ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

سېستىما قوزغالغاندا مەخپى نومۇر سورىماي بىۋاستە كىرىپ كېتىدۇ .... قانداق قىلىمەن

0 نومۇر
compiz نىڭ قىستۇرمىسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن قايتا قوزغاتسام سول تەرەپ Langcher قورال ئىستونى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى
سىزنىڭ ئۇبۇنتۇ11.10 ، 11.04 ئۈچۈن مەخسۇس تېما ماقالىڭىز بويىچە قىلغان ئىدىم لېكىن Alt+F2 نى باسسام ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى ..
سېستىمىغا بىۋاستە كىرىپ كېتىدۇ ubuntu classic تۈرىنى تاللاپ تىزىملىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك ... تېرمىنالغا يازسام بۇنداق بۇيرۇق يوق دەپ چىقىۋالدى ...
ياردەم قىلسىڭىز......
kudrat تەرىپىدىن سورالدى 1 ئاي ئىلگىرى سىستېما بېزەش كاتېگورىيىسىدە
kudrat تەرىپىدىن 1 ئاي ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن

1 جاۋاب

+1 نومۇر
Lancher نى ئوڭشاش:
ئالدى بىلەن، سىز تېرمىنالنى ئاچالايدىغان، بىر ئۈستەلگە كىرىپ، ubuntu classic قا ياكى Alt+Ctrl+1 ئۈچ كۇنۇپكىنى بېسىپ، TTY1 غا كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ. (Alt+Ctrl+7 گىرافىك ئۈستەل يۈزىگە قايتىدۇ)
ئاندىن Compiz نىڭ بارلىق سەپلىمە ھۆججىتىنى ئۆچۈرىۋېتىسڭىز. تېرمنالدا تۆۋەندىكى تۆت بۇيرۇقنى تەرتىپ بويىچە كىرگۈزۈپ يۈرگۈزۈڭ.
Code:
rm -rf ~/.gconf/apps/compiz
Code:
rm -rf ~/.cache/compizconfig-1/
Code:
rm -rf ~/.config/compiz-1/
Code:
rm -rf ~/.compiz-1/
ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، قايتا Ubuntu دېگەننى تاللاپ، يەنى Unity غا قايتا كىرسىڭىز، ئاساسەن ئوڭشالدى. ئەگەر بولمىسا، Alt+F2 نى بېسىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى، ياكى Ctrl+Alt+T نى بېسىپ تېرمىنالنى ئېچىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈڭ.
Code:
unity --reset
Code:
unity --reset-icons

مەخپىي نۇمۇر سورىماي بىۋاستا كىرىش.
ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقۇرى تەرىپىدە، يەنى قوللانچى ئىسمىڭىز بار يەرنى چەكسىڭىز بىر سيرىلما تىزىملىك كۆرۈنىدۇ، شۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكىنى يەنى User Accounts دېگەننى تاللىسىڭىز، بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. كۆزەنەكنىڭ ئوڭ يۇقۇرى تەرىدە قۇلۇپنى ئاچىدىغان Unlock دېگەننى تاللاپ مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزگەندىن كىيىن، Automatic Login دېگەنى OFF قىلىپ ئېتىۋېتىڭ.
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 4 ھەپتە ئىلگىرى

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
sawda تەرىپىدىن سورالدى 10 ئاي ئىلگىرى سىستېما بېزەش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
نامسىز تەرىپىدىن سورالدى 11 ئاي ئىلگىرى سىستېما بېزەش كاتېگورىيىسىدە
+1 نومۇر
1 جاۋاب
0 نومۇر
1 جاۋاب
Ebrahim تەرىپىدىن سورالدى 4 ئاي ئىلگىرى سىستېما بېزەش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
0 جاۋاب