كۆپچىلىك QQ نىڭ Windows نۇسخىسىنى wine ئارقىلىق ئۇبۇنتۇغا قاچىلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بىراق wine دىكى bug تۇللۇق تۈزىتىلمىگەچكە ھەمىشە مەغلۇپ بولىمىز ياكى كىيىن چىققان چاتاقلىرىنىڭ تولىلىقىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز. مەن بۈگۈن سىلەرگە QQ 2010 نىڭ windows نۇسخىسىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلايدىغان deb بولۇقىنى تونۇشتۇرماقچى. بۇنىڭ ياسىلىش قاچىلاش پرىنسىپى wine غا قاچىلىغان qq غا ئوخشاش، بىراق چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىيالايمىز. تۆۋەندىكىسى مىنىڭ ئېكران كۆرۈنۈشۈم، ئۇبۇنتۇ natty دە نورمال ئىشلىتەلىدىم.
QQ-for -wine نىڭ deb بولىقىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.longene.org/download/qq-for-wine_20110425.deb
ئىشلەتكەندە چۈشۈرگەن deb بولىقى بار مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلاڭ، ئامال بار قوش چېكىپ قاچىلىماڭ.
ئەگەر ئۈستەل يۈزىگە qq.exe سىن بەلگىسى چىقمىسا تېرمىنالدا /usr/local/wineapp/qq/ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ qq.sh بىر يۈرگۈزۈۋېتىمىز.
ئۆچۈرگەندە sudo dpkg -r qq-for-wine.deb ياكى sudo dpkg -P qq-for-wine.deb بۇيرۇق ئارقىلىق ئۆچۈرىمىز.
بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇبۇنتۇغا قاچىلىغان qq بولسا، qq 2010 نىڭ ھەممە ئىقتىدارىنى دېگۈدەك ساقلاپ قالغان، بىراق يەنىلا يەنىلا لىنۇكس ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن qq بولمىغانلىقتىن، سۈرەت سەل ئاستا، بىراق wine غا بىرمۇ بىر قول سېلىپ قاچىلىغانغا قارىغاندا كۆپ قۇلايلىق.
كېلىش مەنبەسى: http://www.longene.org/forum/viewtopic.php?f=6&t=4700
مەن دەسلەپتە خىيال قىلماي 64 لىكنى قاچىلاپ قويۇپتىكەنمەن ،ھازىرغىچە QQ نى قاچىلىيالمايۋاتىمەن ،liux qq نى مۇ ئىنتايىن تەستە قاچىلىغان ،بۇ قانداق بولاركىن سىناپ باقاي
بولىدۇ ،خې خې …
Open suse دا ئىشلەيدىغان Rpm بولاقچىسى بارمۇ؟
rpm يوقكەن. بىراق Open suse دىكى wine نىڭ مۇندەرىجىسىنى ئىشلىتىش قائىدىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. بولمىسا مۇشۇ deb بولىقىنى يىشىپ ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ rpm بولىقنى ياساش تەس ئەمەستى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئۈستىدىكى QQ نىڭ deb بولىقىنى چۈشۈرۈش ئادرىسىدا مەسلە بارمۇ قانداق ….. 2 كۈن بولدى پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم .
بۇ بېكەتنىڭ مۇنبىرى خېلى چوڭ ئىدى، يېقىندىن بىرى كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ. مەنمۇ قاچىلاپ بولۇپلا deb ھۆججىتىنى ئۆچۈرىۋېتىپتىكەنمەن. ئۇزۇن قالماي ئېچىلىپمۇ قالار
بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قاچىلىغاندا ئوخشاشلا كومپىيوتىرىمىزدا Wine مۇھىتى قۇرىلامدۇ؟
دېمەكچىمەنكى راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا كومپىيوتىرىمىزدا ۋىندوۋس مۇھىتى ھازىرلانغانلىقى سەۋەبلىك ، سېستىما بىخەتەرلىكى تەسىرگە ئۇچىرامدۇ-قانداق؟
كومپىيوتىرىمىزدا Wine مۇھىتى ھازىرلىندۇ. بىراق كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ھىچ قانداق تەسىرگە ئۇچۇرمايدۇ. دېمەكچى بولغۇنۇم Windows ۋىروسلىرى Linux قا ھىچ قانداق تەھتىد ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. ئەگەر ۋىروس يۇقتى دېگەن تەغدىردىمۇ Wine قاچىلىغان شۇ دېتالغىلا تەسىر قىلىشى مۇمكىن، بىراق مەن ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم
ئاخىرى بىلىۋالدىم دە قانداق قاچىلاشنى … يەنە بىر خىل چچ بولىدىغان 3d ئۈنۈمى بار بولغان concept دەپ ، ئۇمۇ بولىدۇ
مەن نورمال چۈشۈردۈم ، لىكى قاچىلىيالمىدىم . مىنىڭكى 11.04 نەشىرى ئىدى. ‹‹ئىشلەتكەندە چۈشۈرگەن deb بولىقى بار مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلاڭ، ئامال بار قوش چېكىپ قاچىلىماڭ. ›› مۇشۇ گەپنى ئانچە ئوبدان بىلەلمىدىم..
