لىنۇكس ھەقسىز بولغان، ئەركىن تارقىتىلىدىغان يۇنىكس. بىز ھەمىشە ئاڭلايدىغان لىنۇكس بولسا GNU/Linux. يەنى لىنۇكس يادروسى قوللىنىلغان GNU مەشغۇلات سىستېمىسى. لىنۇكس بولسا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى. بىر مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىدا يادرولا بولسا بولمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن شەخس ۋە ئورگانلار GNU/Linux ئاساسىغا قورۇلغان لىنۇكس نۇسخىلىرىنى تارقىتىدۇ. شۇڭىمىكىن لىنۇكس نۇسخىلىرى ساماندەك كۆپ. بىراق لىنۇكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشى ‹‹ئىختىيارىي، ئوچۇق كود، دوستانە ياردەم›› .
مەن ئۆتكەن ھەپتە ئىنگلىزچە لىنۇكس بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ، ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن 10 لىنۇكسنى كۆرۈپ قالدىم. بۇلارنى قانداق باھالاپ چىققانلىقىنى تازا بىلمىدىم، بىراق ھەممىسى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان نۇسخىلار ئىكەن. لىنۇكسنىڭ بىر خىل نۇسخىسىغا پىششىق بولسا، خالىغان نۇسخىدىكى لىنۇكسنى ھېچ كۈچىمەيلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا باشقا لىنۇكس نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىپ باققۇسى بارلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئۇبۇنتۇ 2004-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ. باشقا لىنۇكس سىستېمىلىرىغا قارىغاندا بىر ئاز ياش ھېسابلانسىمۇ، بىراق لىنۇكس تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى، ئىشلىتىشچانلىقى، ئۆگىنىشنىڭ ئاسانلىقى بىلەن دۇنيادىكى ئەك كۆپ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىدىغان لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالدى.
ئورگان بېتى: http://www.ubuntu.com
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: DEB
تەۋسىيە نۇسخىلىرى: Ubuntu، Kubuntu، Xubuntu، Edubuntu،Ubuntu Studio، Mythbuntu
ئۇنىڭ ئاساسىغا قورۇلغان نۇسخىلار:Linux Mint ، Ultimate Edition ،Trisquel GNU/Linux، Lubuntu ، Bodhi Linux
fedora لىنۇكس 2004-يېلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان، بىراق ئۇنىڭ تارىخى 1995-يىلى Bob Young ۋە Marc Ewing نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن باشلانغان. 2003-يىلى قىزىل بۆك (red head) باشچىلىقىدا تۇنجى Fedora Core ئېلان قىلىنغان. بۇ قىزىل بۆك (red head) نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوك لىنۇكس شىركىتى بولۇپ قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. fedora نى قىزىل بۆك (red head) كونترول قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىكى يېڭىلىق دۇنيا لىنۇكس تەرەققىياتىغا نۇرغۇن تۆھپە قوشتى دېيىشكە بولىدۇ.
ئورگان بېتى: http://fedoraproject.org
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: RPM
تەۋسىيە نۇسخىلىرى: BLAG Linux And GNU ،Berry Linux،Yellow Dog Linux
قىزىل بۆك (red head) ئاساسىغا قۇرۇلغان نۇسخىلار: CentOS، Scientific Linux، StartCom Enterprise Linux
openSUSE لىنۇكس 1992-يىلى تۆت نەپەر لىنۇكس ھەۋەسكارى Roland dyroff،Thomas Fehr،Hubert Mantel ۋە Burchard Steinbild بىرلىكتە ئېلان قىلغان نۇسخا بولۇپ، 2003-يىلى يىل ئاخىرىدا Novell شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. 2005-يىلى 10-ئايدا openSUSE 10.0 ئېلان قىلىنىپ، رەسمىي ئەركىن تارقىتىلىدىغان نۇسخا بولۇپ قالغان.
