ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
Unity Chrome12 قورال ئىستونىنى قوللايدۇ
ئېلان قىلىنغىلى321 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 735+

كۆپچىلىككە مەلۇم، جاھاننامە Google Chrome 12 نىڭ رەسمىي نۇسخىسى يېقىندا تارقىتىلدى. Google دىن ئىگىلىشىمچە بۇ قېتىمقى نەشرىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

  • 3D CSS قاتتىق دېتال سۈرىتى تېزلىتىلدى
  • يېڭىچە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ يامان غەرەزلىك دېتاللارنى چۈشۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى
  • Chrome ئۆزىدە تۇرۇپلا Flash Cookies ئۆچۈرگىلى بولىدىغان بولدى
  • ئادرېس ئىستونىدا قوللانما ئىسمى ئارقىلىقلا Chrome قوللانمىلىرىنى قوزغاتقىلى بولىدىغان بولدى

….

    Chrome 12 نىڭ ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇ ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ Unity قورال ئىستونىنى قوللايدۇ.

    ئالدى بىلەن Google Chrome نىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىن Chrome 12 نىڭ deb بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.

    ئۇبۇنتۇ 11.04 دە Unity قورال ئىستونىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئادرېس ئىستونىدا about:flags غا كىرىپ، Experimental GNOME menu bar support دېگەننى قوزغىتىۋېتىمىز.

    无觅相关文章插件,快速提升流量

    ئىنكاس يېزىش

    سۈرىتىڭىز يوقما؟


    تاقاش×