deb بولىقىنى ئۇبۇنتۇدا قوش چىكىپ قاچىلىغىلى بولىدۇ، بىراق بۇنى مەن شۇنداق قاچىلىسام بىرمۇنچە خاتالىق چىقىۋالدى، شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالغا باشقىلارنىمۇ ئۇچۇرمىسۇن دەپ شۇنداق يېزىپ قويغان.
‹‹ئىشلەتكەندە چۈشۈرگەن deb بولىقى بار مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلاڭ›› دېگىنىم، مەسىلەن، سىز qq-for-wine_20110425.deb نى Downloads مۇندەرىجىسىگە چۈشۈرگەن بولسىڭىز، باشتا تېرمىنالدا cd Downloads دەپ كىرگۈزۈپ يۈرگۈزۈپ شۇ مۇندەرىجىگە كىرىپ، ئاندىن sudo dpkg -i نىڭ كەينىگە بايا چۈشۈرگەن deb ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ، يۈرگۈزۈپ قاچىلاڭ دېمەكچى.
找不到命令 دەپ چىقىۋالدى… مىنىڭ ئىشلەتكىنىم خەنچە UBUNTU ئىدى ، 下载 دەپ كىرەمدىم ياكى downloads دەپمۇ؟ ئىككىلى ئىسىمدا كىرىپ باقتىم ، ئوخشاش…….چۈشۈرگەن ھۆججىتىم شۇ 下载 نىڭ ئىچىدە ئىدى..
تېرمىنالنى يېڭى ئېچىپ، ls بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. سىز deb ھۆججىتىنى قويغان مۇندەرىجە قايسىسى، ئاندىن تېرمنالغا cd بىر بوشلۇق شۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ يۈرگۈزۈپ، deb ھۆججىتىنى قويغان مۇندەرىجىگە كىرىڭ، ئاندىن sudo بوشلۇق dpkg بوشلۇق i- بوشلۇق deb ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قاچىلاڭ.
بەك چۈشىنەلمىسىڭىز شۇ deb ھۆججىتىنى قوش چىكىپ قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ.
http://www.longene.org/download/qq-for-wine_20110510.deb
dpkg: error: dpkg status database is locked by another process
مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالدى…
سىز ئۇبۇنتۇغا بىر نەرسە قاچىلۋېتىپسىز، ياكى apt-get نى باشقا جايدا ئىشلىتىۋېتىپسىز، شۇڭا مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ.
بىر قېتىمدا بىرلار دېتال قاچىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا سىز باشقا مەشغۇلاتلىرىڭىزنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئاندىن قاچىلاڭ.
مەن ئىلگىرى ئۇبۇنتۇنى پەقەت ئىشلىتىپ باقمىغان. ۋىندوۋىسنى ئىشلىتەتتىم. ۋىندوۋىستا ئىشلەتكەن پوتۇشۇپ، كورىل قاتارلىق لاھىيلەش يۇمتاللىرىنى نورمال قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟ سۈرئىتى ۋىندوۋىستىن تىزمۇ؟ ئۇمۇمەن ۋىندوۋىسقا قاچىلاپ ئىشلەتكەن ھەرقانداق يۇمتاللارنى نورمال ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟
QQ توپىغا 100 ئادەم تۇشۇپ كىتىپتىكەن، شۇڭا يېڭى ئىلتىماس قىلىغانلارنى قاتالمىدىم.
سۈرەت كارتىسىنى نىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلىغانمىتىڭىز؟ displays دەپ ئىزدەپ شۇ قۇرالدىن تەڭشگىلى بولاتتى. QQ نىڭ لىنۇكس ھەقىقىي نەشىرى يوق. بۇ پەقەت Windows دىكى QQ نى WINE ئارقىلىق قاچىلىلاش ئۇسۇلى. ئۇبۇنتۇنىڭ يېڭى نەشىرىدە بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، بەك مۇقۇمسىز، 11.10 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، بولدى بۇ ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەڭ.
سىنكارتىسىنىڭ قوزىاتكۇچىسىنى قاچىلىغان لكىن پەقەت تەڭشەلمىدى قولسىلىپ تەڭشەپ باقتىم يەنە بولمىدى…سىنكارتىنىڭ…تىپى؛NVIDIA GeForce 9600 GT (512MB)