ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
سىن ئايلاندۇرغۇچ: Arista Transcoder
ئېلان قىلىنغىلى390 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 1,115+

Arista Transcoder بولسا Gnome ئۈستەل مۇھىتىدىكى ناھايىتى قالتىس سىن ھۆججىتى ئايلاندۇرغۇچ بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى Arista Transcoder 0.9.7 تارقىتىلدى. iPod ،iPhone ،PSP ،Playstation 3 ،Android ،Nokia قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى قوللايدۇ.

  • قوللايدىغان سىن ھۆججىتى شەكلى: MP4 ،WebM ،Matroska ،AVI ،Ogg ،FLV
  • سىن يەشكۈچلىرىدىن: H.264 ،VP8 ،MPEG4 / DivX ،MPEG2, Theora ،Flash Video / audio: AAC ،Vorbis ،MP3 ،FLAC ،Speex ،WAV
  • DVD ۋە Video 4 Linux) v4l) دىن سىن ھۆججىتىنى بىۋاسىتە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

Arista Transcoder 0.9.7 ئارايۈزى پۈتۈنلەي يېڭىچە.

Arista Transcoder ئىشلىتىش تولىمۇ قۇلايلىق بولۇپ، قوللايدىغان سىن ھۆججىتىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپلا، ئۆزىمىزخالىغان سىن شەكلىگە ئايلاندۇرالايمىز (قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن سىستېمىنى قايتا قوزغاتقاندا ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ) .


يان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سىن ھۆججىتىگە نىسبەتەن ئايرىم بەلگىلەش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.


ئۇبۇنتۇ 11.04، 10.10 ئىشلىتىۋاتقانلار PPA مەنبەسىدىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ.

sudo add-apt-repository ppa:webupd8team/arista
sudo apt-get update
sudo apt-get install arista

تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىساق، دېتال تېخىمۇ كۆپ سىن ھۆججىتىنى قوللايدۇ.

sudo apt-get install gstreamer0.10-plugins-bad-multiverse gstreamer0.10-plugins-ugly-multiverse

nautilus قىستۇرمىسىنى تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلايمىز.

sudo apt-get install nautilus-arista

ئورگان بېتى ئادرېسى: http://www.transcoder.org
ئورگان بېتىدىن تېخىمۇ كۆپ قىستۇرمىلارغا ۋە ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×