئەيلىسۇن.

  3. پاسىبان : 2012-يىل 4-سېنتەبىر00:00 جاۋاب

    مەن ئۇبۇنتۇغا بەك قىزىقىپ قالدىم نىمىشقا بۇ سېستىمىنىڭ ئوپتىك دىسكىسى بازاغا سېلىنمايدۇ

  4. تەباھى : 2012-يىل 3-ئۆكتەبىر18:09 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇغا قىزىققىنىمغا ئۇزۇن بولدى،لىكىن ئۇبۇنتۇنى ئۈستەل كومپىيۇتىرىمغا قاچىلىيالماي بەك قىينيلىپ كەتتىم ،ھەتتا مۇشۇ بىكەتتە تەمىنلەنگەن رەسىملىك چۇشەندۈرۈشلەر بويىچە قىلىپمۇ قوزغىتالمىدىم ،مەن شۇنچە دۆتتۇرمەنمۇ؟بولسا بىر ياردەم قىلىپ ئىلخەت ئادىرسىمغا تەپسىلىرەك قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلا… :cry: :cry: :cry:
    ئىلخەت ئادىرسىم:314539723@qq.com

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×