UMPlayer نىڭ تۇللۇق ئىسمى Universal Multimedia Playe بولۇپ، كۆپ ئىقتىدارلىق قويغۇچ. ئۇنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى مەن ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان SMPlayer غا ئوخشىسىمۇ بىراق ئىقتىدار جەھەتتىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. Windows ۋە باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغىمۇ ماس نەشرلىرى بار ئىكەن.
ئۇنىڭ بىر قەدەر كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
- فىلىم خېتىنى ئاپتوماتىك تاپالايدۇ ۋە توردىن چۈشۈرۈپ تېپىپ بېرەلەيدۇ
- YouTube سىنلىرىنى بىۋاسىتە كۆرگىلى ھەم چۈشۈرگىلى بولىدۇ (جۇڭگودا IPV6 ئىشلىتىشىڭىز ياكى تامدىن ئاتىلىشىڭىز كېرەك ئەلۋەتتە)
- 270 دىن ئارتۇق سىن يەشكۈچىسى بار بولۇپ AAC、AC3、ASF、AVI、DIVX、FLV、H.263、Matroska、MOV、MP3、MP4、MPEG、OGG、QG、RealMedia、VOB、Vorbis、WAV、WMA、MWV、XVID … قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.
ئورگان بېتى: http://www.umplayer.com
ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار بىۋاسىتە يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن UMPlayer دەپ ئىزدەپ ياكى تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ قاچىلىساڭلار بولىدۇ.
ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نەشرىنى ياكى باشقا مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتقانلار تۆۋەندىكى ئۆزۈڭلار ئېھتىياجلىق بولغان نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساڭلار بولىدۇ.
http://www.umplayer.com/download
ما ئوقەت بولىدىكەن جۇمۇ! مەن خاتىرىلىۋالدىم!