ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا PS cs4 نى ئىشلىتىش
ئېلان قىلىنغىلى497 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 3 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 895+

مەن بۇرۇنقى يازمامدا لىنۇكسدا ۋىندوۋستا قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلغىلى بولىدۇ دېگەن ئىدىم. بۇ گېپىمدە ھازىرمۇ چىڭ تۇرىمەن. بىراق Photoshop كومپيۇتېرىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان يۇمتال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇبۇنتۇدىكى GIMP نى ئىشلىتىش بىرقەدەر تەس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇبۇنتۇدا PS CS4 نى قاچىلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.

  • WINE قاچىلاش

Wine نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى بولغان Wine 1.3 نى PPA مەنبەسىدىن چۈشۈرىمىز؛

قاچىلاش بۇيرۇقى

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo add-apt-repository ppa:ubuntu-wine/ppa
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install wine1.3
  • PlayOnLinux قاچىلاش

- Ubuntu 10.10 Maverick Meerkat:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$wget -q ”http://deb.playonlinux.com/public.gpg“ -O – | sudo apt-key add -
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo wget http://deb.playonlinux.com/playonlinux_maverick.list -O /etc/apt/sources.list.d/playonlinux.list
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install playonlinux

- Ubuntu 10.04 Lucid Lynx:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$wget -q ”http://deb.playonlinux.com/public.gpg“ -O – | sudo apt-key add -
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo wget http://deb.playonlinux.com/playonlinux_lucid.list -O /etc/apt/sources.list.d/playonlinux.list
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install playonlinux

دىققەت:

    PlayOnLinux نى تۇنجى قاچىلىغاندا توردىن يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە فونت چۈشۈرۈپ ئاپتوماتىك قاچىلايدۇ.

  • PS cs4 قاچىلاش

يۇقىرىقىلارنى قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن Application>>Games دىن PlayOnLinux نى قوزغىتىمىز. ئاندىن Install دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ PS cs4 نى قاچىلاشنى باشلايمىز.

رەسىمدىكى رەقەم تەرىپى بويىچە قاچىلاشنى داۋام ئىتىمىز.

كۆزنەكتىن Forward نى تاللاپ قاچىلاشنى داۋام ئىتىمىز.

بۇ جايدا PlayOnLinux توردىن كېرەكلىك بولغان Wine سەپلىمىسىنى چۈشۈرىدۇ، سەل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

Browse نى بېسىپ قاچىلىماقچى بولغان PS cs4 نىڭ exe ھۆججىتىنى تاللايمىز، ئاندىن Forward نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

ئەمدى PS قاچىلىنىشقا باشلايدۇ، PS قاچىلاشنى يەرشارىدىكى ھەممە ئادەم بىلسە كېرەك. بىراق دىققەت قىلىدىغان ئىش شۇكى تاللىغان PS قانچە كىچىك ئىخچام بولسا شۇنچە ياخشى، ئەگەر تاپالمىغانلار QQ ئېلخەت ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسا مەن سىناق قىلىپ قاچىلىغان PS cs4 ئەۋەتىپ بېرىمەن.PS cs4 نى قوزغىتىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ PlayOnLinux تىزىملىكىدىن ياكى Wine تىزىملىكىدىن قوزغاتساق بولىدۇ.

قاراڭلار PS قوزغىلىۋاتىدۇ.

قاچىلىغان PS ۋىندوۋس نۇسخىسى بولغانلىقتىن سۈرئەت جەھەتتە يەنىلا ئاستىراق، بىراق يوقتىن ياخشى دە.

پايدىلانغان ماتېرىيال: http://exclusive.xp4g.com/linux/how-to-install-photoshop-cs4-in-ubuntu-using-wine-and-playonlinux

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 3 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە.

  1. كارو : 2011-يىل 10-مارت07:26 جاۋاب

    ئۆگۈنۋالدىم. رەخمەت ئاداش. ھە راسىت، ئەمدى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولدى

  2. 01010101010101 : 2011-يىل 19-دېكابىر09:10 جاۋاب

    maya نىمۇ قاچىلىغىلى بۇلارمۇ
    :?: :sad:

  3. ئابلىمىت : 2012-يىل 1-ئىيۇل12:41 جاۋاب

    مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ قاچىلىيالمىدىم، ئۇبۇنتۇنىڭ 12.04 نەشىرى ئىدى، Photoshop نى قاچىلايدىغان يېرى ئوڭۇشلۇق بولمىدى.
    سىز ئوڭۇشلۇق قاچىلىيالىغان Photoshop نى ئەۋەتىپ بېرەمسىز؟

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×