ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
Steadyflow 0.1.7 ئېلان قىلىندى
ئېلان قىلىنغىلى571 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 723+

كۆپچىلىك ئۇبۇنتۇدىكى ناھايىتى ياخشى چۈشۈرگۈچ Steadyflow دېگەن يازمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ چۈشۈرگۈچ ھەقىقەتەن ناھايىتى قولايلىق ھەم ئىشلىشى ئاسان. بۈگۈن ئۇبۇنتۇ 0.1.7 نەشىرى ئېلان قىلىنىپتۇ. ئارتۇقچىلىقى ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ Lancher ئىستونىنى غا چۈشۈرۈش ئادرىسى قوشۇش تاللىشى قوشۇلۇپتۇ. بونداق بولغان بىزگە تولىمۇ قولايلىق.

قاچىلاش بۇيرۇقى:

sudo add-apt-repository ppa:sikon/steadyflow
sudo apt-get update
sudo apt-get install steadyflow

بورۇن قاچىلاپ بولغانلار، PPA مەنبەسىنى يۇيىۋەتمىگەن بولساڭلا تۆۋەندىكى ئىككى بۇيرۇق ئارقىلىقلار نەشىرىنى كۆتۈرۈۋالساڭلار بولىدۇ.

sudo apt-get update
sudo apt-get upgrade

رەسىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشىشى ئۈچۈن Steadyflow سىن بەلگىسىنى سول تەرەپتىكى Lancher غا قوشۇپ قويىمىز.

تۈر ئورگان بېتى: https://launchpad.net/steadyflow

چۈشۈرۈش بېتى: @steadyflow-0.1.7.tar.gz

Steadyflow نىڭ chorme قىستۇرمىسى: https://launchpad.net/chromeflow

Steadyflow نىڭ chorme قىستۇرمىسى قاچىلىغاندىن كىيىن چۈشۈرمەكچى بولغا ئۇلىنىش ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۈنۈپكىسىنى چەكسەك، رەسىمدىكىدەك Steadyflow نىڭ سىن بەلگىسى كۆرۈنىدۇ، بۇنداق بولغاندا Steadyflow ئايرىم قوزغىتىپ، ئۇلىنىشنى قول بىلەن كۆچۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