ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا خاتىرە كومپيۇتېر سېزىمچان تاختىسىنى قۇلۇپلاش
ئېلان قىلىنغىلى434 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 451+

خاتىرە كومپيۇتېرغا سىرتتىن چاتىدىغان كۇنۇپكا تاختىسى چېتىپ ئىشلەتكەندە سېزىمچان تاختا ئادەمگە ھېچقانداق ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ، بىراق ماڭا ئوخشاش خاتىرە كومپيۇتېر ئۆزىنىڭلا كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىدىغانلار، سېزىمچان تاختىنى قۇلۇپلاشقا بەكلا ئېھتىياجلىق. بولۇپمۇ خەت يازغاندا سېزىمچان تاختىغا قۇل تېگىپ كەتسە ئادەمنىڭ ئىچى بەك پۇشىدۇ. سېزىمچان تاختىنى قۇلۇپلاش ئۈچۈن يۇمشاق دېتال مەركىزىدە بىرنەچچە كىچىك قوراللار بار. بىراق بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ سېزىمچان تاختىنى قۇلۇپلاپ قۇيسا، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن سېزىمچان تاختا ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كىتىكەن. مېنىڭچە سېزىمچان تاختىنىڭ جاجىسى بىر بۇيرۇق. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىپ سېزىمچان تاختىنى قۇلۇپلىغاندا ياكى ئاچقاندا كومپيۇتېرغا ھېچقانداق نەرسە قاچىلاش ھاجەتسىز.
سېزىمچان تاختىنى قۇلۇپلاش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$synclient TouchpadOff=1

سېزىمچان تاختىنى ئېچىش:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$synclient TouchpadOff=0

ئەگەر يۇقىرىقى بۇيرۇقنى ئىشلەتكەندە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىسا، بۇيرۇق ئالدىغا sudo قوشۇپ سىناپ بېقىڭلار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×