ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
Firefox نىڭ يېڭى نەشىرىدە ئۇيغۇچە خەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
ئېلان قىلىنغىلى483 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 30 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,234+

Firefox نىڭ قانداق ياخشىلىقىنى مەن بۇ يەردە ماختاپ، ئەزمەمنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەممۇ ئىشلىتىپ باققانلار چوقۇم بىلىدۇ.

بىراق Firefox 5 ياكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان Firefox 6 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق مەسىلىگە يولۇققان بولىشى مۇمكىن. يەنى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ بېكەتكە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى كومپيۇتېرغا قاچىلاغلىق بولسىمۇ، Firefox كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلەر ھەجىلەپمۇ ئوقۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممەيلەننىڭكىدە ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، مەسىلەن مەن ئىشلىتىۋاتقان6 Firefox دە نورمال. ( Firefox نىڭ كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخىسىنى تاپالماسلىقى بەلكىم بىر bug بولىشى مۇمكىن).

ئەگەر يۇقىرىقىدەك مەسىلىگە يولۇققانلار، Firefox نى تور بەت يۈزىدە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېردىن ئالىدىغان قىلىپ تەڭشىۋېلىڭلار. ھازىر ھەممىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلانغان خەت نۇسخىلىرى خېلى مول بولغاچقا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئالدى بىلەن Firefox نىڭ ئادرېسى ئىستونىغا about:config دەپ كىرگۈزسەك Firefox نىڭ ئىچكى قىسمىنى تەڭشەيدىغان بەت ئىچىلىدۇ (باشتا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىشى مۇمكىن، داۋاملاشتۇرۇۋەرسەك بولىدۇ).

ئاندىن Ctrl+F نى بېسىپ gfx.downloadable_fonts.enabled دېگەننى ئىزدەپ تاپىمىز. سۈكۈت ھالەتتە كەينىدىكى قىممىتى true، قوش چېكىپ false قىلىپ، Firefox نى قايتا قوزغىتىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 30 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 11 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 5 پارچە. دەلىللەنگىنى: 14

  1. پرېستان : 2011-يىل 22-ئاۋغۇست00:44 جاۋاب

    بولىدىغان ئۇسۇل ئىكەن، FF5 كە قاچان كۆچەمەنكىن.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 22-ئاۋغۇست12:10 جاۋاب

      ھەممە ئادەم FF6 ئىشلىتىۋاتسا، ما ئادەمنى…
      تىز كۆچۈڭ دەيمەن :mrgreen:

  2. ئەلشات : 2011-يىل 23-ئاۋغۇست20:30 جاۋاب

    ئۇنداق خەتنى تاپالمىدىغۇ، خەتنىڭ يكلىنىشى خاتا ئەمەستۇ، مەنغۇ خەتنى نەچچىگە پارچىلاپ ئىزدىتىپمۇ باقتىم

  3. ئەلشات : 2011-يىل 23-ئاۋغۇست20:32 جاۋاب

    ھە تاپتىم ، مەن تور كۆرگۈنىڭكىگە يىزىپتىكەنمەن

  4. ئەلشات : 2011-يىل 23-ئاۋغۇست20:51 جاۋاب

    مۇشۇ ئوت تۈلكىنىڭ 5.01 نەشىرىدە بىردانە قىستۇرمىسى بار ئىدى، يەنە بەتنى پۈتۈن رەسىمگە ئىلىپ بىرىدىغانم 6.0 نەشىرىدە يوقكەن تاپالمايۋاتىمەن، ئاشۇ قىستۇرمىنىڭ نامىنى بىلسىڭىز دەپ بەرگەن بولسىڭىز

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 24-ئاۋغۇست17:33 جاۋاب

      سىزنىڭ بۇرۇن قايسى قىستۇرمىنى ئىشلەتكىنىڭىزنى بىلمىدىم، بىراق مەن ئۆزەم FF ۋە chrome ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان بەت يۈزىنى كىسىپ ئالىدىغان قىستۇرمىنى تەۋىسسىيە قىلاي ئىشلىتىپ بېقىڭ. ئىسمى awesome screenshot
      FF نىڭ قىستۇرما قاچىلايدىغان يىرىگە ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز ئەڭ ئۈستىدە كۆرىنىدۇ، ياقتۇرۇپ قالىسىز، ئىشلىتىپ بېقىڭ.
      ياكى بىۋاستە تۆۋەندىىكى ئادرىستىن قاچىلاڭ.
      https://addons.mozilla.org/en-US/firefox/addon/awesome-screenshot-capture-/developers?src=api

