ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
لىنۇكس مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىغا مۇبارەك
ئېلان قىلىنغىلى405 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 439+

20 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ يازدا Linus Torvalds پۈتۈن دۇنياغا ئۇ ئۆزى يازغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ GPL كېلىشىمىنى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى قىلدى. مۇشۇنىڭدىن باشلاپ لىنۇكس يوقلۇقتىن زورىيىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيادىكى داڭلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالدى.
ھازىر لىنۇكس بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك سىڭىپ كىردى. كۆپچىلىككە تونۇش بولغان Android مۇ بىر لىنۇكس سىستېمىسى. بۇرۇن لىنۇكس فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى Jim Zemlin بىر يىغىندا Linus Torvalds يازغان لىنۇكس يادروسى 20 كىيىن چوقۇم مىكروسوفتنى مەغلۇپ قىلىدۇ دېگەن ئىدى.
لىنۇكسنىڭ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئۈستەل يۈزىنى ئاساس قىلغان نۇسخىسىدىن باشقا، مۇلازىمېتىر نۇسخىسىمۇ دۇنيادا بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئېگە، يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەردىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىپ تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلماقتا. Jim Zemlin بۇرۇن مىكروسوفت لىنۇكسنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى ئىدى، بىراق ھازىر پەقەت بىر … دېدى. Android دىن باشلاپ ئامازوننىڭ Kindle غىچە، قىستۇرما پروگرامما ئۈسكۈنىسى ۋە بازىلاردىكى ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور بېكەت ۋە ئەڭ چوڭ كومپيۇتېرغىچە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا، پەقەتلا ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر ئاز.
لىنۇكس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىق ھارپىسىدا، لىنۇكس فوندى جەمئىيىتىنى لىنۇكس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەرقانداق لىنۇكس ئىشلەتكۈچى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالايدۇ. سىز 1 مىنۇتلۇق تەبرىكلەش سىن ياكى ئاۋاز ھۆججىتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن لىنۇكس ۋە مەن دېگەندەك (ئۇلاردىن ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار بارمۇ يوق بىلەيمەن)

پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان مەنزىل: http://www.linuxfoundation.org/20th

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