ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا شۇنلېي چۈشۈرۈش يۇمتالىنى ئىشلىتىش
ئېلان قىلىنغىلى680 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 1,043+

مەن بۈگۈن windows شارائىتىدا ھەممىمىز ئىشلىتىپ كۆنگەن چۈشۈرۈش قورالى 迅雷 نى Ubuntu دا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچى. (سىناق قىلىنغىنى Ubuntu10.04 مۇھىتى)

ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن wine-thunder_0.6-2_all.deb نى چۈشۈرىمىز.

http://coffee-cold.googlecode.com/files/wine-thunder_0.6-2_all.deb

deb ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلىساقمۇ ياكى تېرمىنالداwine-thunder_0.6-2_all.deb بار مۇندەرىجىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.

uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo dpkg -i wine-thunder_0.6-2_all.deb

قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن Applications–>Internet نى ئېچىپ شۇنلېي نى قوزغىتىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