ئورگان بېتى: http://www.opensuse.org
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: RPM
تەۋسىيە نۇسخىلىرى: openSUSE ، SUSE Linux Enterprise
Debian لىنۇكس 1993-يىلى ئېلان قىلىنغان. ئىجادچىسى Ian Murdock. كېيىنكى يىللاردا 1000 دىن ئارتۇق پىدائىي ئۆزلۈكىدىن ئۇنى ئېچىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال بولىقى 20000 دىن ئاشقان. ئىشلىتىش داۋامىدا Debian ئىشلىتىش ئەڭ قۇلاي، bug ئەڭ ئاز دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
ئورگان بېتى: http://www.debian.org
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: DEB
ئۇنىڭ ئاساسىغا قورۇلغان نۇسخىلار: MEPIS Linux, Ubuntu, sidux، KNOPPIX ، Dreamlinux ، Elive ,CrunchBang Linux،Saline OS ، 64 Studio
Debian GNU/Linux 6.0
Mandriva لىنۇكس 1997-يىلى 7-ئايدا Gaël Duval تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئەڭ دەسلەپتە قىزىل بۆك (red head) كە KDE ئارايۈزى ئىشلىتىپ ئەلالاشتۇرغان لىنۇكس نۇسخىسى بولۇپ، 2005-يىلى Mandrake يۇمشاق دېتال شىركىتى بىرازىليەدىكى Conectiva شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ھازىرقى Mandriva نى رەسمىي ئېلان قىلغان.
ئورگان بېتى: http://www.puppylinux.com
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: RPM
تەۋسىيە نۇسخىلىرى: Free،One.Corporate
Mandriva Linux 2010.2
Mint لىنۇكس بولسا ئۇبۇنتۇ ئاساسىغا قورۇلغان بولۇپ، 2006-يىلى Clement Lefebvre تەرىپىدىن ئېچىلغان. Mint پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق چىقىمى ئىئانە ۋە ئېلان كىرىمىدىن كەلگەن. شۇڭا مۇقىم يېڭىلىنىش ۋاقتى يوق.
ئورگان بېتى: http://linuxmint.com
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: DEB
PCLinuxOS بولسا 2003-يىلى Bill Reynolds تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ texstar دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئورگان بېتى: http://www.pclinuxos.com
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: DEB
تەۋسىيە نۇسخىلىرى: MiniMe، Junior ۋە BigDaddy
ئۇنىڭ ئاساسىغا قورۇلغان نۇسخىلار: SAM Linux Desktop, Granular Linux
PCLinuxOS 2010.12
Slackware لىنۇكس 1992-يىلى patrick volkerding تەرىپىدىن تارقىتىلغان. ھازىرقى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن لىنۇكس. 1995-يىلى ئۇ %95 لىنۇكس بازىرىنى ئىگىلىگەن. كىيىن قىزىل بۆك (red head) ۋە باشقا لىنۇكس نۇسخىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئورنى تەۋرىنىشكە باشلىغان. بىراق ئۇ ئارايۈز مەشغۇلاتچىلىرى سۆيۈپ ئىشلىتىدىغان لىنۇكسلارنىڭ بىرى.
ئورگان بېتى: http://www.slackware.com
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: TXZ
ئۇنىڭ ئاساسىغا قورۇلغان نۇسخىلار: Zenwalk Linux،VectorLinux، Salix OS، Bluewhite64 Linux
ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇسخىلار: Arch Linux، Frugalware Linux
Slackware Linux 13.1
Gentoo ئۇقۇمىنى 2000-يىلى Daniel Robbins ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىلگىرى Stampede ۋە FreeBSDde نى ئىچىش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2003-يىلى 3-ئايدا Gentoo لىنۇكسنىڭ 1.0 نۇسخىسى تارقىتىلدى.
ئورگان بېتى: http://www.gentoo.org
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: SRC
ئۇنىڭ ئاساسىغا قورۇلغان نۇسخىلار: SabayonLinux Ututo
Gentoo Linux 11.0
Centos لىنۇكس 2003-يىلى يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان. قىزىل بۆك (red head) نىڭ Enterprise نۇسخىسىنىڭ كىلونى.
ئورگان بېتى: http://www.centos.org
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال بوغچىسى: RPM
قىزىل بۆك (red head) باشقا كىلون نۇسخىلىرى ۋە Centos ئاساسىغا قورۇلغان نۇسخىلار: Scientific،SME Server، StartCom،Fermi،Rocks Cluster،Oracle
CentOS 5.5
پايدىلانغان ماتېرىيال مەنبەسى:http://distrowatch.com/dwres.php?resource=major