ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشىدىكى تەسىراتىم
ئېلان قىلىنغىلى520 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 26 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,370+

بۇ بىلوگۇمنىڭ سۈيۈملۈك ئوۇقۇرمىنى ‹‹شەمشەر117›› ئۆزىنىڭ ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشتىكى ھەققىي تەسىراتى ئىكەن، كۆپچىلىككە سۇنۇپتۇ.

گەرچە ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي.

ئۇبۇنتۇنى دەسلەپتە قىزىقىش يۇزىسىدىنلا قاچىلىدىم، بۇ سىستېمىغا نىسبەتەن ھېچقانداق تونۇشۇممۇ يوق ئىدى، قارىسام كۆرۈنمە يۈزى بەك پاكىز، سۈزۈك ئىكەن، بىر قاراشقىلا ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىكەن. ئۇبۇنتۇغاwindows قاچىلىغاندەك قوزغاتقۇچلىرىنى بىردىن بىر قاچىلاپ يۈرمەيدىكەنمىز، بۇ يېرى ماڭا بەك ياقتى بولمىسا(كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال ئەھۋالىغا ئاساسەن) …..

يەنە بۇ سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ئىشلىتىلىشچان دېتاللار قاچىلاغلىق ئىكەن، مەسىلەن: openoffice, firefox دېگەندەك. Windows تىكىدەك ئۈزىمىز قول سېلىپ قاچىلاش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلدۇرىدىكەن، ئەمما QQ دېگەندەك بىز دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللىرى ئاز بولغاچقا، تازا دېگەندەك كۆنەلمەي، ئىشلىتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋەتتىم.

كىيىن يەنە ئۇبۇنتۇ تورىدىن ۋە باشقا توربېكەتلەردىن ئۇبۇنتۇغا ئائىت ئۇچۇرلارنى، ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كىيىن يەنە قايتا قىزىقىش پەيدا بولدى-دە، قايتا قاچىلاپ ئىشلەتتىم، بۇ قېتىم ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكىwindows ئىشلەتكەندىكى ئىدىيىمىزنى ئۇبۇنتۇغا سۆرەپ كىرىۋالماسلىقىمىز كېرەككەن، بىرەر يۇمشاق دېتال قاچىلاشنىمۇ، ئۆچۈرۈشنىمۇ بۇيرۇق بىلەن تاماملايدىكەنمىز، بۇيرۇقنىڭ رولى مائۇسنىڭكىدىن چوڭكەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما بۇيرۇقسىزمۇ خېلى جىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.

ماڭا ئەڭ ياققان يېرى، ئۇبۇنتۇغا ۋىرۇسخور قاچىلاش ھاجەتسىز، ھەم پۈتۈنلەي ھەقسىز. ھازىر دۆلىتىمىز ئوغرى نەشردىكى دېتاللارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئۇبۇنتۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىستىقبالى پارلاق دېيىشكە بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 26 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 23

  1. سۈرخان : 2011-يىل 18-ئىيۇل15:46 جاۋاب

    مەنمۇ كۆچۈشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇنى ۋىندوۋىستىن ياخشىراق دەپ تونىدىم. بىراق ئىشنى نەدىن باشلايمەن؟ مۇشۇ ھەقتە كۆرسەتمە بەرسىڭىز، بىلوگدىكى يازما بەك كۆپ بولغاچقا ئوقۇپ بېشىم قېيىپ كەتتى :lol:

  2. 1987 : 2011-يىل 20-ئىيۇل11:13 جاۋاب

    ئاۋۋال ۋۇبى بىلەن قاچىلاپ قوش سېستىما قىلىپ ئشلىتىپ كۆنۈپ تۇرغان مۇۋاپپىق. چۈنكى بىزنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلىرىمىز پۈتۈنلەي ۋىندوس ھالىتىدە قېلىپلىشىپ بولدى. شۇڭا ئۇبۇنتۇنىڭ ۋىندوۋسنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئېلىشىغا خېلى بىر ۋاقىت كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدا پۈتۈنلەي كۆچۈش مۇۋاپپىق ئەمەس ھەم مۇمكىن ئەمەس.
    نۆل ھالەتتىن ئۆگىتىدىغان ئىلمىيرەك دەرسلىك كىتابچىلار ياكى سىن دەرسلىكلەر بىلەن تونۇشتۇرساق بولغۇدەك. سەمىمىي تەكلىپ ۋە پىكىرلەر. باشقا غەرىزىم يوق.  

  3. سەبىر : 2012-يىل 4-يانۋار22:43 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى ئاۋارىچىلىلىق ھىس قىلغان بولسىڭىز ئۈرۈمچىدىكى كومپىيۇتىر شەھەرچىسىگە بېرىپ ئەڭ ئاستىدىكى قەۋەتتىن پىلاستىنكىسىنى ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. لىنۇئكىس ، ئۇبۇنتۇ ، ۋۇبەنتۇ دىسىڭىز بىلىدىغانلار يوقتەك قىلىدۇ . ئەمما خۇڭموزى (قىزىل قالپاق) دىسىڭىز ھەممىسى بىلىدىكەن .مەن بۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. توردىن چۈشۈرگىنىم بىلەن ئاساسەن ئوخشاشكەن . ئۇيۇنلار سەل كۆپكەن .ئۇيغۇرچە تىل تاللانمىسى يوقكەن ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىسا ئۆلچەملىك خەت يازغىلى بۇلىدىكەن ،يېڭىدىن ئۇچراشقان بولسىڭىزقاچىلاش جەريانىدا ماڭا ئوخشاش قاتتىق دىسكىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى يۈتتۈرۈپ يۈرمەڭ
    «红帽子2012,redhat ,linux2012 »-توردىن ئىزدىسىڭىز

    ۋىندوۋىستا تۇرۇپ ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغان دىسكىنى يۇيۇۋېتىشتىن دىققەت قىلىڭ

    ئاخىرىدا بىر سۇئال ، مۇشۇ كۆزنەكتە ئىنكاس يازغاندا يېزىق شەكلىنى ئوڭدىن سولغا ياكى سولدىن ئوڭغا تەڭشىمەكچى بولساق قانداق قىلساق بۇلىدۇ؟

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×