نۇرغۇنلىرىمىز ئۇبۇنتۇدا شۈنلېيغا ئوخشاش چۈشۈرگۈچ يوق دەپ قاقشاپمۇ قويىمىز. مەن تۆۋەندە ئۆزۈم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان چۈشۈرگۈچ Steadyflow نى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي.
Steadyflow بولسا ناھايىتى ئاددىي، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلاردىن خالىي، سۈرەت جەھەتتە شۈنلېيدىن قىلىشقۇسىز چۈشۈرگۈچ. ئۇ قوللايدىغان ئادرېس كېلىشىمى HTTP، HTTPS،FTP ۋە SMB قاتارلىقلار. ئۇنىڭ بىر كەمچىلىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئۆزىمىز قول بىلەن ADD كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق قوشىمىز. ئۇبۇنتۇ 11.04 نىمۇ قوللايدۇ.
تور بېتى: https://launchpad.net/steadyflow
قاچىلاش بۇيرۇقى:
sudo add-apt-repository ppa:sikon/steadyflow sudo apt-get update sudo apt-get install steadyflow
مەن ئىزدەۋاتقان دېتالكەن بۇ ،مەن تېخى سىزدىن ftp دىن چۈشۈرىدېغان دېتال سورىماقچى ئىدىم ،
شۈنلىينىڭ مەنبەلىرىنىمۇ تارتىپ چۈشۈرسە تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى