ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 11.04 تە 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش
ئېلان قىلىنغىلى374 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 4 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,366+

ئۇبۇنتۇ 11.04 تە 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان. compiz دا 3D ئۈستەل يۈزىنى ئېچىش ئۈچۈن كۇب سىن بەلگىسىنى باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك خاتالىق چىقىۋېلىپ، كىشىنى بىزار قىلغان.


ئۇبۇنتۇ 11.04 دە ئۈستەل يۈزى ئۇبۇنتۇنىڭ بۇرۇنقى نەشرلىرىدەك سۈكۈت تۆت دانە قىلىپ قويۇلغان. بىراق ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇبۇنتۇ 11.04 دە ئۈستەل ۋېرتىكال 2، گورىزونتال 2 قىلىنغان. بىز compiz ئارقىلىق 3D ئۈستەل ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈستەلنى ۋېرتىكال 1، گورىزونتال 4 قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى ئۈبۇنتۇ 11.04 دە compiz نىڭ تەڭشەش كۆزنىكىنىڭ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان General Options ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىراق بىۋاسىتە مۇشۇ يەردىن ئۆزگەرتسەك compiz يەنە ئۈستەل يۈزىنى ۋەيران قىلىدىكەن. بۇنى بىز compiz نىڭ compiz-1 سەپلىمە ھۆججىتىدىن ئۆزگەرتىمىز.
قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ كەتتىم. گەپنىڭ مېغىزى مەن بۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تۆۋەندىكى بىر بۇيرۇققا ئىخچاملىدىم. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بىر تېرمىنالدا ئىجرا قىلىمىز (بۇ ۋاقىتتا ئېكراندا ئازراق نورمالسىزلىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن، بىراق ھېچقىسى يوق)، تېرمىنالنى ئۆچۈرۈۋەتمەي تۇرۇپ compiz دىن ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان General Options نى تاللايمىز. ھەم ئۈستەل يۈزىنى ۋېرتىكال 1، گورىزونتال 4 قىلىمىز. رەسىمدىكىدەك.

gconftool-2 --type l --list-type string --set /apps/compiz-1/general/screen0/options/active_plugins "[core,bailer,detection,composite,opengl,compiztoolbox,decor,move,vpswitch,place,mousepoll,resize,staticswitcher,imgpng,regex,gnomecompat,grid,snap,zoom,session,animation,workarounds,fade,cube,expo,scale,rotate,unityshell,unitymtgrabhandles]" && (unity &)


سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ كىرىمىز. مانا بۇ مىنىڭ ئۈستەل يۈزۈم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 4 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 1

  1. ياۋايى : 2011-يىل 9-ئىيۇن13:23 جاۋاب

    مەن قىلالمىدىم

  2. ئىبرايىم : 2011-يىل 28-ئىيۇن21:14 جاۋاب

    بولسا تىرمىنالغا يازغان بۇيرۇقىڭىزنى بىر رەسىم تۇتۇپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
    ئىسىم خاتا يىزىلىپ قاپتۇ، شۇڭا قايتا يوللىدىم.

  3. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 23-ئۆكتەبىر17:20 جاۋاب

    بۇ بۇيرۇق 11.10 غىمۇ شۇنداق نورمال ئىشلىدى.

سىرىتتىن دەلىللەنگىنى: 1

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×