ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
gnome تېرمىنالىدا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش
ئېلان قىلىنغىلى378 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 728+

كۆپچىلىككە مەلۇم gnome تېرمىنالى ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلمەيدۇ. جۈملىدىن ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان بارلىق يېزىقلارنى نورمال كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇبۇنتۇنىڭ ئىنگلىزچە مۇنبىرىدىن ئۇقۇشۇمچە بۇ بىر bug مىش، لېكىن بۇنى كۆرگىلىمۇ ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى، gnome تېرمىنالى ھازىرغىچە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى نورمال تونۇمايدۇ، رەسىمدىكىدەك.

بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى تېرمىنالدا كۆرمەكچى بولغان ئۇيغۇرچە مەزمۇننى ئۇيغۇر ئېدىتتە سولدىن باشلىنىدىغان قىلىپ توغرىلاپ تېرمىنالدا كۆرۈش. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت چەك باسمايدۇ.

مەن تۆۋەندە bicon ئارقىلىق تېرمىنالدا ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ئىككى قىستۇرمىنى قاچىلايمىز.

sudo apt-get install libfribidi0 libfribidi-dev

ئاندىن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن bicun نىڭ deb ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.

https://launchpad.net/~behnam/+archive/ppa/+build/574785/+files/bicon_0.2.0-1ubuntu0~ppa4_i386.deb

بۇ deb ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلىساقمۇ ياكى تېرمىنالدا deb ھۆججىتىنى بار مۇندەرىجىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.

sudo dpkg -i bicon_0.2.0-1ubuntu0~ppa4_i386.deb

يۇقىرىدىكى مەشغۇلات تاماملانغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق gnome تېرمىنالىنىڭ سىن بەلگىسىگە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز.

gksudo gedit /usr/share/applications/gnome-terminal.desktop

ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى ئىككى قۇر كودنى قوشۇپ ساقلاپ چېكىنىمىز.

Terminal=true
Exec=/usr/bin/bicon.bin

ئەمدى gnome تېرمىنالدا ئۇيغۇرچىنى، جۈملىدىن ئەرەب، پارس… قاتارلىق ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ھەرپلەرنى نورمال كۆرگىلى بولىدۇ، رەسىمدىكىدەك (بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ بۇرۇنقىدىن ياخشى).

تېرمىنالىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىسەك رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ.

دىققەت: يۇقىرىدىكى مەشغۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنمۇ، بىز بۇرۇن ئۈستۈنكى panel غا قوشۇپ قويغان تېرمىنالدا ياكى Ctrl+Alt+T نى بېسىپ ئاچقان تېرمىنالدا ئۇيغۇرچە بۇرۇنقىدەك كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا تېرمىنالنى ئەسلىي ئورنىدىن قايتا ئېچىش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 2 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 1 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 1 پارچە.

  1. مۇخلىس : 2011-يىل 13-ماي20:18 جاۋاب

    مەن بىر سۇئال سورىۋالاي ،مەن ئىشلىتىۋاتقان نۇسخىسى ئۇبۇنتۇ 10.10 نىڭ 64 لىكى ئىدى،ئۇنى 32لىككە ئۆزگەرتەي دېگەن ،قىلغىلى بولامدۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 13-ماي21:33 جاۋاب

      چۇقۇم قايتىدىن قاچىلىشىڭىز كېرەك. مىنىڭچە شۇنداق :smile:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×