      • ئەلشات : 2011-يىل 25-ئاۋغۇست00:36 جاۋاب

        رەھمەت جۇمۇ، مەن ئىشلەتكىنىغۇ ئەمەسكەن لىكىن بۇ ئۇنىڭدىنمۇ پەچەتكەن

  5. ئەلشات : 2011-يىل 28-ئاۋغۇست22:23 جاۋاب

    مەن بۇ مەشغۇلاتنى قىلغاندىن كىيىن بلوگىمنىڭ خەتلىرى توم، ھەم بۇرۇن نۇرمال چىقىدىغان خەتكلەر بىنۇرمال بولىۋالدى. مەسىلەن سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكىمۇ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنىڭ خەتلىرى ، تاپشۇرۇش قايتىدىن يىزىش دىگەن خەتلەرمۇ ، ئىنكاس يىزىش ئورنىنىڭ خەتلىرىمۇ بىنۇرمال، بۇ نىمە ئىشتۇ

  6. Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئاۋغۇست12:42 جاۋاب

    بۇ نىمە ئىشلتۇ ئەمدى. ئەلپىدا خەت نۇسخىسى دىگەن ھەممىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا دېگۈدەك قاچىلاغلىق بولمىسا. سىز بەلگىلەشنى ئەسلىگە قايتۇرۋېتىپ تۇرۇڭ. مەن كەچتە ياتاققا بېرىپ بىر تەكشۈرۈپ باقاي

    • ئەلشات : 2011-يىل 30-ئاۋغۇست21:51 جاۋاب

      بەختىيار ئەپەندىم بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى تاپتىڭىزمۇ، مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا ئەلپىدا ئەلكاتىپ ukij ھەممىسى قاچىلاقلىق

      • Bakhtiyar : 2011-يىل 31-ئاۋغۇست22:30 جاۋاب

        مەن شۇنچە سىنىساممۇ نورمال. گەپ دېگەننى راست قىلمىسام بولمايدۇ، مەنمۇ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. كەچۈرسىز
        بولسا ئۆزىڭىز بىر ئىزدىنىپ باقسىز. :smile:

  7. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 29-ئاۋغۇست17:43 جاۋاب

    مەن مۇشۇ ئۇسۇلدا قىلسام بۇرۇن نورمال كۆرۈنىدىغان تور بەتلەرمۇ بىنورمال بولاپ قالدى، ئەسلىگە كەلتۈرسەم تۈزەلدى. بىرەر يېرىنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ يا؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئاۋغۇست19:58 جاۋاب

      بۇنداق تەڭشىگەندە Firefox نى تور بەت يۈزىدە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېردىن ئالىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېرغا تور بەت يۈزىدە ئىشلىتىلدىغان خەت نۇسخىسى قاچىلانغان بولىشى كىرەك.
      ئەگەر سىزنىڭكىدە بۇ بەلگىلەشنى قىلمىسىڭىزمۇ نورمال بولسا ئەمىسە يۇقۇنماڭ. مىنىڭكىدىمۇ نورمال، بۇ بىر bug ئوخشايدۇ

  8. ۋاپادار : 2011-يىل 8-ئۆكتەبىر21:45 جاۋاب

    لىنۇكس تا قانداق خەت نۇسقىسىنى ئېشلىتىمىز؟ نەگە قانساق قاچىلايمىز؟

  9. سەرخىل : 2011-يىل 14-نويابىر15:56 جاۋاب

    ياخشىمۇ سىز ؟
    مەن سىز دىگەنكىدەك قىلسام قەتئى بولمىدى. مىنىڭ چۈشۈرۈپ قاچىلىغىنىم 8 Firefox ئىدى. ياكى بۇ نەشىرىدە سىز دىگەن ئۇسۇل بىلەن تەڭشىسە قوللىمامدۇ؟ بىلمىدىم.

  10. ئابلىمىت شاكىر : 2012-يىل 8-فېۋرال12:33 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بەختىيار سىزنىڭ لىنۇكىس توغرىسىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىڭىزگە تەشەككۇرلەر بولغاي!
    بۇخىل ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە قىسمەن مەسىلىلەر كۆرۈلىدىكەن، كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش تۆۋەندىكى ئادرىستا، Firefox ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولغاي.

    http://bbs.bilik.co/thread-24743-1-1.html

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×